使徒行传 1

耶稣开头所行的

1ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتقاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆپ ئىسپاتلار بىلەن ئۆزىنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن؛ ئۇ ئۇلارغا قىرىق كۈن ئىچىدە كۆرۈنگەن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ئائىت ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرگەن؛ 2ۋە ئۇلار بىلەن جەم قىلىنغاندا مۇنداق ئەمر قىلدى: ــ «يېرۇسالېمدىن ئايرىلماي، سىلەر مەندىن ئاڭلىغان، ئاتىنىڭ ۋەدىسىنى كۈتۈڭلار. 3چۈنكى يەھيا سۇدا چۆمۈلدۈرگەن، لېكىن سىلەر بولساڭلار كۆپ كۈنلەر ئۆتمەي مۇقەددەس روھتا چۆمۈلدۈرۈلىسىلەر».

4روسۇللار [ئۇنىڭ بىلەن] جەم قىلىنغاندا، ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، سەن مۇشۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلنىڭ پادىشاھلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچىمۇسەن؟ ــ دەپ سوراشقا باشلىدى. 5ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئاتا ئۆز ھوقۇقىغا ئاساسەن بېكىتكەن ۋاقىت-پەيتلەرنى سىلەرنىڭ بىلىش نېسىۋەڭلار يوق.

耶稣被接升天

6بىراق مۇقەددەس روھ ئۈستۈڭلارغا چۈشكەندە سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولىسىلەر، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە بويىچە ھەم جاھاننىڭ چەتلىرىگىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر. 7ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلار قاراپ تۇرغاندا كۆتۈرۈلدى، بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى ئارىغا ئالدى-دە، ئۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى. 8ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قاراشقاندا، مانا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ: 9ــ ئەي گالىلىيەلىكلەر، نېمىشقا ئۆرە تۇرغىنىڭلارچە ئاسمانغا قاراپ قالدىڭلار؟ سىلەر سىلەردىن ئايرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەن شۇ ئەيسانىڭ ئاسمانغا قانداق كۆتۈرۈلگىنىنى كۆرگەن بولساڭلار، يەنە شۇ ھالدا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدى.

10ئاندىن ئۇلار يېرۇسالېمغا يېقىن، ئۇنىڭدىن بىر چاقىرىمچە يىراقلىقتىكى زەيتۇن تېغىدىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. 11ئۇلار شەھەرگە كىرىپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بىر ئۆيگە چىقتى. شۇ يەردە پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ، ئاندىرىياس، فىلىپ، توماس، بارتولوماي، ماتتا، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، «مىللەتپەرۋەر» سىمون ۋە [يەنە بىر] ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا بار ئىدى.

马提亚接替犹大

12بۇلار بىر جان بىر دىل بولۇپ ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىشتى؛ بۇ ئىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلاردىن بىرقانچە ئايال، جۈملىدىن ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ھەمدە ئەيسانىڭ ئىنىلىرىمۇ بار ئىدى. 13شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، پېترۇس قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا ئۆرە تۇرۇپ (جەم بولۇشقانلار بىر يۈز يىگىرمىگە يېقىن ئىدى) مۇنداق دېدى: 14ــ قېرىنداشلار، ئەيسانى تۇتقانلارغا يول باشلىغۇچى بولغان يەھۇدا ھەققىدە مۇقەددەس روھنىڭ بۇرۇن داۋۇت ئارقىلىق ئالدىن ئېيتقان مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلىرى ئەمەلگە ئېشىشى مۇقەررەر ئىدى.

15چۈنكى [يەھۇدا]مۇ ئارىمىزدىن بىرى ھېسابلانغان ۋە [خۇدانىڭ] بۇ خىزمىتىدىن نېسىۋىسى بار ئىدى 16(ئۇ قىلغان قەبىھلىكنىڭ ئىنئامىدىن ئېرىشكەن پۇلغا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدى، ئۇ شۇ يەردە بېشىچىلاپ يىقىلىپ، ئۈچەي-قېرىنى چۇۋۇلۇپ كەتتى؛ 17بۇ ئىش پۈتكۈل يېرۇسالېمدىكىلەرگە مەلۇم بولۇپ، ئۇلار ئۇ يەرنى ئۆز تىلى بىلەن «ھاقەلدەما» دەپ ئاتاشتى. بۇنىڭ مەنىسى «قان تۆكۈلگەن يەر» دېگەنلىكتۇر) 18چۈنكى زەبۇردا [يەھۇداغا] [قارىتىلغان] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەن: ــ «ئۇنىڭ تۇرالغۇسى چۆلگە ئايلانسۇن، ئۇنىڭدا ھېچ تۇرغۇچى بولمىسۇن!» ۋە: ــ «ئۇنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا باشقا بىرسى چىقسۇن!»

19شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يۈسۈپ (يەنە بارساباس دەپمۇ ئاتالغان، يەنە بىر ئىسمى يۇستۇس) بىلەن ماتتىياس دېگەن ئىككى كىشىنى بېكىتىپ، مۇنداق دۇئا قىلىشتى: 20ئاندىن ئۇلار بۇ ئىككى كىشىگە چەك تاشلىۋىدى، چەك ماتتىياسقا چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئون بىر روسۇل بىلەن بىر قاتاردىن ئورۇن ئالغان ھېسابلاندى.

已复制!
Aa