Neemia 11
Uno su dieci abita a Gerusalemme
1ئۇ چاغدا خەلق ئىچىدىكى ئەمىرلەر يېرۇسالېمدا تۇراتتى؛ قالغان پۇقرالار چەك تاشلىنىش بىلەن ئوندىن بىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىپ، قالغان ئوندىن توققۇزى باشقا شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشتى. 2ئۆز ئىختىيارى بىلەن يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشقا ئوتتۇرىغا چىققانلارغا بولسا، جامائەت ئۇلارغا بەخت-بەرىكەت تىلىدى. 3يەنە بارۇقنىڭ ئوغلى مائاسېياھ؛ بارۇق كول-ھوزەھنىڭ ئوغلى، كول-ھوزەھ ھازايانىڭ ئوغلى، ھازايا ئادايانىڭ ئوغلى، ئادايا يوئارىبنىڭ ئوغلى، يوئارىب زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا شىلونىنىڭ ئوغلى.
4يېرۇسالېمغا ماكانلاشقان بارلىق پەرەز جەمەتىدىكىلەر جەمئىي تۆت يۈز ئاتمىش سەككىز كىشى بولۇپ، ھەممىسى ئەزىمەتلەر ئىدى. 5بىنيامىننىڭ ئەۋلادلىرىدىن: ــ مەشۇللامنىڭ ئوغلى ساللۇ؛ مەشۇللام يوئەدنىڭ ئوغلى، يوئەد پىدايانىڭ ئوغلى، پىدايا كولايانىڭ ئوغلى، كولايا مائاسېياھنىڭ ئوغلى، مائاسېياھ ئىتىيەلنىڭ ئوغلى، ئىتىيەل يەشايانىڭ ئوغلى. 6ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر، گابباي ۋە ساللاي ئىدى؛ شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىي توققۇز يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى ئىدى.
7زىكرىنىڭ ئوغلى يوئېل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى؛ سىنۇئاھنىڭ ئوغلى يەھۇدا شەھەرنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى ئىدى. 8كاھىنلاردىن: ــ يوئارىبنىڭ ئوغلى يەدايا بىلەن ياقىن، 9شۇنداقلا خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ باش غوجىدارى سېرايا؛ سېرايا ھىلقىيانىڭ ئوغلى، ھىلقىيا مەشۇللامنىڭ ئوغلى، مەشۇللام زادوكنىڭ ئوغلى، زادوك مېرايوتنىڭ ئوغلى، مېرايوت ئاخىتۇبنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 10يەنە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىدىن ئىبادەتخانىدىكى خىزمەتتە بولغانلاردىن جەمئىي سەككىز يۈز يىگىرمە ئىككى كىشى بار ئىدى؛ يەنە يەروھامنىڭ ئوغلى ئادايا بار ئىدى؛ يەروھام پېلالىيانىڭ ئوغلى، پېلالىيا ئامزىنىڭ ئوغلى، ئامزى زەكەرىيانىڭ ئوغلى، زەكەرىيا پاشخۇرنىڭ ئوغلى، پاشخۇر مالكىيانىڭ ئوغلى ئىدى؛ 11ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەت باشلىقى بولۇپ، جەمئىي ئىككى يۈز قىرىق ئىككى كىشى ئىدى؛ يەنە ئازارەلنىڭ ئوغلى ئاماشساي بار ئىدى؛ ئازارەل ئاخزاينىڭ ئوغلى، ئاخزاي مەشىللىموتنىڭ ئوغلى، مەشىللىموت ئىممەرنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 12يەنە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىدىن، پالۋان-ئەزىمەتلەردىن، جەمئىي بىر يۈز يىگىرمە سەككىز كىشى بار ئىدى؛ گېدولىمنىڭ ئوغلى زابدىيەل ئۇلارنى باشقۇرىدىغان ئەمەلدار ئىدى.
