Luke 1
Why Luke wrote to Theophilus
1گەرچە نۇرغۇن ئادەملەر ئارىمىزدا مۇتلەق ئىشەنچلىك دەپ قارالغان ئىشلارنى توپلاپ يېزىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، 2(خۇددى سۆز-كالامغا باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن گۇۋاھچى بولغانلار، شۇنداقلا ئۇنى ساقلاپ يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ بىزگە ئامانەت قىلغان بايانلىرىدەك)، 3مەنمۇ بارلىق ئىشلارنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئى ھۆرمەتلىك تېئوفىلۇس جانابلىرى، سىلىگە بۇ ئىشلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىشنى لايىق تاپتىم.
4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىلى قوبۇل قىلغان تەلىملەرنىڭ مۇتلەق ھەقىقەت ئىكەنلىكىگە جەزم قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
Gabriel announces the birth of John
5يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە پادىشاھ بولغان ھېرود سەلتەنەت قىلغان كۈنلىرىدە، «ئابىيا» كاھىنلىق نۆۋىتىدىن بىر كاھىن بار بولۇپ، ئىسمى زەكەرىيا ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىمۇ ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولۇپ، ئىسمى ئېلىزابىت ئىدى. 6ئۇلار ئىككىسى خۇدانىڭ ئالىدىدا ھەققانىي كىشىلەر بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمر-بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئەيىبسىز ماڭاتتى. 7ئەمما ئېلىزابىت تۇغماس بولغاچقا، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ئىككىسى خېلىلا ياشىنىپ قالغانىدى.
8ئۇ ئۆز تۈركۈمىدىكى كاھىنلار ئارىسىدا [ئىبادەتخانىدا] نۆۋەتچىلىك ۋەزىپىسىنى خۇدا ئالدىدا ئادا قىلىۋاتقاندا، 9[شۇ چاغدىكى] كاھىنلىق ئادىتى بويىچە، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ «مۇقەددەس جاي»ىغا كىرىپ خۇشبۇي سېلىشقا مۇيەسسەر بولۇشقا چەك تاشلىغاندا شۇنداق بولدىكى، چەك ئۇنىڭغا چىقتى. 10ئەمدى ئۇ خۇشبۇي سېلىۋاتقان ۋاقتىدا، جامائەت تاشقىرىدا تۇرۇپ دۇئا قىلىشىۋاتاتتى.
11تۇيۇقسىز پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭغا خۇشبۇيگاھنىڭ ئوڭ تەرىپىدە كۆرۈندى. 12ئۇنى كۆرگەن زەكەرىيا ھودۇقۇپ قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتتى. 13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! چۈنكى تىلىكىڭ ئىجابەت قىلىندى، ئايالىڭ ئېلىزابىت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن.
14ئۇ ساڭا شاد-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر شادلىنىدۇ. 15چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ. ئۇ ھېچقانداق ھاراق-شاراب ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ھەتتا ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپمۇ مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلغان بولىدۇ. 16ئۇ ئىسرائىللاردىن نۇرغۇنلىرىنى پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ يېنىغا قايتۇرىدۇ.
17ئۇ [رەبنىڭ] ئالدىدا ئىلىياس پەيغەمبەرگە خاس بولغان روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتتە بولۇپ، ئاتىلارنىڭ قەلبلىرىنى بالىلارغا مايىل قىلىپ، ئىتائەتسىزلەرنى ھەققانىيلارنىڭ ئاقىلانىلىكىگە كىرگۈزۈپ، رەب ئۈچۈن تەييارلانغان بىر خەلقنى ھازىر قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، ــ دېدى. 18زەكەرىيا بولسا پەرىشتىدىن: مەنمۇ قېرىپ قالغان، ئايالىممۇ خېلى ياشىنىپ قالغان تۇرسا، بۇ ئىشنى قانداق جەزم قىلالايمەن؟ ــ دەپ سورىدى. 19پەرىشتە جاۋابەن: ــ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا تۇرغۇچى جەبرائىلمەن. ساڭا سۆز قىلىشقا، بۇ خۇش خەۋەرنى ساڭا يەتكۈزۈشكە مەن ئەۋەتىلدىم.
