Genesi 7
Il diluvio copre la terra
1پەرۋەردىگار نۇھقا مۇنداق دېدى: ــ «سەن پۈتۈن ئۆيدىكىلىرىڭ بىلەن كېمىگە كىرگىن؛ چۈنكى بۇ دەۋردە ئالدىمدا سېنى ھەققانىي دەپ كۆردۈم. 2چۈنكى يەتتە كۈندىن كېيىن ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە يامغۇر ياغدۇرىمەن؛ ئۆزۈم ياسىغان ھەممە جانىۋارلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن». 3شۇنىڭ بىلەن نۇھ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىگە ئەمەل قىلدى.
4يەر يۈزىنى توپان باسقاندا نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 5توپاندىن [قۇتۇلۇپ قېلىش] ئۈچۈن نۇھ بىلەن ئوغۇللىرى، ئايالى ۋە كېلىنلىرى بىللە كېمىگە كىردى. 6ۋە شۇنداق بولدىكى، يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.
7نۇھنىڭ ئۆمرىنىڭ ئالتە يۈزىنچى يىلى، ئىككىنچى ئېيىنىڭ ئون يەتتىنچى كۈنىدە چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ تەگلىرىدىكى بارلىق بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماننىڭ پەنجىرىلىرى ئېچىلىپ كەتتى. 8يامغۇر ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز يەر يۈزىگە توختىماي ياغدى. 9دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، نۇھنىڭ شەم، ھام، يافەت دېگەن ئوغۇللىرى، نۇھنىڭ ئايالى بىلەن ئۈچ كېلىنى كېمىگە كىردى.
10ئۇلار بىلەن بىللە ھەرخىل ياۋا ھايۋانلار تۈر-تۈرى بويىچە، ھەرخىل مال-چارۋىلار تۈر-تۈرى بويىچە، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەرخىل جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە ۋە ھەرخىل ئۇچار-قاناتلار، يەنى ھەرخىل قاناتلىق جانىۋارلار تۈر-تۈرى بويىچە كېمىگە كىردى. 11ئەت ئىگىلىرىدىن، يەنى بارلىق ھاياتلىق تىنىقى بولغان ھەرخىل جاندارلاردىن، بىر جۈپ-بىر جۈپ بولۇپ، كېمىگە نۇھنىڭ قېشىغا كىردى. 12كىرگەنلەر خۇدانىڭ نۇھقا بۇيرۇغىنىدەك ئەت ئىگىلىرىنىڭ ھەرتۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسى ئىدى. ئاندىن پەرۋەردىگار ئىشىكنى ئېتىۋەتتى.
13توپان يەر يۈزىنى ئۇدا قىرىق كۈن بېسىپ، سۇلار ئۇلغىيىپ كەتتى. كېمە يەر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈپ لەيلەپ قالدى. 14سۇ ئۇلغىيىپ، يەر ئۈستىدە تېخىمۇ ئېگىزلەپ كەتتى؛ كېمە سۇ ئۈستىدە داۋالغۇپ تۇراتتى. 15سۇلار يەر يۈزىدە تولىمۇ ئۇلغىيىپ، پۈتكۈل ئاسماننىڭ ئاستىدىكى بارلىق ئېگىز تاغلارنىمۇ بېسىپ كەتتى.
16سۇلار [تاغلاردىن] يەنە ئون بەش گەز ئۆرلەپ، تاغ چوققىلىرىمۇ سۇ ئاستىدا قالدى. 17بۇنىڭ بىلەن يەر يۈزىدە يۈرگۈچى ھەممە ئەت ئىگىلىرى، ئۇچار-قۇشلار، مال-چارۋىلار، ياۋايى ھايۋانلار، يەردە ئۆمىلىگۈچى ھەممە جانىۋارلار، جۈملىدىن پۈتكۈل ئادەملەر ھەممىسى ئۆلدى؛ 18قۇرۇقلۇقتا ياشىغۇچى، بۇرنىدا ھاياتلىق تىنىقى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى.
19يەر يۈزىدىكى جېنى بارلارنىڭ ھەممىسى، ئىنسان بولسۇن، مال-چارۋىلار بولسۇن، ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلار بولسۇن، ئاسماندىكى قۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھالاك بولۇپ يەر يۈزىدىن يوق قىلىندى؛ پەقەت نۇھ ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغانلار قۇتۇلۇپ قالدى. 20بىر يۈز ئەللىك كۈنگىچە يەر يۈزىنى سۇ بېسىپ تۇردى.