Osée 2
L'épouse infidèle est reprise
1بولمىسا، مەن ئۇنى قىپ-يالىڭاچ قىلىپ قويىمەن، تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ئانىدىن تۇغما قىلىپ قويىمەن؛ مەن ئۇنى خۇددى چۆل-باياۋانغا ئوخشاش قىلىمەن، ئۇنى بىر قاغجىراق يەرگە ئايلاندۇرىمەن، ئۇنى ئۇسسۇزلۇق بىلەن ئۆلتۈرىمەن؛ 2ئۇنىڭ بالىلىرىغا رەھىم قىلمايمەن، چۈنكى ئۇلار پاھىشىلىكلەردىن تۆرەلگەن بالىلاردۇر. 3چۈنكى ئۇلارنىڭ ئانىسى پاھىشىلىك قىلغان، ئۇلارنى قارنىدا كۆتۈرگۈچى نومۇسسىزلىق قىلغان؛ چۈنكى ئۇ: «مەن ماڭا نان ۋە سۈيۈمنى، يۇڭ ۋە كاناپىمنى، زەيتۇن مېيىم ۋە ئىچىملىك-شارابلىرىمنى تەمىنلىگۈچى ئاشنىلىرىمغا ئىنتىلىپ ئۇلارنى قوغلىشىمەن» ــ دېدى.
4ــ شۇڭا مانا، مەن يولۇڭنى تىكەن-جىغانلىقلار بىلەن چىتلاپ قورشىۋالىمەن، [ئىسرائىلنىڭ] ئەتراپىنى تام بىلەن توسىمەن، ئۇ چىغىر يوللىرىنى تاپالمايدىغان بولىدۇ. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاشنىلىرىنى قوغلايدۇ، بىراق ئۇلارغا يېتىشەلمەيدۇ؛ ئۇلارنى ئىزدەيدۇ، تاپالمايدۇ؛ شۇڭلاشقا ئۇ: «مەن بېرىپ بىرىنچى ئېرىمنى تېپىپ، ئۇنىڭ يېنىغا قايتىمەن؛ چۈنكى ئەھۋالىم بۈگۈنكىدىن ياخشى ئىدى» ــ دەيدۇ. 6ــ ئۇ زىرائەتلەرنى، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى، ئۆزلىرى «بائال» بۇتلارنى ياساشقا ئىشلەتكەن كۈمۈش-ئالتۇننى كۆپ قىلغۇچىنىڭ مەن ئىكەنلىكىمنى زادى بىلمىدى.
7شۇڭا مەن قايتىپ كېلىمەن، ئۇنىڭدىكى زىرائەتلىرىمنى ئۆز ۋاقتىدا، يېڭى شارابلىرىمنى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ كېتىمەن، ئۆزۈمدىكى ئۇلارنىڭ يالىڭاچلىقىنى يېپىشقا كېرەكلىك يۇڭ-كاناپلىرىمنى بەرمەي قايتۇرۇپ كېتىمەن؛ 8ھازىر مەن ئۇنىڭ نومۇسسىزلىقىنى ئاشنىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئاشكارىلايمەن، ھېچكىم ئۇنى قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 9شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ تاماشالىرىغا خاتىمە بېرىمەن؛ ئۇنىڭ ھېيتلىرىغا! ئۇنىڭ «يېڭى ئاي»لىرىغا! ئۇنىڭ «شابات»لىرىغا! قىسقىسى، ئۇنىڭ بارلىق «جامائەت ئىبادەت سورۇن»لىرىغا خاتىمە بېرىمەن!
10ۋە مەن ئۇنىڭ ئۈزۈم تاللىرىنى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرىنى ۋەيران قىلىمەن؛ ئۇ بۇلارنى: «بۇلار بولسا ئاشنىلىرىم ماڭا بەرگەن ئىش ھەققىلىرىمدۇر!» دېگەنىدى؛ مەن بۇلارنى جاڭگالغا ئايلاندۇرىمەن، ياۋايى ھايۋانلار ئۇلارنى يەپ كېتىدۇ. 11مەن ئۇنىڭ بېشىغا «بائال»لارنىڭ كۈنلىرىنى چۈشۈرىمەن؛ چۈنكى ئۇ [شۇ كۈنلىرىدە] ئۇلارغا ئىسرىق سالاتتى، ئۇ ئۆزىنى ئۈزۈكلىرى ۋە زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن پەردازلاپ، ئاشنىلىرىنى قوغلىشىپ، مېنى ئۇنتۇدى ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 12شۇڭا مانا، مەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالىمەن، ئۇنى دالاغا ئېلىپ كېلىمەن، كۆڭلىگە سۆزلەيمەن.
13شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا شۇ يەردە ئۈزۈمزارلىرىنى قايتۇرىمەن، «ئاقور جىلغىسى»نى «ئۈمىد ئىشىكى» قىلىپ بېرىمەن؛ ئاندىن ئۇ شۇ يەردە ياشلىق كۈنلىرىدىكىدەك، مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈنىدەك كۈي-ناخشا ئېيتىدۇ.
Je la conduirai au désert
14ۋە شۇ كۈنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ«سەن مېنى «ئېرىم» دەپ چاقىرىسەن، ئىككىنچى مېنى «بائال»ىم دېمەيسەن. 15چۈنكى مەن «بائال»لارنىڭ ناملىرىنى سېنىڭ ئاغزىڭدىن ئېلىپ تاشلايمەن، ئۇلار بۇ نامى بىلەن ئىككىنچى ھېچقانداق ئەسلەنمەيدۇ. 16شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار ئۈچۈن دالادىكى ھايۋانلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار ۋە يەر يۈزىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن؛ مەن ئوقيا، قىلىچ ۋە جەڭنى سۇندۇرۇپ زېمىندىن ئېلىپ تاشلايمەن؛ [خەلقىمنى] ئامان-ئېسەن ياتقۇزىمەن.
17شۇنداق قىلىپ مەن سېنى ئەبەدىلئەبەد ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ ھەققانىيلىقتا، مېھىر-مۇھەببەتتە، رەھىم-شەپقەتلەردە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن؛ 18ساداقەتلىكتە سېنى ئۆزۈمگە باغلايمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگارنى بىلىپ يېتىسەن. 19ۋە شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، «مەن ئاڭلايمەن» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «مەن ئاسمانلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايمەن، بۇلار يەر-زېمىننىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ 20يەر-زېمىن زىرائەتلەرنىڭ، يېڭى شاراب ۋە زەيتۇن مېيىنىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ؛ ۋە بۇلار «يىزرەئەل»نىڭ تەلىپىنى ئاڭلايدۇ!
21ۋە مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۇنى زېمىندا تېرىيمەن؛ مەن «لو-رۇھاماھ»غا رەھىم قىلىمەن؛ مەن «لو-ئاممى»غا: «مېنىڭ خەلقىم!» دەيمەن؛ ۋە ئۇلار مېنى: «مېنىڭ خۇدايىم!» ــ دەيدۇ.