1 Corinthiens 1
Paul salue l'Église de Corinthe
1ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي! 2خۇدانىڭ مەسىھ ئەيسادا سىلەرگە ئاتا قىلىنغان مېھىر-شەپقىتى تۈپەيلىدىن خۇدايىمغا ھەردائىم تەشەككۈر ئېيتىمەن؛ 3بۇنىڭ بىلەن سىلەر ئۇنىڭدا ھەر تەرەپتە، ھەرقانداق سۆزدە، ھەر تەرەپتىكى بىلىملەردە باي قىلىنغانسىلەر،
Enrichis en toutes choses
4خۇددى مەسىھنىڭ گۇۋاھلىقى سىلەردە تەستىقلانغاندەك. 5شۇنىڭ بىلەن سىلەردە ھەرقانداق روھىي ئىلتىپات كەملىك قىلماستان، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئايان قىلىنىشىنى كۈتىسىلەر؛ 6ئۇ يەنە سىلەرنى مۇستەھكەملەيدۇكى، رەب ئەيسا مەسىھنىڭ كۈنى كەلگۈچە ئەيىبسىز ساقلىنىسىلەر؛ 7خۇدا سۆزىدە تۇرغۇچىدۇر ــ سىلەرنى ئۆز ئوغلى رەب ئەيسا مەسىھنىڭ سىرداش-ھەمدەملىكىگە چاقىرغۇچى دەل ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.
8ئەمدى مەن سىلەردىن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، ئى قېرىنداشلار، گېپىڭلار بىر يەردىن چىقسۇن، ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلىك بولمىسۇن، بىر پىكىردە، بىر نىيەتتە كامىل بىرلەشتۈرۈلۈڭلار؛ 9چۈنكى كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ماڭا سىلەر توغراڭلاردا ئېيتىشىچە، ئى قېرىنداشلىرىم، ئاراڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن.
Christ est-il divisé
10دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، ھەربىرىڭلار: «مەن پاۋلۇسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن ئاپوللوسنىڭ تەرەپدارى»، «مەن كېفاسنىڭ تەرەپدارى» ۋە «مەن مەسىھنىڭ تەرەپدارى» دەۋاتىسىلەر. 11ئەجەبا، مەسىھ بۆلۈنگەنمىكەن؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستلەنگەن ئادەم پاۋلۇسمىدى؟ سىلەر پاۋلۇسنىڭ نامىغا چۆمۈلدۈرۈلدۈڭلارمۇ؟ 12مەن خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىمەنكى، ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىدىم؛ 13شۇنىڭ بىلەن ھېچكىم مېنى ئۆزىنىڭ نامىدا ئادەملەرنى چۆمۈلدۈردى، دېيەلمەيدۇ.
14دۇرۇس، مەن يەنە ئىستىفاناسنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم؛ باشقا بىراۋنى چۆمۈلدۈرگىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. 15چۈنكى مەسىھ مېنى ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئەۋەتتى؛ ئۇنى جاكارلاش بولسا ئىنساننىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۇنداق بولغاندا مەسىھنىڭ كرېستتىكى [قۇربانلىقىنىڭ] كۈچى يوقىتىلغان بولىدۇ. 16چۈنكى كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرۇلۇق سۆز-كالام ھالاكەتكە كېتىۋاتقانلارغا ئەخمەقلىق، ئەمما قۇتۇلدۇرۇلۇۋاتقان بىزلەرگە خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىدۇر.
17چۈنكى مۇنداق پۈتۈلگەنكى، «مەن دانىشمەنلەرنىڭ دانىشمەنلىكىنى يوقىتىمەن، ئاقىللارنىڭ ئاقىللىقىنى چەتكە قاقىمەن».
Le message de la croix
18ئۇنداقتا، دانىشمەنلەر قېنى؟ تەۋرات ئۆلىمالىرى قېنى؟ بۇ دۇنيادىكى بەس-مۇنازىرە قىلغۇچىلار قېنى؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى ئەخمەقلىق دەپ كۆرسەتكەن ئەمەسمۇ؟ 19چۈنكى خۇدا دانالىقى بىلەن بېكىتكىنى بويىچە، دۇنيا ئۆز دانالىقى ئارقىلىق خۇدانى تونۇمىغان، شۇڭا خۇدا ئەخمىقانە دەپ قارالغان، جاكارلىنىۋاتقان سۆز-كالام ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچىلەرگە نىجاتلىق يەتكۈزۈشنى لايىق كۆرگەن. 20چۈنكى يەھۇدىيلار مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى، گرېكلار بولسا «دانالىق»نى تەلەپ قىلىدۇ؛ 21ئەمما بىز بولساق مەسىھنى، يەنى كرېستلەنگەن مەسىھنى جاكارلايمىز؛ بۇ يەھۇدىيلارغا نىسبەتەن بىزارلىق ئىش، ئەللەرگە نىسبەتەن ئەخمىقانىلىك دەپ قارىلىدۇ؛ 22ئەمما چاقىرىلغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى يەھۇدىيلار بولسۇن ياكى گرېكلار بولسۇن، مەسىھ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ دانالىقىدۇر.
23چۈنكى خۇدانىڭ ئەخمىقانىلىكى ئىنسانلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈندۇر، خۇدانىڭ ئاجىزلىقى ئىنسانلارنىڭ كۈچىدىن ئۈستۈندۇر. 24چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ھالىڭلار ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىڭلار؛ چاقىرىلغانلار ئارىسىدا ئىنسانىي تەرەپتىن دانا قارالغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، كۈچ-ھوقۇققا ئىگە بولغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس، ئاقسۆڭەكلەر ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى؛ 25بەلكى خۇدا دانالارنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئەخمەق سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛ كۈچلۈكلەرنى خىجالەتكە قالدۇرۇش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئاجىز سانالغانلارنى تاللىۋالدى؛
Dieu a choisi les choses faibles
26ئۇ يەنە بۇ دۇنيادىكى قەدىرسىزلەرنى، پەس كۆرۈلىدىغانلارنى تاللىۋالدى، «يوق بولغان نەرسىلەر»نى مەۋجۇت شەيئىلەرنى يوققا چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن تاللىۋالدى. 27ئۇنىڭ مەقسىتى خۇدا ئالدىدا ھېچ ئەت ئىگىسى ماختانماسلىق ئۈچۈندۇر. 28ئەمما ئۇنىڭ تەرىپىدىن سىلەر مەسىھ ئەيسادا تۇرىسىلەر؛ ئۇ بىزگە خۇدادىن كەلگەن دانالىق، ھەققانىيلىق، پاك-مۇقەددەسلىك ۋە ھۆرلۈك-ئازادلىق قىلىنغاندۇر؛ 29شۇنىڭدەك [تەۋراتتا] پۈتۈلگەندەك: «پەخىرلىنىپ ماختىغۇچى بولسا رەبدىن پەخىرلىنىپ ماختىسۇن!».