Salmi 20
Alcuni confidano nei carri
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ كۈلپەتلىك كۈندە پەرۋەردىگار ساڭا ئىجابەت قىلغاي! ياقۇپنىڭ خۇداسىنىڭ نامى سېنى ئېگىزدە ئامان ساقلىغاي! 2ئۇ ئۆز مۇقەددەس جايىدىن ساڭا مەدەت ئەۋەتكەي، زىئوندىن ساڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەرگەي؛ 3بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى ياد قىلغاي، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى قوبۇل قىلغاي! سېلاھ!
4كۆڭلۈڭدىكى تەشنالىقلارنى ساڭا ئاتا قىلغاي، كۆڭلۈڭگە پۈككەن بارلىق ئارزۇلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي. 5بىزلەر غەلىبەڭنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىمىز، خۇدايىمىزنىڭ نامىدا تۇغلىرىمىزنى تىكلەيمىز؛ پەرۋەردىگار بارلىق تەلەپلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرغاي! ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ. 6ھازىر بىلدىمكى، پەرۋەردىگار ئۆزى مەسىھ قىلغىنىنى قۇتقۇزىدۇ؛ مۇقەددەس ئەرشلىرىدىن ئۇنىڭغا قۇدرەتلىك قۇتقۇزغۇچى قولىنى ئۇزارتىپ جاۋاب بېرىدۇ.
7بەزىلەر جەڭ ھارۋىلىرىغا، بەزىلەر ئاتلارغا [تايىنىدۇ]؛ بىراق بىز بولساق پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ نامىنى ياد ئېتىمىز؛ 8ئۇلار تىزى پۈكلىنىپ يىقىلدى؛ بىراق بىز بولساق، قەددىمىزنى رۇسلاپ تىك تۇرىمىز. 9ئى پەرۋەردىگار، پادىشاھقا غەلىبە بەرگەيسەن؛ نىدا قىلغىنىمىزدا بىزگە ئىجابەت قىلغايسەن!