Salmi 83
Non tacere, o Dio
1ئاسافنىڭ كۈي-ناخشىسى: ــ ئۈن چىقارماي تۇرۇۋالما، ئى خۇدا، سۈكۈت قىلىپ جىم تۇرۇۋالما، ئى تەڭرىم! 2چۈنكى مانا، سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ داۋراڭ قىلماقتا، ساڭا ئۆچمەنلەر باش كۆتۈرمەكتە. 3ئۇلار قۇۋلۇق بىلەن سۇيىقەست قىلار خەلقىڭگە، قارشى پىلان تۈشُۈشەر سەن قەدىرلىگەنلەرگە.
4ئېيتار ئۇلار: ــ «يۈرۈڭلار، بارچە قوۋم قاتارىدىن يوق قىلايلى ئۇلارنى! ئېلىنمىسۇن ئېغزاىڭغا قايدا نئىسرائىلنىڭ نامىنى!». 5ئۇلار ھەمنەپەس، ھەمدىل مەسلىھەتلەشتى؛ ئۇلار ساڭا قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. 6مانا، ئېدوم ۋە ئىسمائىللارنىڭ چېدىرلىرى، موئاب ھەم ھاگرىيلار؛ 7گەبال، ئاممون، ۋە ئامالەك؛ فىلىستىيە ھەمدە تۇر ئاھالىلىرى، 8ئاسۇرىيەمۇ ئۇلارغا قوشۇلدى؛ ئۇلار لۇت ئوغۇللىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ كەلگەنىدى. سېلاھ.
9سەن كىشون دەرياسىدا مىدىيانىيلارغا، سىسېراغا ۋە يابىنغا قانداق تاقابىل تۇرغان بولساڭ، ئۇلارغىمۇ شۇنداق قىلغايسەن؛ 10بۇلار ئەن-دور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، يەر ئۈچۈن تىزەك-ئوغۇتقا ئايلانغانىدى. 11ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرىنى ئورەب ۋە زېئەبكە، ئۇلارنىڭ داھىيلىرىنى زەباھ ھەم زالمۇنناغا ئوخشاش قىلغايسەن؛ 12چۈنكى ئۇلار دەپ ئېيتقان: «خۇدانىڭ چىمەن-يايلاقلىرىنى ئۆزىمىزگە مۈلۈك قىلىۋالايلى!».
13ئى خۇدايىم، ئۇلارنى دومىلىنىدىغان قامغاقتەك، شامالدا ئۇچۇرۇلغان سامان كەبى سورۇۋەتكەيسەن. 14ئوت ئورمانلىققا تۇتاشقانغا ئوخشاش، يالقۇن تاغلارنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، 15سەن يەنە ئۇلارنى بورىنىڭ بىلەن قوغلىغايسەن، قارا قۇيۇنىڭ بىلەن ۋەھىمىگە سالغايسەن؛ 16ئۇلارنىڭ سېنىڭ نامىڭنى ئىزدىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى شەرم-ھايا بىلەن چۆمدۈرگەيسەن، ئى پەرۋەردىگار!
17ئۇلار نومۇستىن ئەبەدىي شەرمەندە بولغاي، جاھانغا رەسۋا بولۇپ يوقىتىلغاي. 18ئۇلار بىلسۇنكى، نامىڭ پەرۋەردىگار بولغان سەنلا پۈتكۈل جاھاندىكى ئەڭ ئالىي بولغۇچىدۇرسەن.