Luca 4

La tentazione nel deserto

1ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. 2ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. 3ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى.

4ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 5ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. 6ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇ-شەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن.

7ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. 8ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 9ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن!

10چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ 11ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. 12ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى.

13ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.

Gesù comincia a insegnare in Galilea

14ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 15ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى.

Nessun profeta è accolto in patria

16ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى 17ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: 18ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى.

19ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. 20ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. 21ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى.

22ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. 23مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ 24بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن.

25ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. 26سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ 27ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى.

28لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. 29ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. 30ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى.

Lo spirito immondo è ridotto al silenzio

31ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: 32ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. 33لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى.

34ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. 35شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. 36ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى.

37ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

La suocera di Pietro è guarita

38كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. 39كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. 40كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى.

41لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى.

Gesù predica in altre città

42شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرۈۋەردى.

Copiato!
Aa