Salmi 49
Nessuno può riscattare il fratello
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ ئى بارلىق خەلقلەر، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! يەر يۈزىدە تۇرۇۋاتقانلار، قۇلاق سېلىڭلار! 2مەيلى ئاددىي پۇقرا، يا ئېسىلزادىلەر، يا باي، يا گادايلار بولسۇن، ھەممىڭلار ئاڭلاڭلار! 3ئاغزىم دانالىقنى سۆزلەيدۇ، دىلىم ئەقىلگە ئۇيغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقىدۇ.
4قۇلىقىم ھېكمەتلىك تەمسىلنى زەن قويۇپ ئاڭلايدۇ، چىلتار چېلىپ سىرلىق سۆزنى ئېچىپ بېرىمەن. 5ئېغىر كۈنلەردە، مېنى قىلتاققا چۈشۈرمەكچى بولغانلارنىڭ قەبىھلىكلىرى ئەتراپىمدا بولسىمۇ، مەن نېمىشقا قورقىدىكەنمەن؟ 6ئۇلار بايلىقلىرىغا تايىنىدۇ، مال-مۈلۈكلىرىنىڭ زورلۇقى بىلەن چوڭچىلىق قىلىدۇ؛ 7ھەممىگە ئايانكى، دانىشمەن ئادەملەرمۇ ئۆلىدۇ؛ ھەممە ئادەم بىلەن تەڭ، نادان ۋە ھاماقەتلەر بىللە ھالاك بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلار مال-دۇنياسىنى ئۆزگىلەرگە قالدۇرۇپ كېتىدۇ.
8ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئوي-پىكىرلەر شۇنداقكى: «ئۆي-ئىمارىتىمىز مەڭگۈگە، ماكان-تۇرالغۇلىرىمىز دەۋردىن-دەۋرگىچە بولىدۇ»؛ ئۇلار ئۆز يەرلىرىگە ئىسىملىرىنى نام قىلىپ قويىدۇ. 9بىراق ئىنسان ئۆزىنىڭ نام-ئىززىتىدە تۇرىۋەرمەيدۇ، ئۇ ھالاك بولغان ھايۋانلاردەك كېتىدۇ. 10ئۇلارنىڭ مۇشۇ يولى دەل ئۇلارنىڭ نادانلىقىدۇر؛ لېكىن ئۇلارنىڭ كەينىدىن دۇنياغا كەلگەنلەر، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ. سېلاھ.
11ئۇلار قويلاردەك تەھتىساراغا ياتقۇزۇلىدۇ؛ ئۆلۈم ئۇلارنى ئۆز ئوزۇقى قىلىدۇ؛ ئەتىسى سەھەردە دۇرۇسلار ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم يۈرگۈزىدۇ؛ ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى چىرىتىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ؛ تەھتىسارا بولسا ئۇلارنىڭ ھەيۋەتلىك ماكانىدۇر! 12بىراق خۇدا جېنىمنى تەھتىسارانىڭ ئىلكىدىن قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇ مېنى قوبۇل قىلىدۇ. سېلاھ. 13بىرسى بېيىپ كېتىپ، ئائىلە-جەمەتىنىڭ ئابرۇيى ئۆسۈپ كەتسىمۇ، قورقما؛ 14چۈنكى ئۇ ئۆلگەندە ھېچنەرسىسىنى ئېلىپ كېتەلمەيدۇ؛ ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۇنىڭ بىلەن بىللە [گۆرگە] چۈشمەيدۇ.
15گەرچە ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆزىنى بەختلىك چاغلىغان بولسىمۇ، (بەرھەق، كىشىلەر روناق تاپقىنىڭدا، ئەلۋەتتە سېنى ھامان ماختايدۇ) 16ئاخىرى بېرىپ، ئۇ يەنىلا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يېنىغا كېتىدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە يورۇقلۇقنى كۆرەلمەيدۇ. 17ئىنسان ئىززەت-ئابرۇيدا بولۇپ، لېكىن يورۇتۇلمىسا، ھالاك بولىدىغان ھايۋانلارغا ئوخشاش بولىدۇ، خالاس.