Levitico 17
Dove si offre il sacrificio
1پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 2ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ 3بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر.
4كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. 6سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى [باشقا] قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، 7ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن.
8ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. 9چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كەفارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كەفارەت كەلتۈرىدۇ.
La vita è nel sangue
10شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. 11ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. 12چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم.
13كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. 14لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.