Salmi 149

La lode nell'assemblea dei fedeli

1ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! 2ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! 3ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي!

4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ 5ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! 6ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ 7شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ 8ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ 9ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! ھەمدۇسانا!

Copiato!
Aa