1 Corinthiens 16

La collecte pour les saints

1ئەمدى مۇقەددەس بەندىلەر ئۈچۈن ئىئانە توپلاش توغرۇلۇق، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتلەرگە تاپىلىغىنىمدەك قىلىڭلار. 2ھەر ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ھەربىرىڭلار تاپاۋىتىڭلارنىڭ بەرىكىتى بويىچە ئۇنىڭدىن بىر ئۈلۈشىنى ئاجرىتىپ ئۆز يېنىڭلاردا ساقلاپ قويۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، كەلگەن ۋاقتىمدا ئىئانە توپلاش ھاجەت بولمايدۇ. 3مەن كەلگىنىمدە، سىلەر قايسى ئادەملەرنى لايىق كۆرۈپ تاللىساڭلار، مەن شۇلارغا [تونۇشتۇرۇش] خەتلىرىنى يېزىپ بېرىپ مۇشۇ ئىئانە-شەپقىتىڭلارنى يېرۇسالېمغا ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتىمەن.

4مېنىڭمۇ بېرىشىم مۇۋاپىق كۆرۈلسە، ئۇلار ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارىدۇ.

Les projets de voyage de Paul

5ئەمما مەن ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يېنىڭلارغا كېلىمەن ــ چۈنكى مەن ماكېدونىيەدىن ئۆتمەكچىمەن ــ 6بەلكىم مەن سىلەر بىلەن بىللە بىر مەزگىل تۇرۇشۇم مۇمكىن، ھەتتا يېنىڭلاردا قىشلاپ قېلىشىممۇ مۇمكىن؛ شۇنىڭدەك ئاندىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. 7چۈنكى بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن، بەلكى رەب بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن بىللە ئۇزۇنراق بىر مەزگىل تۇرغۇم بار.

8ئەمما مەن ئەفەسۇس شەھىرىدە ئورما ھېيتىغىچە تۇرماقچىمەن. 9چۈنكى [مۇشۇ يەردە] ماڭا ئاجايىب چوڭ، ئۇتۇق-مېۋە بېرىۋاتقان بىر ئىشىك كەڭ ئېچىلدى، شۇنىڭدەك قارشى چىققۇچىلارمۇ كۆپ.

Timothée et Apollos

10تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ تۇرسا، ئۇنىڭ ئاراڭلاردا قورقماي ئەركىن-ئازادە يۈرۈشىگە كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش رەبنىڭ خىزمىتىنى ئىشلەۋاتىدۇ. 11شۇڭا ھېچكىم ئۇنى تۆۋەن كۆرمىسۇن؛ بەلكى ئۇنى مېنىڭ يېنىمغا كېلىشى ئۈچۈن ئامان-ئېسەن ئۇزىتىپ يولغا سېلىپ قويۇڭلار؛ چۈنكى ئۇنىڭ قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن. 12ئەمما قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەم، ئۇنىڭدىن قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ ئۆتۈندۈم. لېكىن ئۇنىڭ ھازىرچە بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.

Tenez ferme et faites tout avec amour

13ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇڭلار؛ مەردانە ئەردەك بولۇڭلار! قەيسەر بولۇڭلار! 14سىلەرنىڭ قىلغان ھەممە ئىشىڭلار مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىنسۇن. 15ئەمما [يېنىڭلاردىن] ستىفاناس، فورتۇناتۇس ۋە ئاقايىكۇسنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن شادلاندىم؛ چۈنكى ئۇلار سىلەر تەرەپتىن كەم بولغانلىرىنى تولۇقلاپ بەردى.

16چۈنكى ئۇلار مېنىڭ روھىمنى ۋە ھەم سىلەرنىڭكىنىمۇ يېڭىلاندۇردى؛ شۇڭا شۇنداق ئادەملەرنى ئەتىۋارلاپ ھۆرمەتلەڭلار. 17ئاسىيادىكى جامائەتلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا ۋە پرىسكىللا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان جامائەتتىنمۇ رەبدە سىلەرگە قىزغىن سالام يوللايدۇ. 18قېرىنداشلارنىڭ ھەممىسى سىلەرگە سالام يوللايدۇ. بىر-بىرىڭلار بىلەن پاك سۆيۈشلەر بىلەن سالاملىشىڭلار.

Les salutations finales

19مانا، مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن سالام يېزىۋاتىمەن! 20ھەركىم رەب ئەيسا مەسىھنى سۆيگۈچى بولمىسا، ئۇنىڭغا لەنەت بولسۇن! رەببىمىز، كەلگەيسەن! 21رەب ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!

22مېنىڭ مەسىھ ئەيسادا بولغان مۇھەببىتىم ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي. ئامىن!

Copié !
Aa