Salmi 84
Quanto sono amabili le tue dimore
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «گىتتىف»تا چېلىنسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ماكانلىرىڭ نەقەدەر ئەزىزدۇر، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار! 2جېنىم پەرۋەردىگارنىڭ ھويلىلىرىغا تەشنا بولۇپ، سېغىنىپ ھەتتا ھالىدىن كېتار، دىلىم ۋە ئەتلىرىم ھايات تەڭرىگە تەلمۈرۈپ نىدا قىلار؛ 3مانا، قۇچقاچمۇ تاپقان مۇبارەك بىر ماكاننى، قارلىغاچمۇ ئۆزىگە ھەم بالا تۇغىدىغان ئۇۋا ياسايدىغان جاينى تاپقان، ــ يەنى سېنىڭ قۇربانگاھلىرىڭدىن، ئى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ پادىشاھىم، مېنىڭ خۇدايىم!
4سېنىڭ ئۆيۈڭدە تۇرۇۋاتقانلار بەختلىكتۇر! ئۇلار توختىماستىن سېنى مەدھىيىلەيدۇ. سېلاھ. 5كۈچ-قۇدرىتى سەندىن بولغان كىشى بەختلىكتۇر ــ قەلبىدە كۆتۈرۈلمە يوللار بولغانلار؛ 6يىغا ۋادىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇلار ئۇنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرار؛ بەرھەق، كۈز يامغۇرلىرى ئۇنى بەرىكەتلەرگە تولدۇرىدۇ.
7ئۇلار كۈچىگە-كۈچ ئۇلاپ مېڭىۋېرەر؛ ھەربىرى زىئونغا يېتىپ كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ھازىر بولار. 8ئى ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، دۇئايىمنى ئاڭلىغايسەن؛ ئى ياقۇپنىڭ خۇداسى، قۇلاق سالغايسەن! سېلاھ. 9قارا، ئى قالقىنىمىز بولغان خۇدا، ئۆزۈڭ مەسىھ قىلغىنىڭنىڭ يۈزىگە ئىلتىپات بىلەن قارىغىن!
10چۈنكى سېنىڭ ھويلىلىرىڭدا ئۆتكەن بىر كۈن باشقا يەردە ئۆتكەن مىڭ كۈندىن ئەلادۇر؛ رەزىللەرنىڭ چېدىرلىرىدە ياشىغاندىن كۆرە، خۇدايىمنىڭ ئۆيىنىڭ بوسۇغىسىدا تۇرغىنىم ياخشىدۇر. 11پەرۋەردىگار خۇدا قۇياش ۋە قالقاندۇر، پەرۋەردىگار شاپائەت ۋە شان-شۆھرەت بەخش ئېتىدۇ؛ دۇرۇس ماڭغانلاردىن ئۇ ھەرقانداق ئىلتىپاتنى ھېچ ئايىمايدۇ؛ 12ساماۋىي قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، بەختلىكتۇر ساڭا تايانغان ئىنسان!