Salmi 109
Dio della mia lode
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ ئى مەدھىيەمنىڭ ئىگىسى خۇدايىم، جىم تۇرما! 2مانا رەزىللەرنىڭ ئاغزى، مەككارلارنىڭ ئاغزى كۆز ئالدىمدا يوغان ئېچىلدى؛ ئۇلار يالغانچى تىل بىلەن ماڭا قارشى سۆزلىدى. 3نەپرەتلىك سۆزلەر بىلەن مېنى چۇلغاپ، ئۇلار بىكاردىن-بىكار ماڭا زەربە بەرمەكتە.
4مۇھەببىتىم ئۈچۈن ئۇلار ماڭا قارشى شىكايەتچى بولدى، مەن بولسام ــ دۇئاغا بېرىلدىم. 5ياخشىلىقىم ئۈچۈن يامانلىق، سۆيگۈم ئۈچۈن نەپرەت قايتۇردى. 6ھەربىرىنىڭ ئۈستىدە رەزىل بىر ئادەم تەيىنلىگەيسەن، ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا بىر دەۋاگەر تۇرغاي.
7ئۇ سوراق قىلىنغاندا ئەيىبدار بولۇپ چىققاي، دۇئاسى گۇناھ دەپ ھېسابلانغاي. 8كۈنلىرى قىسقا بولغاي، مەنسىپىنى باشقىسى ئىگىلىغاي. 9بالىلىرى يېتىم قالقاي، خوتۇنى تۇل بولغاي.
10ئوغۇللىرى سەرگەردان تىلەمچى بولغاي، تۇرغان خارابىلىكلىرىدىن نان ئىزدەپ. 11جازانىخور ئۇنىڭ ئىگىلىكى ئۈستىگە تور تاشلىغاي، مېھنەت ئەجرىنى ياتلار بۇلاپ-تالىغاي. 12ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان بىرسى بولمىغاي، يېتىم قالغان بالىلىرىغا ئىلتىپات قىلغۇچى بولمىغاي.
13ئۇنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلغاي؛ كېلەر ئەۋلادىدا ناملىرى ئۆچۈرۈلگەي. 14ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قەبىھلىكىنىڭ ئەيىبلىرى پەرۋەردىگارنىڭ يادىدا قالقاي، ئانىسىنىڭ گۇناھى ئۆچۈرۈلمىگەي. 15بۇلارنىڭ ئەيىبلىرى دائىم پەرۋەردىگارنىڭ كۆز ئالدىدا بولغاي، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ نام-ئەمىلىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ.
16چۈنكى [رەزىل كىشى] مېھرىبانلىق كۆرسىتىشنى ھېچ ئېسىگە كەلتۈرمىدى، بەلكى ئېزىلگەن، يوقسۇل ھەم دىلى سۇنۇقلارنى ئۆلتۈرمەككە قوغلاپ كەلدى. 17ئۇ لەنەت ئوقۇشقا ئامراق ئىدى، شۇڭا لەنەت ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدۇ؛ بەخت تىلەشكە رايى يوق ئىدى، شۇڭا بەخت ئۇنىڭدىن يىراق بولىدۇ. 18ئۇ لەنەتلەرنى ئۆزىگە كىيىم قىلىپ كىيگەن؛ شۇڭا بۇلار ئاققان سۇدەك ئۇنىڭ ئىچ-باغرىغا، مايدەك، سۆڭەكلىرىگە كىرىدۇ؛ 19بۇلار ئۇنىڭغا يېپىنغان تونىدەك، ھەردائىم باغلانغان بەلۋېغىدەك چاپلانغاي.
20بۇلار بولسا مېنى ئەيىبلىگۈچىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ بېكىتكەن مۇكاپاتى بولغاي! مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلغانلارنىڭ ئىنئامى بولغاي! 21بىراق سەن، پەرۋەردىگار رەببىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن مېنىڭ تەرىپىمدە بىر ئىش قىلغايسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئەلا بولغاچقا، مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 22چۈنكى مەن ئېزىلگەن ھەم ھاجەتمەندۇرمەن، قەلبىم خەستە بولدى.
23مەن قۇياش ئۇزارتقان كۆلەڭگىدەك يوقىلاي دەپ قالدىم، چېكەتكە قېقىۋېتىلگەندەك چەتكە قېقىۋېتىلدىم. 24روزا تۇتقىنىمدىن تىزلىرىم كېتىدۇ، ئەتلىرىم سىزىپ كېتىدۇ. 25شۇڭلاشقا مەن ئۇلار ئالدىدا رەسۋا بولدۇم؛ ئۇلار ماڭا قاراشقاندا، بېشىنى سىلكىشمەكتە.
26ماڭا ياردەملەشكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىم، ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭ بويىچە مېنى قۇتقۇزغايسەن؛ 27شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇنىڭ سېنىڭ قولۇڭدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنى قىلغۇچىنىڭ سەن پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلگەي. 28ئۇلار لەنەت ئوقۇۋەرگەي، سەن بەخت ئاتا قىلغايسەن؛ ئۇلار ھۇجۇم قىلىشقا تۇرغاندا، خىجالەتتە قالقاي، بىراق قۇلۇڭ شادلانغاي!
29مېنى ئەيىبلىگۈچىلەر خىجالەت بىلەن كىيىنغاي، ئۇلار ئۆز شەرمەندىلىكىنى ئۆزلىرىگە تون قىلىپ يېپىنغاي. 30ئاغزىمدا پەرۋەردىگارغا زور تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۈرىمەن؛ بەرھەق، كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرۇپ ئۇنى مەدھىيىلەيمەن؛ 31چۈنكى ھاجەتمەننىڭ جېنىنى گۇناھقا بېكىتمەكچى بولغانلاردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، [پەرۋەردىگار] ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا تۇرىدۇ.