Job 38
Where were you when I laid the foundations
1ئاندىن پەرۋەردىگار قارا قۇيۇن ئىچىدىن ئايۇپقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ 2«نەسىھەتنى تۇتۇرۇقسىز سۆزلەر بىلەن خىرەلەشتۈرگەن زادى كىم؟ 3ئەركەكتەك بېلىڭنى چىڭ باغلا؛ شۇندا مەن سەندىن سوراي، ئاندىن سەن مېنى خەۋەردار قىل!
4مەن يەر-زېمىننى ئاپىرىدە قىلغىنىمدا، سەن زادى نەدە ئىدىڭ؟ بۇلارنى چۈشەنگەن بولساڭ، بايان قىلىۋەر. 5كىم يەر-زېمىننىڭ ئۆلچىمىنى بېكىتكەن؟ ــ سەن بۇنى بىلمەمسەن؟ كىم ئۇنىڭ ئۈستىگە تانا تارتىپ ئۆلچىگەن؟ 6بالىياتقۇدىن چىققاندەك، دېڭىز سۈيى بۆسۈپ چىققاندا، كىم ئۇنى دەرۋازىلار ئىچىگە بەند قىلغان؟ 7مەن بۇلۇتنى دېڭىزنىڭ كىيىمى قىلغاندا، ۋە قاپ-قاراڭغۇنى ئۇنىڭ زاكىسى قىلغاندا، 8مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پاسىل كەسكەن ۋاقىتتا، ئۇنى چەكلەپ بالداقلارنى ھەم دەرۋازىلارنى سالغاندا، 9يەنى ئۇنىڭغا: «مۇشۇ يەرگىچە بارىسەن، پاسىلدىن ئۆتمە، سېنىڭ تەكەببۇر دولقۇنلىرىڭ مۇشۇ يەردە توختىسۇن» دېگەندە، سەن نەدە ئىدىڭ؟ 10سەن تۇغۇلغاندىن بېرى سەھەرنى «چىق» دەپ بۇيرۇپ باققانمۇسەن؟ سەن تاڭ سەھەرگە ئۆزى چىقىدىغان جايىنى كۆرسەتكەنمۇسەن؟ 11سەن شۇنداق قىلىپ سەھەرگە يەر يۈزىنىڭ قەرىنىمۇ يورۇتقۇزۇپ ھۆكۈم سۈرگۈزۈپ، شۇنداقلا رەزىللەرنى تىترىتىپ يەر-زېمىندىن قوغلاتقۇزغانمۇسەن؟
12شۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىن سېغىز لايغا بېسىلغان مۆھۈر ئىزلىرىدەك ئۆزگەرتىلىدۇ؛ كىيگەن كىيىمدەك ھەممە ئېنىق بولىدۇ؛ 13ھەم شۇنىڭ بىلەن رەزىللەرنىڭ «نۇر»ى ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ كۆتۈرۈلگەن بىلەكلەر سۇندۇرۇلىدۇ. 14دېڭىزدىكى بۇلاقلارغا سەپەر قىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئوكيانلارنىڭ قەرىدە مېڭىپ باققانمۇسەن؟ 15ئۆلۈمنىڭ دەرۋازىلىرى ساڭا ئاشكارىلانغانمۇ؟ ئۆلۈم سايىسىنىڭ دەرۋازىلىرىنى كۆرگەنمۇسەن؟ 16ئەقلىڭ يەر-زېمىننىڭ چوڭلۇقىغا يەتكەنمۇ؟ ھەممىسىنى بىلگەن بولساڭ ئېنىق بايان قىل!
17نۇر تۇرۇشلۇق جايغا بارىدىغان يول نەدە؟ قاراڭغۇلۇقنىڭ بولسا، ئەسلىي ئورنى نەدە؟ 18سەن [بۇنى بىلىپ] ئۇلارنى ئۆز چېگراسىغا ئاپىرالامسەن؟ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ماڭىدىغان يوللارنى بىلىپ يېتەلەمسەن؟ 19ھەئە، راست، سەن بىلىسەن، چۈنكى سەن ئۇلارنىڭ چاغلىرىدىن ئىلگىرى تۇغۇلغانسەن، كۈنلىرىڭنىڭ سانى دەرھەقىقەت كۆپتىن كۆپتۇر!
