Salmi 37

Non adirarti a causa dei malvagi

1داۋۇت يازغان كۈي: ــ |א| يامانلىق قىلغۇچىلار تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە، ناكەسلەرگە ھەسەت قىلما. 2چۈنكى ئۇلار ئوت-چۆپلەردەك تېزلا ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ، يۇمران ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاش توزۇپ كېتىدۇ. 3|ב| پەرۋەردىگارغا تايان، تىرىشىپ ياخشىلىق قىل، زېمىندا ماكانلىشىپ ياشاپ، ئۇنىڭ ۋاپا-ھەقىقىتىنى ئوزۇق بىلىپ ھۇزۇرلان.

4«پەرۋەردىگارنى خۇرسەنلىكىم» دەپ بىلگىن، ئۇ ئارزۇ-تىلەكلىرىڭگە يەتكۈزىدۇ. 5|ג| يولۇڭنى پەرۋەردىگارغا ئامانەت قىل؛ ئۇنىڭغا تايان، ئۇ چوقۇم [تىلىكىڭنى] ئىجابەت قىلىدۇ. 6|ד| ئۇ ھەققانىيلىقىڭنى نۇردەك، ئادالىتىڭنى چۈشتىكى قۇياشتەك چاقنىتىدۇ.

7|ד| پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىنچ بولۇپ، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈت؛ ھارامدىن روناق تاپقان ئادەم تۈپەيلىدىن، يامان نىيەتلىرى ئىشقا ئاشىدىغان كىشى تۈپەيلىدىن ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە. 8|ה| ئاچچىقىڭدىن يان، غەزەپتىن قايت، ئۆزۈڭنى كۆيدۈرمە؛ ئۇ پەقەت سېنى يامانلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 9چۈنكى يامانلىق قىلغۇچىلار زېمىندىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر بولسا، زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.

10|ו|: كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا، رەزىل ئادەم ھالاك بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ماكانىغا سەپسېلىپ قارىساڭ، ئۇ يوق بولىدۇ. 11بىراق ياۋاش-مۆمىنلەر زېمىنغا مىراسلىق قىلىدۇ، ۋە چەكسىز ئارامبەخشلىكتىن ھۇزۇرلىنىدۇ. 12|ז| رەزىل ئادەم ھەققانىيغا قەست قىلىدۇ؛ ئۇنىڭغا چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ خىرىس قىلىدۇ؛ 13لېكىن رەب ئۇنىڭغا قاراپ كۈلىدۇ؛ چۈنكى [رەب] ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈننى كۆرىدۇ.

14|ח| ياۋاشلار ۋە يوقسۇللارنى يىقىتىش ئۈچۈن، يولى دۇرۇسلارنى قىرىپ تاشلاش ئۈچۈن، رەزىللەر قىلىچىنى غىلىپىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئوقياسىنىڭ كىرىچىنى تارتىپ تەييارلىدى. 15لېكىن قىلىچى بولسا ئۆز يۈرىكىگە سانجىلىدۇ، ئوقيالىرى سۇندۇرۇۋېتىلىدۇ. 16|ט| ھەققانىيلاردىكى «ئاز»، كۆپلىگەن يامانلارنىڭ بايلىقلىرىدىن ئەۋزەلدۇر.

17چۈنكى رەزىللەرنىڭ بىلەكلىرى سۇندۇرۇلىدۇ؛ لېكىن پەرۋەردىگار ھەققانىيلارنى يۆلەيدۇ؛ 18|י| پەرۋەردىگار كۆڭلى دۇرۇسلارنىڭ كۈنلىرىنى بىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مىراسى مەڭگۈگە بولىدۇ. 19ئۇلار ئېغىر كۈنلەردە يەرگە قاراپ قالمايدۇ؛ قەھەتچىلىكتىمۇ ئۇلار توق يۈرىدۇ.

