Job 10

Job speaks out of bitterness

1مەن ئۆز جېنىمدىن نەپرەتلىنىمەن؛ ئۆز دەردىمنى تۆكۈۋالاي؛ قەلبىمدىكى ئاھ-زارىمنى سۆزلەۋالاي. 2مەن تەڭرىگە: «مېنىڭ گۇناھىمنى بېكىتمە؛ ماڭا كۆرسەتكىنكى، سەن زادى نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن دەۋالىشىسەن؟ 3ئادەمنى ئەزگىنىڭ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ياراتقىنىڭنى چەتكە قاققىنىڭ ساڭا پايدىلىقمۇ؟ يامانلارنىڭ سۇيىقەستىگە نۇر چاچقىنىڭ ياخشىمۇ؟ 4سېنىڭ كۆزۈڭ ئىنساننىڭكىدەك ئاجىزمۇ؟ سەن ئادەملەر كۆرگەندەك خىرە كۆرەمسەن؟ 5سېنىڭ كۈنلىرىڭ ئۆلىدىغان ئىنساننىڭ كۈنلىرىدەك چەكلىكمۇ؟ سېنىڭ يىللىرىڭ ئىنساننىڭ يىللىرىدەك قىسقىمۇ؟ 6ــ سەن ئۆز قوللىرىڭ بىلەن مېنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر گەۋدە قىلىپ ياراتقانسەن؛ بىراق سەن مېنى يوقاتماقچىسەن!

7سەن لاينى ياسىغاندەك مېنى ياسىغىنىڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، دەپ يېلىنىمەن؛ سەن مېنى يەنە تۇپراققا قايتۇرامسەن؟ 8سەن [ئۇستىلىق بىلەن] مېنى سۈتتەك قۇيۇپ چايقاپ، مېنى ئىرىمچىكتەك ئۇيۇتقان ئەمەسمۇ؟ 9سەن تېرە ھەم ئەت بىلەن مېنى كىيىندۈرگەنسەن، ئۇستىخان ھەم پەي بىلەن بىرلەشتۈرۈپ مېنى توقۇغانسەن.

10سەن ماڭا ھايات ھەم مېھىر-شەپقەت تەقدىم قىلغانسەن، سەن سۆيگۈڭ بىلەن روھىمدىن خەۋەر ئالدىڭ. 11بىراق بۇ ئىشلار سېنىڭ قەلبىڭدە يوشۇرۇقلۇق ئىدى؛ بۇلارنىڭ ئەسلىدە قەلبىڭدە پۈكۈكلىكىنى بىلىمەن. 12گۇناھ قىلغان بولسام، سەن مېنى كۆزىتىپ يۈرگەن بولاتتىڭ؛ سەن مېنىڭ قەبىھلىكىمنى جازالىماي قويمايتتىڭ.

13رەزىل ھېسابلانغان بولسام، ماڭا بالا كېلەتتى! ھەم ياكى ھەققانىي ھېسابلانساممۇ، قاتتىق نومۇسقا چۆمۈپ، ئازابقا چۆمگىنىمدە، بېشىمنى يەنىلا كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم؛ 14ھەتتا [بېشىمنى] كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلساممۇ، سەن ئەشەددىي شىردەك مېنىڭ پېيىمگە چۈشەتتىڭ؛ سەن ماڭا كارامەت كۈچۈڭنى ئارقا-ئارقىدىن كۆرسىتەتتىڭ. 15سەن مېنى ئەيىبلەيدىغان گۇۋاھچىلىرىڭنى قايتىدىن ئالدىمغا كەلتۈرىسەن؛ ماڭا قارىتىلغان غەزىپىڭنى زور قىلىسەن؛ كۈچلىرىڭ ماڭا قارشى دولقۇنلاپ كەلمەكتە.

16سەن ئەسلىدە نېمىشقا مېنى بالىياتقۇدىن چىقارغانسەن؟ كاشكى، مەن چاچراپ كەتكەن بولسام، ھېچ ئادەم مېنى كۆرمەس ئىدى! 17مەن ھېچقاچان بولمىغان بولاتتىم! بالىياتقۇدىن بىۋاسىتە گۆرگە ئاپىرىلغان بولاتتىم!

Copied!
Aa