20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان بۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۈنىگىچە مانا سەن تىلىڭ تۇتۇلۇپ، زۇۋانغا كېلەلمەيسەن، ــ دېدى. 21ئەمدى جامائەت زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇراتتى؛ ئۇلار ئۇ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا ھايال بولدى، دەپ ھەيران قالغىلى تۇردى. 22ئۇ چىققاندا ئۇلارغا گەپ قىلالمىدى؛ ئۇنىڭ ئۇلارغا قول ئىشارەتلىرىنى قىلىشىدىن، شۇنداقلا زۇۋان سۈرەلمىگەنلىكىدىن ئۇلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر ئالامەت كۆرۈنۈشنى كۆرگەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى.
23شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ [ئىبادەتخانىدىكى] خىزمەت مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا، ئۇ ئۆيىگە قايتتى. 24دەرۋەقە، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابىت ھامىلىدار بولدى؛ ئۇ بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقماي: 25«ئەمدى پەرۋەردىگار مېنىڭ ھالىمغا نەزىرىنى چۈشۈرۈپ، مېنى خالايىق ئارىسىدا نومۇسقا قېلىشتىن خالاس قىلىپ، ماڭا بۇ كۈنلەردە شۇنچىلىك شاپائەت كۆرسەتتى» ــ دېدى.
Gabriel announces the birth of Jesus
26جەبرائىل ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئۇنىڭغا: ــ سالام ساڭا، ئەي شەپقەتكە مۇيەسسەر بولغان قىز! پەرۋەردىگار ساڭا ياردۇر! ــ دېدى. 27ئۇ پەرىشتىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ سۆزىدىن بەك ھودۇقۇپ كەتتى، كۆڭلىدە بۇنداق سالام سۆزى زادى نېمىنى كۆرسىتىدىغاندۇ، دەپ ئويلاپ قالدى. 28پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدا ئالدىدا شەپقەت تاپقانسەن.
29مانا، سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، سەن ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەيسا دەپ قويىسەن. 30ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ؛ ۋە پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭغا ئاتىسى داۋۇتنىڭ تەختىنى ئاتا قىلىدۇ. 31ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى ئۈستىگە مەڭگۈ سەلتەنەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى تۈگىمەستۇر، ــ دېدى.
32مەريەم ئەمدى پەرىشتىدىن: ــ مەن تېخى ئەر كىشىگە تەگمىگەن تۇرسام، بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ ــ دەپ سورىدى. 33پەرىشتە ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ مۇقەددەس روھ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ ۋە ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس [پەرزەنت] خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىلىدۇ. 34ۋە مانا، تۇغقىنىڭ ئېلىزابىتمۇ ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئوغۇلغا ھامىلىدار بولدى؛ تۇغماس دېيىلگۈچىنىڭ قورساق كۆتۈرگىنىگە ھازىر ئالتە ئاي بولۇپ قالدى.
35چۈنكى خۇدا بىلەن ھېچقانداق ئىش مۇمكىن بولماي قالمايدۇ، ــ دېدى. 36مەريەم: ــ مانا پەرۋەردىگارنىڭ دېدىكىمەن؛ ماڭا سۆزۈڭ بويىچە بولسۇن، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن پەرىشتە ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى. 37مەريەم شۇ كۈنلەردە ئورنىدىن قوپۇپ ئالدىراپ يەھۇدىيە تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى.
38ئۇ زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابىتقا سالام بەردى.