13لاۋىيلاردىن: ــ ھاششۇبنىڭ ئوغلى شېمايا بار ئىدى؛ ھاششۇب ئازرىكامنىڭ ئوغلى، ئازرىكام ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا بۇننىنىڭ ئوغلى ئىدى؛ 14يەنە لاۋىيلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولغان شاببىتاي بىلەن يوزاباد بولۇپ، خۇدانىڭ ئۆيىنىڭ تېشىدىكى ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى. 15يەنە مىكانىڭ ئوغلى ماتتانىيا دۇئا ۋاقىتلىرىدا تەشەككۈر-رەھمەتلەر ئېيتىشقا يېتەكچىلىك قىلاتتى؛ مىكا زابدىنىڭ ئوغلى، زابدى ئاسافنىڭ ئوغلى ئىدى؛ باكبۇكىيا قېرىنداشلىرى ئىچىدە مۇئاۋىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى؛ يەنە شاممۇئانىڭ ئوغلى ئابدا بار ئىدى؛ شاممۇئا گالالنىڭ ئوغلى، گالال يەدۇتۇننىڭ ئوغلى ئىدى.
16مۇقەددەس شەھەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلارنىڭ ھەممىسى ئىككى يۈز سەكسەن تۆت كىشى ئىدى. 17دەرۋازىۋەنلەردىن: ــ دەرۋازىلاردا كۆزەتتە تۇرىدىغان ئاككۇب بىلەن تالمون ۋە ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرى بار ئىدى؛ ئۇلار جەمئىي بىر يۈز يەتمىش ئىككى كىشى ئىدى. 18قالغان ئىسرائىللار، كاھىنلار، لاۋىيلار يەھۇدىيە شەھەرلىرىدە، ھەربىرى ئۆز مىراسىدا ماكانلاشتى.
19ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولسا ئوفەل دۆڭىگە ماكانلاشتى؛ ئىبادەتخانىنىڭ خىزمەتكارلىرىنى زىخا بىلەن گىشپا باشقۇردى.
Quelli che abitavano fuori
20يېرۇسالېمدا لاۋىيلارنى باشقۇرغۇچى بانىنىڭ ئوغلى ئۇززى ئىدى؛ بانى ھاشابىيانىڭ ئوغلى، ھاشابىيا ماتتانىيانىڭ ئوغلى، ماتتانىيا مىكانىڭ ئوغلى ئىدى ــ دېمەك، ئۇززا ئاسافنىڭ ئەۋلادلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئۆيىدىكى خىزمەتكە مەسئۇل بولغان غەزەلكەشلەردىن ئىدى. 21چۈنكى پادىشاھ ئۇلار توغرۇلۇق يارلىق چۈشۈرگەن بولۇپ، غەزەلكەشلەرنىڭ ھەر كۈنلۈك ئوزۇق-تۈلۈكىنى، شۇنداقلا ئۆتەيدىغان ۋەزىپىسىنى بېكىتكەنىدى. 22يەھۇدانىڭ ئوغلى زەراھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن مەشەزابەلنىڭ ئوغلى پىتاھىيا پۇقرالارنىڭ بارلىق ئىشلىرىدا پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىسى ئىدى.
23يېزا-قىشلاقلار ۋە ئۇلارغا تەۋە ئەتراپىدىكى جايلاردا يەھۇدالاردىن بەزىلىرى تۇراتتى؛ كىرىئات-ئاربا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، دىبون ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، يەكابزىيەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 24شۇنداقلا يەشۇئا، مولاداھ، بەيت-پەلەت، 25ھازار-شۇئال، بەئەر-شېبا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 26زىكلاگ، مىكونا ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 27ئەن-رىممون، زوراھ، يارمۇت، 28زانوئاھ، ئادۇللام ۋە بۇ ئىككى يەرگە تەۋە قىشلاقلاردا، لاقىش ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يەرلەردە، ئازىكاھ ۋە ئۇنىڭغا تەۋە يېزا-كەنتلەردە ماكانلاشتى؛ ئۇلار ماكانلاشقان يەرلەر بەئەر-شېبادىن تاكى ھىننوم جىلغىسىغا قەدەر سوزۇلدى.
29بىنيامىنلار بولسا گېبا، مىكماش، ئايجا، بەيت-ئەل ۋە ئۇنىڭ تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە، 30بەزىلىرى ئاناتوت، نوب، ئانانىيا، 31ھازور، راماھ، گىتتائىم، 32ھادىد، زەبوئىم، نىباللات، 33لود، ئونو، شۇنداقلا ھۈنەرۋەنلەر جىلغىسىدا ماكانلاشقانىدى.
34ئەسلىدە يەھۇدىيەگە تەيىنلەنگەن لاۋىيلار قىسىملىرىدىن بەزىلىرى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا ماكانلاشتى.