Luc 24

Pourquoi cherchez-vous le vivant parmi les morts

1ئەمدى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تاڭ يۇراي دەپ قالغاندا، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان ئەتىرلەرنى ئېلىپ، قەبرىگە كەلدى. 2ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى؛ 3ۋە قەبرىگە كىرىپ قارىۋىدى، رەب ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى.

4ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بۇنىڭدىن پاتىپاراق بولۇپ تۇرغاندا، مانا، نۇر چاقناپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيگەن ئىككى زات ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. 5ئاياللار قاتتىق ۋەھىمگە چۈشۈپ، يۈزلىرىنى يەرگە يېقىشتى. ئىككى زات ئۇلارغا: ــ نېمە ئۈچۈن تىرىك بولغۇچىنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 6ۋە ئۇلار ئۇنىڭ [دەل] شۇنداق دېگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى؛ 7ۋە قەبرىدىن قايتىپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئون بىرەيلەنگە، شۇنداقلا قالغان مۇخلىسلارنىڭ ھەممىسىگە يەتكۈزدى.

8روسۇللارغا بۇ ئىشلارنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا ماگداللىق مەريەم، يوئاننا ۋە ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئۇلار بىلەن بىللە بولغان باشقا ئاياللار ئىدى. 9لېكىن [ئاياللارنىڭ بۇ ئېيتقانلىرى] ئۇلارغا ئەپسانىدەك بىلىندى، ئۇلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 10بىراق پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، قەبرىگە يۈگۈرۈپ باردى. ئۇ ئېڭىشىپ قەبرە ئىچىگە قارىۋىدى، يالغۇز كاناپ كېپەنلىكنىڭ تىلىم-تىلىم پارچىلىرىنى كۆرۈپ، يۈز بەرگەن ئىشلارغا تەئەججۈپلىنىپ ئۆيگە قايتىپ كەتتى.

11ۋە مانا، شۇ كۈندە ئۇلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن كەنتكە كېتىپ باراتتى. 12ئۇلار يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى.

Le chemin d'Emmaüs

13ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار سۆزلىشىپ-مۇلاھىزىلىشىپ كېتىۋاتقاندا، مانا ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى؛ 14لېكىن ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇنى تونۇشتىن تۇتۇلدى. 15ئۇ ئۇلاردىن: ــ كېتىۋېتىپ نېمە ئىشلار توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار قايغۇلۇق قىياپەتتە توختاپ، 16ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى جاۋاب بېرىپ: ــ يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، مۇشۇ كۈنلەردە شۇ يەردە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن بىردىنبىر خەۋەر تاپمىغان مۇساپىر سەن ئوخشىمامسەن؟! ــ دېدى.

17ۋە ئۇ ئۇلاردىن: ــ نېمە ۋەقەلەر بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. «ناسارەتلىك ئەيساغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر!» ــ دېدى ئۇلار، ــ «ئۇ ئۆزى خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، بارلىق خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ ئەمەلدە ۋە سۆزدە قۇدرەتلىك بىر پەيغەمبەر بولۇپ، 18باش كاھىنلار ۋە ھۆكۈمدارلىرىمىز ئۇنى ئۆلۈم ھۆكۈمىگە تاپشۇرۇپ، كرېستلەتتى. 19بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىلغا ھەمجەمەت بولۇپ ئازاد قىلىدىغان زات ئىكەن، دەپ ئۈمىد قىلغانىدۇق. لېكىن ئىشلار شۇنداق بولدى، ھازىر بۇ ۋەقەلەر يۈز بەرگىنىگە ئۈچىنچى كۈن بولدى؛ 20يەنە كېلىپ، ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال ھەم بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۇۋەتتى. چۈنكى ئۇلار بۈگۈن تاڭ سەھەردە قەبرىگە بېرىپتىكەن، 21ئۇنىڭ جەسىتىنى تاپالماي قايتىپ كېلىپ: «بىزگە بىرنەچچە پەرىشتە غايىبانە كۆرۈنۈشتە ئايان بولۇپ، «ئۇ تىرىك!» دېدى» دەپ ئېيتىپتۇ.

22بۇنىڭ بىلەن ئارىمىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ دەل ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى بايقاپتۇ. لېكىن ئۇنى ئۇلارمۇ كۆرمەپتۇ». 23ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئەي نادانلار، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئىشىنىشكە قەلبى گاللار! 24مەسىھنىڭ ئۆزىگە خاس شان-شەرىپىگە كىرىشتىن بۇرۇن، مۇشۇ جاپا-مۇشەققەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈشى مۇقەررەر ئەمەسمىدى؟ ــ دېدى.

