Ezechiele 41
Dentro il santuario
1ئۇ مېنى [مۇقەددەسخانىدىكى] مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىغا ئاپاردى؛ ئۇ جاينىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان تامنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسىنىڭ قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى. مانا ئىبادەتجانىنىڭ ئېغىزى. 2كىرىش ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى بولسا ئون گەز ئىدى؛ مۇقەددەس جاينىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ ئىچكى تەرىپىنىڭ كەڭلىكىنى ئۆلچىدى، ھەر ئىككىسى بەش گەز چىقتى؛ ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، قىرىق گەز چىقتى؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى يىگىرمە گەز چىقتى. 3ئۇ ئىچكىرىگە قاراپ ماڭدى، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىش ئېغىزىدىكى توغرا تامنىڭ كەڭلىكى ئىككى گەز؛ ئېغىزىنىڭ كەڭلىكى ئالتە گەز ئىدى؛ [ئىككى تەرەپتىكى] توغرا تامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بولسا، يەتتە گەز ئىدى.
4ئۇ مۇقەددەس جاينىڭ كەينىدىكى «ئەڭ مۇقەددەس جاي»نىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىدى، يىگىرمە گەز چىقتى؛ كەڭلىكىمۇ يىگىرمە گەز ئىدى. ئۇ ماڭا: «بۇ ئەڭ مۇقەددەس جاي» ــ دېدى.
Le camere laterali
5ئۇ مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىنى ئۆلچىدى، قېلىنلىقى ئالتە گەز چىقتى؛ ياندىكى كىچىك خانىلارنىڭ بولسا، كەڭلىكى تۆت گەز ئىدى؛ كىچىك خانىلار مۇقەددەسخانىنى چۆرىدەپ سېلىنغانىدى. 6يېنىدىكى كىچىك خانىلار ئۈچ قەۋەتلىك، بىر-بىرىگە ئۈستىلەكلىك ئىدى، ھەر قەۋەتتە ئوتتۇزدىن خانا بار ئىدى؛ كىچىك خانىلارنىڭ لىملىرى مۇقەددەسخانىنىڭ تېمىغا چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، لىملار كىچىك خانىلارنىڭ سىرتقى تېمىغا بېكىتىلگەنىدى. 7يۇقىرىلىغانسېرى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدىكى كىچىك خانىلار كېڭىيىپ بارغانىدى؛ چۈنكى مۇقەددەسخانىنىڭ ئەتراپىدا قۇرۇلۇش بولغانلىقتىن بىنا ئېگىزلىگەنسېرى خانىلار كېڭەيگەن. شۇ سەۋەبتىن مۇقەددەسخانىمۇ ئېگىزلىگەنسېرى كېڭەيگەن. تۆۋەندىكى قەۋەتتىن يۇقىرىدىكى قەۋەتكىچە ئوتتۇرىدىكى قەۋەت ئارقىلىق چىقىدىغان پەلەمپەي بار ئىدى.
8مەن مۇقەددەسخانىنىڭ ئېگىز ئۇللۇق سۇپىسى بارلىقىنى كۆردۇم؛ ئۇ ھەم يېنىدىكى كىچىك خانىلارنىڭ ئۇلى ئىدى؛ ئۇنىڭ ئېگىزلىكى توپتوغرا بىر «خادا» ئىدى، يەنى ئالتە «چوڭ گەز» ئىدى. 9يېنىدىكى كىچىك خانىلارغا كىرىش ئېغىزى بولسا بوش يەرگە قارايتتى؛ بىر كىرىش ئېغىزى شىمالغا، يەنە بىرى جەنۇبقا قارايتتى. سۇپا ئۈستىدىكى خانىلارنى چۆرىدىگەن بوش يەرنىڭ كەڭلىكى بەش گەز ئىدى. 10غەربكە جايلاشقان، بوش يەرگە قارايدىغان بىنانىڭ ئۇزۇنلۇقى يەتمىش گەز ئىدى؛ بىنانىڭ سىرتقى تېمىنىڭ قېلىنلىقى بەش گەز؛ ئۇنىڭ كەڭلىكى توقسان گەز ئىدى.
11ھېلىقى كىشى مۇقەددەسخانىنىڭ ئۆزىنى ئۆلچىدى؛ ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى يۈز گەز ئىدى. بوش يەرنىڭ كەڭلىكى [يۈز گەز ئىدى]، بىنانىڭ تاملىرى قوشۇلۇپ جەمئىي كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. 12مۇقەددەسخانىنىڭ ئالدى تەرىپى ۋە شەرققە جايلاشقان ھويلىسىنىڭ كەڭلىكى يۈز گەز ئىدى. 13كېرۇبنىڭ ئىنسان يۈزى بۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ شىر يۈزى ئۇ تەرەپتىكى پالما دەرىخى نەقىشىگە قارايتتى؛ پۈتكۈل مۇقەددەسخانىنىڭ [ئىچكى] ھەممە تەرىپى شۇنداق ئىدى؛ 14دالاننىڭ پولدىن تارتىپ تورۇسىغىچە، شۇنىڭدەك «مۇقەددەس جاي»نىڭ تاملىرىغا كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىش قىلىنغان.
Gli intagli sulle pareti
15«مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىك كېشەكلىرى بولسا، تۆت چاسىلىق ئىدى؛ «ئەڭ مۇقەددەس جاي» ئالدىدىكى ئىشىك كېشەكلىرىمۇ ئوخشاش ئىدى. 16«[مۇقەددەس جاي]»[نىڭ] ئېگىزلىكى ئۈچ گەز، ئۇزۇنلۇقى ئىككى گەز بولغان قۇربانگاھى ياغاچتىن ياسالغان؛ ئۇنىڭ بۇرجەكلىرى، يۈزى ۋە تاملىرىنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان؛ ھېلىقى كىشى ماڭا: «بۇ بولسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان شىرەدۇر» ــ دېدى. 17[مۇقەددەسخانىنىڭ] «مۇقەددەس جاي» ھەم «ئەڭ مۇقەددەس جاي»ىنىڭ ھەربىرىنىڭ قوش قاناتلىق ئىشىكى بار ئىدى.
18ھەربىر قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ بۇ ئىككى قاتلام قاتلىناتتى؛ بۇ تەرەپتىكى قانىتىنىڭ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى؛ ئۇ تەرەپتىكىسىنىڭمۇ ئىككى قاتلىمى بار ئىدى. 19ئۇلارنىڭ ئۈستىگە، يەنى «مۇقەددەس جاي»نىڭ ئىشىكلىرى ئۈستىگە، تاملارنىڭ ئۈستىنى نەقىشلىگەندەك، كېرۇبلار ۋە پالما دەرەخلىرى نەقىشلەنگەنىدى؛ سىرتقى دالاننىڭ ئالدىدا ياغاچتىن ياسالغان بىر ئايۋان بار ئىدى. 20دالاننىڭ ئۇ ۋە بۇ تەرىپىدە روجەكلەر ۋە پالما دەرەخ نەقىشلىرى بار ئىدى. مۇقەددەسخانىنىڭ يېنىدىكى كىچىك خانىلار ۋە ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ شەكلىمۇ شۇنداق ئىدى.