Marc 11
L'entrée à Jérusalem
1ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنداق قىلىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى ۋە ئۇ ھېلىلا ئۇنى بۇ يەرگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ» ــ دەڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. 2ئۇلار كېتىپ ئاچا يول ئۈستىدىكى ئۆينىڭ دەرۋازىسى سىرتىدا باغلاقلىق تۇرغان بىر تەخەينى كۆردى. ئۇلار تانىنى يەشتى. 3ئۇ يەردە تۇرغانلاردىن بەزىلەر: ــ تەخەينى يېشىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى.
4مۇخلىسلار ئەيسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك جاۋاب بەردى، ھېلىقى كىشىلەر ئۇلارغا يول قويدى. 5مۇخلىسلار تەخەينى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز يېپىنچا-چاپانلىرىنى تاشلىدى؛ ئۇ ئۈستىگە مىندى. 6ئەمدى نۇرغۇن كىشىلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى؛ باشقىلىرى دەرەخلەردىن شاخ-شۇمبىلارنى كېسىپ يولغا يايدى.
7ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! 8ئاتىمىز داۋۇتنىڭ كېلىدىغان پادىشاھلىقىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادا تەشەككۈر-ھوساننالار ئوقۇلسۇن!» ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. 9ئۇ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى؛ ۋە ئەتراپىدىكى ھەممىنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ۋاقىت بىر يەرگە بېرىپ قالغاچقا، ئون ئىككەيلەن بىلەن بىللە يەنە بەيت-ئانىياغا چىقتى.
10ئەتىسى، ئۇلار بەيت-ئانىيادىن چىققاندا، ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى. 11يىراقتىكى يوپۇرماقلىق بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى بايقاپ، ئۇنىڭدىن بىرەر مېۋە تاپالارمەنمىكىن دەپ يېنىغا باردى؛ لېكىن تۈۋىگە كەلگەندە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. چۈنكى بۇ ئەنجۈر پىشىدىغان پەسىل ئەمەس ئىدى.
Le figuier sans fruit
12ئۇ دەرەخكە سۆز قىلىپ: ــ بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ ھېچكىم سەندىن مېۋە يېمىگەي! ــ دېدى. مۇخلىسلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى. 13ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى؛ ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەشكە باشلىدى ۋە پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ شىرەلىرىنى، پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈۋەتتى؛ 14ۋە ھېچكىمنىڭ ھېچقانداق مال-بۇيۇملارنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن كۆتۈرۈپ ئۆتۈشىگە يول قويمىدى.
Jésus purifie le temple
15ئۇ خەلققە: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم بارلىق ئەللەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتخانا دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن ئەمەسمۇ؟ لېكىن سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار! ــ دەپ تەلىم باشلىدى. 16باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى يوقىتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدەشكە باشلىدى؛ پۈتكۈل خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە تەئەججۇپلىنىپ قالغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن قورقاتتى. 17كەچقۇرۇن، ئۇ [مۇخلىسلىرى] [بىلەن] شەھەرنىڭ سىرتىغا چىقىپ كەتتى.
18ئەتىسى سەھەردە، ئۇلار ئەنجۈر دەرىخىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى بايقاشتى. 19[دەرەخنىڭ ھالىتىنى] ئېسىگە كەلتۈرگەن پېترۇس: ــ ئۇستاز، قارا، سەن قارغىغان ئەنجۈر دەرىخى قۇرۇپ كېتىپتۇ! ــ دېدى.
Le figuier desséché et la foi
20ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ ئىشەنچىدە بولۇڭلار. 21مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، كىمدەكىم بۇ تاغقا: بۇ يەردىن كۆتۈرۈلۈپ دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە شۇنداقلا قەلبىدە ھېچ گۇمان قىلماي، بەلكى ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ بار بولسا، ئۇ ئېيتقان ئىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلگە ئاشىدۇ. 22شۇ سەۋەبتىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەربىر نەرسە بولسا، شۇنىڭغا ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تىلىگىنىڭلار ئەمەلگە ئاشىدۇ.
23ۋە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە غۇمىڭلار بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇنىڭ بىلەن ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 24لېكىن سىلەر باشقىلارنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلمايدۇ. 25ئۇلار يېرۇسالېمغا قايتىدىن كىردى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئايلىنىپ يۈرگەندە، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: 26ــ سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ئىشلارنى قىلىش ھوقۇقىنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى.
Par quelle autorité
27ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر سوئال سوراي. سىلەر ئۇنىڭغا جاۋاب بەرسەڭلار، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتىپ بېرىمەن: 28ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش بولسا، ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ماڭا جاۋاب بەرسەڭلارچۇ! 29ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.
30ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك،... بولمايدۇ! ــ دېيىشتى (كۆپچىلىك يەھيانى پەيغەمبەر دەپ قارىغاچقا، ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى). 31بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەيساغا: ــ بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.