25ئاندىن پۈتۈن تەۋرات-زەبۇردىن، مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدىن باشلاپ ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن پۈتۈلگەنلىرىنى ئۇلارغا شەرھ بېرىپ چۈشەندۈردى. 26ئۇلار بارىدىغان كەنتكە يېقىنلاشقاندا، ئۇ يىراقراق بىر يەرگە بارىدىغاندەك تۇراتتى. 27لېكىن ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ: ــ كەچ كىرىپ قالدى، ھېلىلا كۈن ئولتۇرىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قالغىن، ــ دەپ ئۆتۈندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلار بىلەن قونغىلى ئۆيگە كىردى.

28ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۇلار بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا تۇتتى. 29ئۇلارنىڭ كۆزلىرى شۇئان ئېچىلىپ، ئۇنى تونۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ ئالدىدىن غايىب بولدى. 30ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، بىزگە مۇقەددەس يازمىلارغا شەرھ بەرگەندە، يۈرەك-باغرىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! ــ دېيىشتى.

31شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ئۇ ناننى ئوشتۇۋاتقاندا ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە قانداق تونۇلغىنىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 32ۋە ئۇلار بۇ ئىشلار ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، [ئەيسا] ئۆزى توساتتىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. 33ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە، دەپ خىيال قىلىپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ ۋەھىمىگە چۈشتى.

34ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىگە شۇنچە ئالاقزادە بولۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىشقا قەلبىڭلاردا شەك-گۇمان چىقىپ تۇرىدۇ؟ 35قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا قاراپ بېقىڭلار! مېنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار! مېنى تۇتۇپ كۆرۈڭلار، روھنىڭ ئەت بىلەن سۆڭىكى يوق، لېكىن مەندە بارلىقىنى كۆرىسىلەر، ــ دېدى.

Jésus apparaît aux disciples

36ۋە شۇنداق دېگەچ ئۇلارغا پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 37ئۇلار خۇشلۇقتىن [كۆزلىرىگە] ئىشەنگۈسى كەلمەي ھەيرانۇھەس تۇرغىنىدا ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنىڭ بۇ يەردە يېگۈدەك نەرسەڭلار بارمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 38ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپى ۋە بىر پارچە ھەسەل كۆنىكىنى ئۇنىڭغا سۇنۇۋىدى، 39ئۇ ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.

40ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مانا بۇ مەن سىلەر بىلەن بولغان ۋاقتىمدا سىلەرگە ئېيتقان: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات قانۇنى، پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا مېنىڭ توغرامدا پۈتۈلگەننىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ» دېگەن سۆزلىرىم ئەمەسمۇ؟ ــ دېدى. 41شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زېھىنلىرىنى ئاچتى 42ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ [مۇقەددەس يازمىلاردا] شۇنداق ئالدىن پۈتۈلگەنكى ۋە شۇ ئىش مەسىھنىڭ ئۆزىگە توغرا كەلدىكى، ئۇ ئازاب چېكىپ، ئۈچىنچى كۈنىدە ئۆلگەنلەر ئارىسىدىن تىرىلىدۇ، 43ئاندىن ئۇنىڭ نامى بىلەن «توۋا قىلىڭلار، گۇناھلارنىڭ كەچۈرۈمىگە مۇيەسسەر بولۇڭلار» دېگەن خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ بارلىق ئەللەرگە جاكارلىنىدۇ.

44سىلەر ئەمدى بۇ ئىشلارغا گۇۋاھچىدۇرسىلەر. 45ۋە مانا، مەن ئاتامنىڭ ۋەدە قىلغىنىنى ۋۇجۇدۇڭلارغا ئەۋەتىمەن. لېكىن سىلەر يۇقىرىدىن چۈشىدىغان كۈچ-قۇدرەت بىلەن كىيگۈزۈلگۈچە، بۇ شەھەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار». 46ۋە ئۇ ئۇلارنى بەيت-ئانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارنى بەرىكەتلىدى.

47ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلارنى بەرىكەتلىگەندە ئۇ ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 48ئۇلار ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى ۋە زور خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 49ھەردائىم ئىبادەتخانىدا تۇرۇپ خۇداغا شۈكۈر-سانا ئوقۇشۇپ تۇردى.

Copié !
Aa