Romans 15

Bear with one another

1ئەمدى ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماي، بەلكى ئېتىقادى ئاجىزلارنىڭمۇ ئاجىزلىقلىرىنى كۆتۈرىشىمىز كېرەك. 2ھەربىرىمىز ئۆز يېقىنىمىزنىڭ ئېتىقادىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بەخت-بەرىكىتىنى كۆزلەپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىشقا ئىنتىلەيلى. 3چۈنكى ھەتتا مەسىھمۇ ئۆزىنى قاندۇرۇشنى ئويلىمىغانىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق پۈتۈلگەن: «سەن [خۇدانى] ھاقارەت قىلغانلارنىڭ ھاقارەتلىرى مېنىڭ ئۈستۈمگە چۈشتى».

4چۈنكى بۇرۇندا [ۋەھىي بىلەن] پۈتۈلگەن يازمىلاردىكى ھەرقايسى سۆزلەر بىزگە ئۆگىتىش ئۈچۈن يېزىلغان بولۇپ، مەقسىتى مۇقەددەس كىتابلاردىن كەلگەن سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخش ئارقىلىق بىزدە ئازرۇ-ئۈمىدنىڭ بولۇشى ئۈچۈندۇر. 5ئەمدى سەۋر-تاقەت ۋە ئىلھامبەخشنىڭ ئىگىسى خۇدا سىلەرنى مەسىھ ئەيسانى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا بىر ئوي-نىيەتكە كەلتۈرگەي؛ 6بۇنىڭ بىلەن سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر جان بىر دىل بىلەن بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.

Christ for Jews and Gentiles

7شۇڭا، مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلىپ، خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 8ۋە ئۇ يەنە: ــ «ئەي ئەللەر، [خۇدا]نىڭ خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» ــ دەيدۇ. 9ۋە يەنە ئۇ: ــ «ئەي بارلىق ئەللەر، پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل قوۋملەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» ــ دەيدۇ.

10يەنە، يەشايا [پەيغەمبەرمۇ] مۇنداق دەيدۇ: ــ «يەسسەنىڭ يىلتىزى بولغان كىشى مەيدانغا چىقىدۇ، ئەللەرگە ھاكىملىق قىلىدىغان زات ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ ئەللەر دەرۋەقە ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ». 11ئەمدى ئۈمىدنىڭ ئىگىسى خۇدا ئۆزىگە ئىشىنىۋاتقانلىقىڭلاردىن قەلبىڭلارنى تولۇق شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-خاتىرجەملىككە تولدۇرغاي، شۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر. 12ئى قېرىنداشلىرىم، كۆڭلۈڭلارنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن تولغانلىقىغا، مول بىلىملەر بىلەن تولۇق بېزەلگەنلىكىگە، شۇنداقلا بىر-بىرىڭلارغا ئۆزئارا جېكىلەپ بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغىمۇ قايىلمەن.

13شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان شاپائەت تۈپەيلىدىن مەن سىلەرگە بىر قىسىم تەرەپلەردىن نەچچە ئىشلارنى ئەسلىتىپ قويۇشقا سەل جۈرەتلىك بولۇپ ئۇشبۇ خەتنى يازماقتىمەن.

Paul's ministry to the nations

14شۇ شاپائەت بىلەن مەن خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈپ كاھىندەك ئۇنىڭ ئىبادىتىنى ھەممە يەردە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش خىزمىتىدە [يەھۇدىي ئەمەس] ئەللەرگە مەسىھ ئەيسانىڭ خىزمەتكارى بولۇپ تەيىنلەندىم. بۇ خىزمىتىمنىڭ مەقسىتى ئەللەرنىڭ خۇداغا سۇنىدىغان ئىبادىتى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاك-مۇقەددەس قىلىنىپ، خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك ئۇنىڭ قوبۇل قىلىشىغا لايىق بولۇشى ئۈچۈندۇر. 15شۇنىڭ ئۈچۈن مەسىھ ئەيسادا بولغانلىقىمدىن خۇدانىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن پەخىرلىنىمەن. 16شۇنداق قىلىپ باشقىلار سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەزەلدىن مەسىھنىڭ نامى ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى جاكارلاشقا ئىنتىلىپ كەلدىم.

17بۇ توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] ئېيتىلغىنىدەك: ــ «ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز بولغانلار ئۇنى كۆرىدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ». 18مانا، شۇ [خىزمەتلىرىم] سەۋەبىدىن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن توسۇلغۇلارغا ئۇچراپ بارالمىدىم. 19بىراق ھازىر بولسا يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ خىزمىتىدە بولۇشقا كېتىۋاتىمەن.

20چۈنكى ماكېدونىيە ۋە ئاقايا ئۆلكىلىرىدىكى جامائەتلەر يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس بەندىلەر ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ئىئانە توپلاپ ياردەم بېرىشنى لايىق كۆردى. 21بۇ ئىشنى ئۇلار بەرھەق لايىق كۆردى؛ ئەمەلىيەتتە بولسا ئۇلار يېرۇسالېمدىكىلەرگە قەرزداردۇر. چۈنكى ئەللەر [يەھۇدىي قېرىنداشلارنىڭ] روھىي بەختلىرىدىن بەھرىمەن بولغان بولسا، ماددىي جەھەتتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. 22مەن بۇ ئىشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلارنىڭ [جامائەتلەرنىڭ ئېتىقادىنىڭ] بۇ مېۋىسىنى قوبۇل قىلىشىنى جەزمەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، سىلەرنى يوقلاپ ئۆتۈپ ئىسپانىيەگە بارىمەن.

Paul plans to visit Rome

23يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، مەسىھنىڭ تولۇق بەخت-بەرىكىتىنى سىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. 24قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ۋە [مۇقەددەس] روھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىپ مەن بىلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلغايسىلەر ــ 25مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ يامان نىيەتلىرىدىن ساقلىنىشىم، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمدا ئىنئامنى يەتكۈزۈش خىزمىتىمنىڭ شۇ يەردىكى مۇقەددەس بەندىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن 26ھەمدە ئاخىردا خۇدا بۇيرۇسا، پېقىرنىڭ شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن ئورتاق ئىستىراھەت قىلىشىمىز ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلغايسىلەر.

27ئامانلىق-خاتىرجەملىك ئىگىسى بولغان خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي! ئامىن!

Copied!
Aa