20قار قاچىلانغان خەزىنىلەرگە كىرىپ كۆردۈڭمۇ. مۆلدۈر ئامبىرلىرىنىمۇ كۆرۈپ باقتىڭمۇ؟ 21بۇلارنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك زامانغا قالدۇردۇم، جەڭ ۋە ئۇرۇش كۈنى ئۈچۈن تەييارلاپ قويدۇم. 22چاقماق دېگەن قانداق يول بىلەن يېرىلىدۇ؟ شەرق شامىلى يەر يۈزىدە قانداق يول بىلەن تارقىتىلىدۇ؟ 23يامغۇر كەلكۈنىنىڭ چۈشىدىغان قانىلىنى چېپىپ تەييارلىغان كىمدۇ؟ گۈلدۈرمامىنىڭ چاقمىقى ئۈچۈن يول تەييارلىغان كىمدۇ؟ 24شۇنداق قىلىپ يامغۇر ھېچ ئادەم يوق بولغان يەر يۈزىگە، ھېچ ئادەمزاتسىز دەشت-باياۋانغا ياغدۇرۇلمامدۇ؟ 25شۇنىڭ بىلەن چۆللەشكەن، قۇرغاق تۇپراقلار قاندۇرۇلىدۇ، ئوت-چۆپ بىخ ئۇرۇپ كۆكلەپ چىقمامدۇ؟ 26يامغۇرنىڭ ئاتىسى بارمۇ؟ شەبنەمنى كىم تۇغقاندۇ؟ 27مۇز بولسا كىمنىڭ بالىياتقۇسىدىن چىقىدۇ؟ ئاسماندىكى ئاق قىراۋنى بولسا كىم دۇنياغا كەلتۈرىدۇ؟
28شۇ چاغدا سۇ قېتىپ تاشتەك بولىدۇ، چوڭقۇر دېڭىزلارنىڭ يۈزى قېتىپ تۇتاشتۇرۇلىدۇ. 29«قەلب يۇلتۇزلار توپى»نىڭ باغلىمىنى باغلىيالامسەن؟ ئورىئوننىڭ رىشتىلىرىنى بوشىتالامسەن؟ 30«ئون ئىككى زودىئاك يۇلتۇز تۈركۈملىرى»نى ئۆز پەسلىدە ئېلىپ چىقىرالامسەن؟ «چوڭ ئېيىق تۈركۈمى»نى كۈچۈكلىرى بىلەن يېتەكلىيەلەمسەن؟ 31ئاسماننىڭ قانۇنىيەتلىرىنى بىلىپ يەتكەنمۇسەن؟ ئاسماننىڭ يەر ئۈستىگە سۈرىدىغان ھۆكۈملىرىنى سەن بەلگىلەپ قويغانمۇ؟ 32سەن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ بۇلۇتلارغىچە يەتكۈزۈپ، يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۆزۈڭنى قىيان-تاشقىنلارغا باستۇرالامسەن؟ 33سەن چاقماقلارنى بۇيرۇپ ئۆز يولىغا ماڭدۇرالامسەن؟ ئۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «مانا بىز!» دەپ ساڭا جاۋاب بېرەمدۇ؟ 34ئادەمنىڭ ئىچ-باغرىغا دانالىق بېغىشلاپ كىرگۈزگەن كىمدۇ؟ ئەقىلگە چۈشىنىش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىمدۇ؟ 35بۇلۇتلارنى دانالىق بىلەن سانىغان كىم؟ ئاسمانلاردىكى سۇ تۇلۇملىرىنى تۆكىدىغان كىم؟
36بۇنىڭ بىلەن توپا-چاڭلارنى قاتۇرۇپ ئۇيۇل قىلدۇرغان، چالمىلارنى بىر-بىرىگە چاپلاشتۇرغۇزغان زادى كىم؟ 37«چىشى شىر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاپ يۈرەمسەن، شىر كۈچۈكلىرىنىڭ ئىشتىھاسىنى قاندۇرامسەن؟ 38ئۇلار ئۇۋىلىرىدا زوڭزىيىپ يۈرگەن ۋاقتىدا، چاتقاللىق ئىچىدە تۇرۇپ تۇزاق قويۇپ، [سەن ئۇلارغا ئولجا بېرەلەمسەن]؟ 39يېمى كەمچىل بولۇپ، ئېزىپ كېتىپ يىراققا كېتىپ قالغاندا، بالىلىرى تەڭرىگە ئىلتىجا قىلىپ نالە-پەرياد كۆتۈرگەندە، تاغ قاغىلىرى ھەم بالىلىرى ئۈچۈن يەمنى تەمىنلىگەن كىمدۇ؟