Marc 16
Il est ressuscité
1شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. 2ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى. 3ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى.
4لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى. 5ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. 6لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي!
7لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى. 8ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى.
Jésus apparaît à Marie de Magdala
9ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. 10مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى. 11ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى.
Jésus apparaît à deux disciples
12بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى. 13بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى.
Allez dans le monde entier
14ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى. 15ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. 16ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ.
17ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، 18ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ.
Jésus est enlevé au ciel
19شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. 20مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى.