Proverbs 8
Wisdom was there at the beginning
1[قۇلاق سال،] دانالىق چاقىرىۋاتمامدۇ؟ يورۇقلۇق سادا چىقىرىۋاتمامدۇ؟ 2يوللارنىڭ ئېگىز جايلىرىدىن، دوقمۇشلاردىن ئۇ ئورۇن ئالىدۇ، 3شەھەرگە كىرىدىغان قوۋۇقلارنىڭ يېنىدا، ھەرقانداق دەرۋازا ئېغىزلىرىدا ئۇ مۇراجىئەت قىلماقتا: ــ 4«ئى مۆتىۋەرلەر، سىلەرگە مۇراجئەت قىلىمەن، ھەي، ئادەم بالىلىرى، سادانى سىلەر ئۈچۈن قىلىمەن، 5گۆدەك بولغانلار، زېرەكلىكنى ئۆگىنىۋېلىڭلار، ئەخمەق بولغانلار، يورۇقلۇققا ئېرىشىڭلار!
6ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، چۈنكى گۈزەل نەرسىلەرنى دەپ بېرىمەن، ئاغزىمنى ئېچىپ، دۇرۇس ئىشلارنى [سىلەرگە] يەتكۈزىمەن. 7ئېيتقانلىرىم ھەقىقەتتۇر، ئاغزىم رەزىللىكتىن نەپرەتلىنىدۇ؛ 8سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەق، ئۇلاردا ھېچقانداق ھىيلىگەرلىك ياكى ئەگىتمىلىك يوقتۇر.
9ئۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشەنگەنلەر ئۈچۈن ئېنىق، بىلىم ئالغانلار ئۈچۈن دۇرۇس-توغرىدۇر. 10كۈمۈشكە ئېرىشكەندىن كۆرە، نەسىھەتلىرىمنى قوبۇل قىلىڭلار، ساپ ئالتۇننى ئېلىشتىن كۆرە بىلىمنى ئېلىڭلار. 11چۈنكى دانالىق لەئەل-ياقۇتلاردىن ئەۋزەل، ھەرقانداق ئەتىۋارلىق نەرسەڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كەلمەستۇر.
12مەن بولسام دانالىقمەن، زېرەكلىك بىلەن بىللە تۇرىمەن، ئىستىقامەتتىن كېلىپ چىققان بىلىمنى ئايان قىلىمەن. 13پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش ــ يامانلىققا نەپرەتلىنىش دېمەكتۇر؛ تەكەببۇرلۇق، مەغرۇرلۇق، يامان يول ھەم شۇم ئېغىزنى ئۆچ كۆرىمەن. 14مەندە ئوبدان مەسلىھەتلەر، پىشقان ھېكمەت بار؛ مەن دېگەن يورۇقلۇق، قۇدرەت مەندىدۇر.
15پادىشاھلار مەن ئارقىلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ، مەنسىز ھاكىملار ئادىل ھۆكۈم چىقارماس. 16مەن ئارقىلىقلا ئەمىرلەر ئىدارە قىلىدۇ، ئالىيجانابلار، يەر يۈزىدىكى بارلىق سوراقچىلار [توغرا] ھۆكۈم قىلىدۇ. 17كىمكى مېنى سۆيسە، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن، مېنى تەلمۈرۈپ ئىزدىگەنلەر مېنى تاپالايدۇ؛ 18مەندە بايلىق، شۆھرەت، ھەتتا كونىرىماس، كۆچمەس دۆلەت ۋە ھەققانىيەتمۇ بار.
19مەندىن چىققان مېۋە ئالتۇندىن، ھەتتا ساپ ئالتۇندىن قىممەتلىكتۇر، مەندىن ئالىدىغان دارامەت ساپ كۈمۈشتىنمۇ ئۈستۈندۇر. 20مەن ھەققانىيەت يولىغا ماڭىمەن؛ ئادالەت يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۈرىمەنكى، 21مېنى سۆيگەنلەرنى ئەمەلىي نەرسىلەرگە مىراس قىلدۇرىمەن؛ ئۇلارنىڭ خەزىنىلىرىنى تولدۇرىمەن.
22چوڭقۇر ھاڭلار، دېڭىز-ئوكيانلار ئاپىرىدە بولۇشتىن ئاۋۋال، مەن مەيدانغا چىقىرىلغانمەن؛ مول سۇ ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇلاقلار بولماستىنلا، 23شۇ چاغدا گويا ئۇستا بىر ھۈنەرۋەندەك ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانىدىم، مەن ھەردائىم ئۇنىڭ ئالدىدا شادلىناتتىم، مەن ئۇنىڭ كۈندىلىك دىلئارامى ئىدىم؛ 24مەن ئۇنىڭ ئالىمىدىن، يەر-زېمىنىدىن شادلىنىپ، دۇنيادىكى ئىنسانلاردىن خۇرسەنلىك تېپىپ يۈرەتتىم، 25شۇڭا ئى بالىلار، ئەمدى ماڭا قۇلاق سېلىڭلار؛ چۈنكى يوللىرىمنى چىڭ تۇتقانلار نەقەدەر بەخت تاپار!
26ئالغان نەسىھەتكە ئەمەل قىلىپ، دانا بولغىن، ئۇنى رەت قىلما. 27سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، ھەركۈنى دەرۋازىلىرىم ئالدىدىن كەتمەي، ئىشىكلىرىم ئالدىدا مېنى كۈتىدىغان كىشى نەقەدەر بەختلىكتۇر! 28كىمكى مېنى تاپسا ھاياتنى تاپىدۇ، پەرۋەردىگارنىڭ شەپقىتىگە نېسىپ بولىدۇ.
29لېكىن ماڭا گۇناھ قىلغان ھەركىم ئۆز جېنىغا زىيان كەلتۈرىدۇ، مېنى يامان كۆرگەنلەر ئۆلۈمنى دوست تۇتقان بولىدۇ».