Psalms 85
Righteousness and peace kiss each other
1نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. 2خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. 3سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭدە ساخلاپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن.
4ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 5سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ 6خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 7بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن!
8نېمىلەرنى دەر، تەڭرى پەرۋەردىگارىمغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئەيلەيدۇ ئۇ ئامان-ئېسەنلىكنى خەلقىگە ھەم مۆمىنلىرىگە؛ دەر ئۇلارغا قايتماڭلار ھاماقەتلىككە! 9زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ 10ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛ 11ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ.
12پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ياغسا، زېمىنىمىزمۇ مول ھوسۇلىنى بېرەر؛ 13ھەققانىيەت يول ئاچار ئۇنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ!