Salmi 77
Ricordo le opere del Signore
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشى يەدۇتۇنغا تاپشۇرۇلغان، ئاساف يازغان كۈي: ــ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، مەن پەرياد قىلىمەن؛ ئاۋازىم خۇداغا كۆتۈرۈلدى، ئۇ مېنى ئاڭلايدۇ. 2بېشىمغا كۈن چۈشكەندە، مەن رەبنى ئىزدىدىم؛ كېچىچە قولۇمنى [دۇئاغا] كۆتۈرۈپ، بوش قويمىدىم؛ جېنىم تەسەللىنى خالىماي رەت قىلدى. 3مەن خۇدانى ئەسلەپ سېغىندىم، ئاھ-زار قىلدىم؛ سېغىنىپ ئويلىنىپ، روھىم پاراكەندە بولدى. سېلاھ.
4سەن مېنىڭ كۆزۈمنى يۇمدۇرمىدىڭ؛ چوڭخۇر غەشلىك ئىلكىدە سۆزلىيەلمەيتتىم. 5مەن دەرمەن: «كونا زاماندىكى كۈنلەرنى، خىيال قىلىمەن ئاشۇ يىللارنى ؛ 6كېچىللىرى ئېيتقان ناخشامنى ئەسلەپ؛ خىياللىرىم كۆڭلۈمدىن كېچار»؛ روھىم ئىنتىلىپ ئىزدىمەكتە ئىدى؛ 7ــ «رەب مەڭگۈگە تاشلىۋېتەمدۇ؟ ئۇ قايتىدىن ئىلتىپات كۆرسەتمەمدۇ؟ 8ئۇنىڭ ئۆزگەرمەس مۇھەببىتى ئەمدى مەڭگۈگە تۈگەپ كەتتىمۇ؟ ئۇنىڭ ۋەدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئىناۋەتسىز بولامدۇ؟ 9يەنى ياھنىڭ قىلغانلىرىنى ــ ياد ئېتىمەن؛ قەدىمدىن بۇيانقى كارامەتلىرىڭنى ئەسلەيمەن.
10سېنىڭ بارلىق ئىشلىگەنلىرىڭ ئۈستىدە سېغىنىپ ئويلىنىمەن؛ سېنىڭ قىلغانلىرىڭ ئۈستىدە ئىستىقامەت قىلىمەن؛ 11ئى خۇدا، يولۇڭ بولسا پاك-مۇقەددەسلىكتىدۇر؛ خۇدادەك ئۇلۇغ بىر ئىلاھ بارمىدۇر؟ 12مۆجىزىلەر ياراتقۇچى ئىلاھدۇرسەن؛ ئەل-مىللەتلەر ئارا سەن كۈچۈڭنى نامايان قىلدىڭ.
13ئۆز بىلىكىڭ بىلەن ئۆز خەلقىڭنى، يەنى ياقۇپ ۋە يۈسۈپنىڭ پەرزەنتلىرىنى ھۆرلۈككە چىقارغانسەن؛ سېلاھ. 14سۇلار سېنى كۆردى، ئى خۇدا، سۇلار سېنى كۆردى؛ تىترەك ئۇلارنى باستى، دېڭىز تەگلىرى پاتىپاراق بولدى. 15قارا بۇلۇتلار ياميۇر تۆكتى؛ ئاسمانلار زور ساداسىنى ئاڭلاتتى؛ بەرھەق، سېنىڭ ئوقلىرىڭ تەرەپ-تەرەپكە ئېتىلدى.
16گۈلدۈرماماڭنىڭ ئاۋازى قارا قۇيۇندا ئىدى، چاقماقلار جاھاننى يورۇتتى؛ يەر-زېمىن ئالاقزادە بولۇپ تەۋرەندى. 17سېنىڭ يولۇڭ دېڭىز-ئوكيانلاردا، قەدەملىرىڭ چوڭقۇر سۇلاردىدۇر، ئاياغ ئىزلىرىڭنى تاپقىلى بولماس.