Nehemiah 1

The prayer of Nehemiah

1ھاقالىيانىڭ ئوغلى نەھەمىيا شۇنداق بايان قىلدىكى: ــ يىگىرمىنچى يىلى كىسلەۋ ئېيىدا، مەن شۇشان قەلئەسىدە تۇراتتىم، 2ئۆز قېرىنداشلىرىمدىن بىرى بولغان ھانانى بىلەن بىرنەچچە كىشى يەھۇدىيەدىن چىقىپ كەلدى؛ مەن ئۇلاردىن سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلۇپ قالغان يەھۇدالار ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا سورىدىم. 3ئۇلار ماڭا: ــ سۈرگۈنلۈكتىن قۇتۇلغان خەلقنىڭ قالدىسى [يەھۇدىيە] ئۆلكىسىدە قاتتىق جاپا-مۇشەققەت ئاستىدا ۋە ئاھانەت ئىچىدە قالدى. يېرۇسالېمنىڭ سېپىلى بولسا ئۆرۈۋېتىلدى، قوۋۇقلىرىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى، دەپ ئېيتىپ بەردى.

4مەن بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ يىغلاپ كەتتىم، بىرنەچچە كۈنگىچە نالە-پەرياد كۆتۈرۈپ، ئاسمانلاردىكى خۇدا ئالدىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ 5مۇنداق دېدىم: ــ «ئى ئاسماندىكى خۇدا پەرۋەردىگار، ئۆزىنى سۆيۈپ، ئەمرلىرىنى تۇتقانلارغا ئۆزگەرمەس مېھىر كۆرسىتىپ ئەھدىسىدە تۇرغۇچى ئۇلۇغ ۋە دەھشەتلىك تەڭرى، 6ئەمدى سېنىڭ ئالدىڭدا مۇشۇ پەيتتە قۇللىرىڭ ئىسرائىللار ئۈچۈن پېقىر قۇلۇڭنىڭ كېچە-كۈندۈز قىلىۋاتقان بۇ دۇئاسىغا قۇلىقىڭ سېلىنغاي، كۆزۈڭ ئوچۇق بولغاي! مەن بىز ئىسرائىللارنىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا سادىر قىلغان گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىمەن؛ مەنمۇ، ئاتامنىڭ جەمەتىمۇ گۇناھ قىلدۇق!

7بىز سېنىڭ يولۇڭغا تەتۈر ئىش قىلىپ، سەن قۇلۇڭ مۇساغا تاپىلىغان ئەمرلىرىڭ، بەلگىلىمىلىرىڭ ۋە ھۆكۈملىرىڭنى ھېچ تۇتمىدۇق. 8بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭ قۇللىرىڭ ۋە سېنىڭ خەلقىڭ، ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن ھۆرلۈككە قۇتقۇزدۇڭ. 9ئى رەببىم، قۇلۇڭنىڭ دۇئاسىغا ھەم سېنىڭ نامىڭدىن ئەيمىنىشتىن سۆيۈنگەن قۇللىرىڭنىڭمۇ دۇئاسىنى قۇلىقىڭ تىڭشىغاي؛ بۈگۈن قۇلۇڭنىڭ ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلغايسەن، ئۇنى شۇ كىشىنىڭ ئالدىدا ئىلتىپاتقا ئېرىشتۈرگەيسەن». شۇ ۋاقىتتا مەن پادىشاھنىڭ ساقىيسى ئىدىم.

Copied!
Aa