Salmi 70
Affrettati, o Dio, a liberarmi
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 2مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 3مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي!
4بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي. 5بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن!
Copiato!
Aa