Salmi 7

Il giusto giudice

1ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئەگەر قولۇمدا قەبىھلىك قىلغان بولسام، ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام: ــ 2ئەگەر مەن بىلەن ئىناق ئۆتكۈچىگە يامانلىق قايتۇرغان بولسام، ــ (ئەكسىچە مەن بىلەن بىكاردىن-بىكار دۈشمەنلەشكەننىمۇ قۇتقۇزدۇم) ــ 3ــ ئۇنداقتا، دۈشمەن مېنى قوغلاپ تۇتۇۋالسۇن، ئۇ جېنىمنى چەيلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلسۇن، شۆھرىتىمنى تۇپراققا كۆمسۇن!

4ئى پەرۋەردىگار، غەزىپىڭ بىلەن ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مېنى ئەزگەنلەرنىڭ قەھرىگە تاقابىل تۇرۇشقا قەددىڭنى رۇسلىغىن، ۋە مېنىڭ ئۈچۈن ئويغانغىن؛ سەن سوت ۋە ھۆكۈمنى بېكىتكەنىدىڭغۇ! 5خەلقلەردىن بولغان جامائەت ئەتراپىڭغا ئولىشىدۇ؛ سەن ئۇلار ئۈچۈن پەلەكتىكى ئورنۇڭغا قايتىپ بارغايسەن. 6پەرۋەردىگار خەلقلەرنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز ھەققانىيلىقىم بويىچە، ۋە ئۆزۈمدە بولغان دۇرۇسلىقىم بويىچە، ماڭا ھۆكۈم چىقارغايسەن.

7ئاھ، رەزىللەرنىڭ يامانلىقى ئاخىرلاشسۇن! ھەققانىي ئادەمنى چىڭ تۇرغۇزغايسەن؛ ئى، ئادەم قەلبلىرىنى ھەم ئىچلىرىنى سىنىغۇچى ھەققانىي خۇدا! 8مېنىڭ قالقىنىم بولسا، دۇرۇس نىيەتلىكلەرنى قۇتقۇزغۇچى خۇدادىدۇر؛ 9خۇدا ئادىل سوتچىدۇر، ئۇ كۈن بويى گۇناھتىن رەنجىيدىغان ئىلاھتۇر؛ 10بىرسى [يامان] يولىدىن يانمىسا، ئۇ قىلىچىنى بىلەيدۇ، يا ئوقىنى تارتىپ بەتلەپ قويىدۇ.

11شۇنداق ئادەملەر ئۈچۈن ئۇ ئۆلۈم قوراللىرىنى تەييارلىدى؛ ئۇ ئوقلىرىنى كۆيدۈرگۈچى ئوق قىلدى. 12مانا، مۇشۇنداق كىشىلەر تولغاقتا قەبىھلىك تۇغماقچى، ئۇنىڭ بويىدا قالغىنى يامانلىقتۇر؛ ئۇنىڭ تۇغقىنى بولسا ساختىلىقتۇر. 13ئۇ بىر ئورىنى كولاپ، ئۇنى چوڭقۇر قىلدى؛ ئۇ ئۆزى كولىغان ئورىغا چۈشتى.

14ئۆزىنىڭ يامانلىقى بېشىغا قايتىپ كېلىدۇ، ئۆز زوراۋانلىقى بولسا ئۆز ئۈستىگە قايتىپ چۈشىدۇ. 15مەن پەرۋەردىگارنى ھەققانىيلىقى بىلەن مەدھىيەلەيمەن، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ياڭرىتىپ، كۈي قىلىپ ئېيتىمەن.

Copiato!
Aa