Mary visits Elizabeth
39ۋە شۇنداق بولدىكى، ئېلىزابىت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندىلا، قورسىقىدىكى بوۋاق ئويناقلاپ كەتتى. ئېلىزابىت بولسا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن تەنتەنە قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ قىز-ئاياللار ئىچىدە بەختلىكتۇرسەن، قورسىقىڭدىكى مېۋىمۇ بەختلىكتۇر! 40ماڭا شۇنداق [شەرەپ] نەدىن كەلدىكىن، رەببىمنىڭ ئانىسى بولغۇچى مېنى يوقلاپ كەلدى! 41چۈنكى مانا، سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندىلا، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ ئويناقلاپ كەتتى.
42ئىشەنگەن قىز نەقەدەر بەختلىكتۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئېيتىلغان سۆز جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ! 43مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى: ــ «جېنىم رەبنى ئۇلۇغلايدۇ، 44روھىم قۇتقۇزغۇچىم خۇدادىن شادلاندى، 45چۈنكى ئۇ دېدىكىنىڭ مىسكىن ھالىغا نەزەر سالدى؛ چۈنكى مانا، شۇندىن باشلاپ بارلىق دەۋرلەر مېنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ؛
The song of Mary
46چۈنكى قادىر بولغۇچى مەن ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى؛ مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى. 47ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتى دەۋردىن-دەۋرگىچە ئۆزىدىن قورقىدىغانلارنىڭ ئۈستىدىدۇر، 48ئۇ بىلىكى بىلەن كۈچ-قۇدرىتىنى نامايان قىلدى، ئۇ تەكەببۇرلارنى كۆڭلىدىكى نىيەت-خىياللىرى ئىچىدىلا تارمار قىلدى.
49ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى تەختىدىن چۈشۈردى، پېقىرلارنى ئېگىز كۆتۈردى. 50ئۇ ئاچلارنى نازى-نېمەتلەر بىلەن تويۇندۇردى، لېكىن بايلارنى قۇرۇق قول قايتۇردى. 51مەريەم ئېلىزابىتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايچە تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.
52ئېلىزابىتنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 53ئەمدى ئۇنىڭ قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتىنى شۇنچە ئۇلغايتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ شادلاندى. 54ۋە شۇنداق بولدىكى، بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، خالايىق بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلغىلى كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى.
55لېكىن ئانىسى جاۋابەن: ــ ياق! ئىسمى يەھيا ئاتالسۇن ــ دېدى. 56ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بىراق ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! ــ دېيىشتى.
John is born and named
57شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىڭىزگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايسىز، دەپ ئىشارەت بىلەن سوراشتى. 58ئۇ بىر پارچە [موم] تاختاينى ئەكىلىشنى تەلەپ قىلىپ: «ئۇنىڭ ئىسمى يەھيادۇر» دەپ يازدى. ھەممەيلەن ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 59شۇئان ئۇنىڭ ئاغزى ئېچىلدى، ئۇنىڭ تىلى يېشىلىپ، زۇۋانغا كەلدى ۋە شۇنىڭ بىلەن خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى.
60ئۇلارنىڭ ئۆپچۈرىسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنچ باستى؛ يەھۇدىيە تاغلىق رايونلىرىدا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەل ئاغزىدا پۇر كەتتى. 61بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى كۆڭلىگە پۈكۈپ: «بۇ بالا زادى قانداق ئادەم بولار؟» دېيىشتى. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قولى دەرۋەقە ئۇنىڭغا يار ئىدى. 62شۇ چاغدا بالىنىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا تولدۇرۇلۇپ، ۋەھىي-بېشارەتنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى: ــ 63«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلسۇن! چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى يوقلاپ، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىپ، بەدەل تۆلەپ ئۇلارنى ھۆر قىلدى.
64ئەمدى سەن، ئى بالام، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەيغەمبىرى دەپ ئاتىلىسەن؛ چۈنكى سەن رەبنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىدا ماڭىسەن. 65ۋەزىپەڭ ئۇنىڭ خەلقىگە گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئارقىلىق بولىدىغان نىجاتنىڭ خەۋىرىنى بىلدۈرۈشتۈر؛ 66بالا بولسا ئۆسۈپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا نامايان قىلىنغۇچە چۆللەردە ياشاپ كەلدى.