Salmi 67

Ti lodino i popoli

1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، تارلىق سازلار بىلەن چېلىنسۇن، دەپ يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەرىكەتلەپ، ئۆز جامالىنىڭ نۇرىنى ئۈستىمىزگە چاچقاي! سېلاھ! 2شۇنداق قىلغاندا يولۇڭ پۈتكۈل جاھاندا، قۇتۇلدۇرۇش-نىجاتلىقىڭ بارلىق ئەللەر ئارىسىدا ئايان بولىدۇ. 3بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي!

4جىمى تائىپىلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلىپ كۈيلىگەي، چۈنكى سەن خەلقلەرگە ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىسەن، يەر يۈزىدىكى تائىپىلەرنى، سەن يېتەكلەيسەن؛ سېلاھ. 5بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي، ئى خۇدا؛ بارلىق قوۋملار سېنى مەدھىيىلىگەي! 6ۋە يەر-زېمىن كۆكلىرىنى ئۈندۈرىدۇ؛ خۇدا، بىزنىڭ خۇدايىمىز، بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ 7خۇدا بىزنى بەرىكەتلەيدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدىكىلەر چەت-ياقىلارغىچە ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشىدۇ!

Copiato!
Aa