20|כ| بىراق رەزىللەر ھالاك بولىدۇ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلاشقۇچىلار چىمەنزاردىكى گۈل-گىياھدەك توزۇپ كېتىدۇ؛ ئۇلار تۈگەيدۇ؛ ئىس-تۈتۈندەك تارقىلىپ تۈگەيدۇ. 21|ל| رەزىل ئادەم ئۆتنە ئېلىپ قايتۇرمايدۇ؛ ئەمما ھەققانىي ئادەم مېھرىبانلىق بىلەن ئۆتنە بېرىدۇ؛ 22چۈنكى [پەرۋەردىگار] رەھمەت قىلغانلار زېمىنغا ئىگە بولىدۇ، بىراق ئۇنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغانلار ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ؛ 23|מ| مەردانە ئادەمنىڭ قەدەملىرى پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر؛ [رەب] ئۇنىڭ يولىدىن خۇرسەن بولىدۇ.

24ئۇ تېيىلىپ كەتسىمۇ، يىقىلىپ چۈشمەيدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ يۆلەپ تۇرىدۇ. 25|נ| مەن ياش ئىدىم، ھازىر قېرىپ قالدىم؛ لېكىن ھەققانىيلارنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى، ياكى پەرزەنتلىرىنىڭ نان تىلىگەنلىكىنى ئەسلا كۆرگەن ئەمەسمەن؛ 26ئۇ كۈن بويى مەرد-مېھرىبان بولۇپ ئۆتنە بېرىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خەلققە بەرىكەت يەتكۈزىدۇ.

27|ס| يامانلىقنى تاشلاڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، مەڭگۈ ياشايسىلەر! 28چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتنى سۆيىدۇ، ئۇ ئۆز مۆمىن بەندىلىرىنى تاشلىمايدۇ؛ ئۇلار مەڭگۈگە ساقلىنىدۇ؛ |ע| لېكىن رەزىللەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. 29ھەققانىيلار يەر-جاھانغا ئىگە بولىدۇ، ئەبەدىلئەبەدگىچە ئۇنىڭدا ماكان تۇتۇپ ياشايدۇ.

30|פ| ھەققانىي ئادەمنىڭ ئاغزى دانالىق جاكارلايدۇ؛ ئۇنىڭ تىلى ئادىل ھۆكۈملەرنى سۆزلەيدۇ؛ 31قەلبىدە خۇدانىڭ [مۇقەددەس] قانۇنى تۇرىدۇ؛ ئۇنىڭ قەدەملىرى تېيىلىپ كەتمەس. 32|צ| رەزىللەر ھەققانىي ئادەمنى پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرگۈدەك پەيتنى ئىزدەپ يۈرىدۇ.

33لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنى دۈشمەننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈرمەيدۇ؛ ياكى ھۆكۈمدە ئۇنى گۇناھقا پۈتمەيدۇ. 34|ק| پەرۋەردىگارنى تەلمۈرۈپ كۈت، ئۇنىڭ يولىنى چىڭ تۇتقىن؛ ئۇ سېنىڭ مەرتىۋەڭنى كۆتۈرۈپ، زېمىنغا ئىگە قىلىدۇ ، رەزىللەر ھالاك قىلىنغاندا، سەن بۇنى كۆرىسەن. 35|ר| مەن رەزىل ئادەمنىڭ زومىگەرلىك قىلىۋاتقىنىنى كۆردۈم، ئۇ خۇددى ئاينىغان باراقسان ياپيېشىل دەرەختەك روناق تاپقان.

36بىراق ئۇ ئۆتۈپ كەتتى، مانا، ئۇ يوق بولدى؛ مەن ئۇنى ئىزدىسەممۇ، ئۇ تېپىلمايدۇ. 37|ש| مۇكەممەل ئادەمگە نەزەر سال، دۇرۇس ئىنسانغا قارا! چۈنكى بۇنداق ئادەمنىڭ ئاخىر كۆرىدىغىنى ئارامبەخش خاتىرجەملىك بولىدۇ. 38ئىتائەتسىزلەر بولسا بىرلىكتە ھالاك بولىشىدۇ؛ ئۇلارنىڭ كېلەچىكى ئۈزۈلىدۇ؛ 39|ח| بىراق ھەققانىيلارنىڭ نىجاتلىقى پەرۋەردىگاردىندۇر؛ ئۇ ئېغىر كۈنلەردە ئۇلارنىڭ كۈچلۈك پاناھىدۇر.

40پەرۋەردىگار ياردەم قىلىپ ئۇلارنى ساقلايدۇ؛ ئۇ ئۇلارنى رەزىللەردىن ساقلاپ قۇتقۇزىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنى باشپاناھى قىلىدۇ.

Copiato!
Aa