诗篇 112
敬畏耶和华的,这人便为有福
1ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان، ئۇنىڭ ئەمرلىرىنى زور خۇرسەنلىك دەپ بىلىدىغان ئادەم بەختلىكتۇر! 2ئۇنىڭ نەسلى زېمىندا تۇرۇپ كۈچ-قۇدرەتلىك بولىدۇ؛ دۇرۇسلارنىڭ دەۋرى بەختلىك بولىدۇ. 3ئۇنىڭ ئۆيىدە دۆلەت ھەم بايلىقلار بولىدۇ؛ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ.
4قاراڭغۇلۇقتا تۇرغان دۇرۇس ئادەمگە نۇر پەيدا بولىدۇ؛ ئۇ شەپقەتلىك، رەھىمدىل ھەم ھەققانىيدۇر. 5خەيرخاھ، ئۆتنە بېرىپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇ ئۆز ئىشلىرىنى ئادىللىق بىلەن يۈرگۈزىدۇ. 6بەرھەق، ئۇ ئەبەدىي تەۋرىتىلمەيدۇ؛ ھەققانىي ئادەم مەڭگۈگە ئەسلىنىدۇ.
7ئۇ شۇم خەۋەردىن قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ كۆڭلى توق ھالدا، پەرۋەردىگارغا تايانغان. 8دىلى مەھكەم قىلىنغان، ئۇ قورقمايدۇ؛ ئاخىرىدا ئۇ رەقىبلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرىدۇ. 9ئۇ ئۆزىنىڭكىنى مەردلەرچە تارقاتقان، يوقسۇللارغا بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى مەڭگۈگە تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ مۈڭگۈزى ئىززەت-شۆھرەت بىلەن كۆتۈرۈلىدۇ.
10رەزىل ئادەم بۇنى كۆرۈپ چىدىمايدۇ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ، ئۇ ئېرىپ كېتىدۇ؛ رەزىللەرنىڭ ئارزۇ-ھەۋىسى يوقىتىلىدۇ.