Jacques 1

Une salutation de Jacques

1خۇدانىڭ ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇلى بولغان مەنكى ياقۇپتىن تارقاق تۇرۇۋاتقان مۇھاجىر ئون ئىككى قەبىلىگە سالام!

Regardez comme un sujet de joie

2ئى قېرىنداشلىرىم، ھەرقانداق سىناقلارغا دۇچ كەلسەڭلار، بۇنى زور خۇشاللىق دەپ بىلىڭلار. 3چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، بۇنداق ئېتىقادىڭلارنىڭ سىنىلىشى سىلەردە سەۋر-چىداملىق شەكىللەندۈرىدۇ؛ 4سەۋر-چىداملىقنىڭ خىسلىتى قەلبىڭلاردا تۇرۇپ شۇنداق پىشىپ يېتىلسۇنكى، شۇنىڭ بىلەن سىلەر پىشقان، مۇكەممەل ۋە كەم-كۇتىسىز بولىسىلەر.

5بىراق ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرسى دانالىققا موھتاج بولسا، ھەممىگە سېخىيلىق بىلەن بېرىدىغان شۇنداقلا ئەيىبلىمەيدىغان خۇدادىن تىلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا چوقۇم ئاتا قىلىنىدۇ. 6بىراق ئۇ ھېچ دېلىغۇل بولماي ئىشەنچ بىلەن تىلىسۇن؛ چۈنكى دېلىغۇل كىشى خۇددى شامالدا ئۇرۇلۇپ ئۇيان-بۇيان يەلپۈنگەن دېڭىز دولقۇنىغا ئوخشايدۇ. 7ئۇنداق كىشى رەبدىن بىرەر نەرسىگە ئېرىشىمەن، دەپ ھېچ خىيال قىلمىسۇن؛ 8ئۇنداقلار ئۈجمە كۆڭۈل بولۇپ، بارلىق يوللىرىدا تۇتامى يوق ئادەمدۇر.

9قۇياش چىقىپ قىزىغاندا، ئوت-چۆپلەرنى قۇرۇتىدۇ، گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ-دە، ئۇنىڭ گۈزەللىكى يوقىلىدۇ؛ باي ئادەملەر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، ئۆز ھەلەكچىلىكىدە يوقىلىدۇ. 10سىناقلارغا [سەۋرچانلىق بىلەن] بەرداشلىق بەرگەن كىشى نەقەدەر بەختلىك-ھە! چۈنكى ئۇ سىناقتىن ئۆتكەندىن كېيىن، [خۇدا] ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە ۋەدە قىلغان ھايات تاجىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. 11ئادەم ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەندە «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دېمىسۇن. چۈنكى خۇدا يامان ئىشلار بىلەن ئازدۇرۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ.

12بەلكى بىرسى ئازدۇرۇلغاندا، ئۆز ھەۋەس-نەپسى قوزغىلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرگەن بولىدۇ؛

Tout don parfait vient d'en haut

13ئاندىن ھەۋەس-نەپس ھامىلىدار بولۇپ گۇناھنى تۇغىدۇ؛ گۇناھ ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. 14شۇڭا سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ئالدىنىپ قالماڭلار! 15بارلىق يۈكسەك سېخىيلىق ۋە ھەربىر مۇكەممەل ئىلتىپات يۇقىرىدىن، يەنى [ئاسماندىكى] [بارلىق] يورۇقلۇقلارنىڭ ئاتىسىدىن چۈشۈپ كېلىدۇ؛ ئۇنىڭدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ ياكى ئۇنىڭدا «ئايلىنىش» بىلەن ھاسىل بولىدىغان كۆلەڭگىلەرمۇ بولمايدۇ.

16ئۇ بىزنى [ئۆزى ياراتقان بارلىق] مەۋجۇداتلارنىڭ ئىچىدە ئۆزىگە دەسلەپ پىشقان مېۋىدەك بولسۇن دەپ، ئۆز ئىرادىسى بويىچە بىزنى ھەقىقەتنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تۇغدۇردى. 17شۇنىڭ بىلەن، ئى سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، ھەر ئادەم ئاڭلاشقا تېز تەييار تۇرسۇن، سۆزلەشكە ئالدىرىمىسۇن، غەزەپلىنىشكە ئالدىرمىسۇن. 18چۈنكى ئىنساننىڭ غەزىپى خۇدانىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېلىپ كەلمەيدۇ.

Soyez des pratiquants de la parole

19شۇنىڭ ئۈچۈن، بارلىق ئىپلاسلىقلارنى ۋە قىنىڭلارغا پاتمايۋاتقان رەزىللىكنى تاشلاڭلار، [قەلبىڭلاردا] يىلتىز تارتقۇزۇلغان، سىلەرنى قۇتقۇزالايدىغان سۆز-كالامنى كەمتەرلىك-مۆمىنلىك بىلەن قوبۇل قىلىڭلار. 20ئەمما ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ پەقەت سۆز-كالامنى ئاڭلىغۇچىلاردىن بولماڭلار، بەلكى ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن بولۇڭلار. 21لېكىن ئاشۇ كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدىغان مۇكەممەل قانۇنغا ئەستايىدىللىق بىلەن داۋاملىق قاراپ، ئۇنتۇغاق ئاڭلىغۇچى بولماي، بەلكى ئۇنىڭ ئىچىدە ياشاپ ئىجرا قىلغۇچى بولغان كىشى ئىشلىرىدا بەختلىك قىلىنىدۇ.

22بىرسى ئۆزىنى ئىخلاسمەن ئادەممەن دەپ ھېسابلىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن بولسا، ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ؛ بۇنداق كىشىنىڭ ئىخلاسمەنلىكى بىھۇدىلىكتۇر. 23خۇدائاتىمىزنىڭ نەزىرىدىكى پاك ۋە داغسىز ئىخلاسمەنلىك شۇكى، قىيىنچىلىقتا قالغان يېتىم-يېسىر، تۇل خوتۇنلارنى يوقلاپ، ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۆزىنى بۇ دۇنيانىڭ بۇلغىشىدىن داغسىز ساقلاشتۇر.

Copié !
Aa