Jeremiah 32
Jeremiah buys a field
1يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانىڭ ئونىنچى يىلى، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن كەلگەن سۆز تۆۋەندە خاتىرىلەنگەن (شۇ يىل نېبوقادنەسارنىڭ ئون سەككىزىنچى يىلى ئىدى؛ 2شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشۇۋالغانىدى؛ يەرەمىيا پەيغەمبەر بولسا يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدىكى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغانىدى. 3يەرەمىيا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەن ــ دېدى: ــ 4مانا، تاغاڭ شاللۇمنىڭ ئوغلى ھانامەئەل يېنىڭغا كېلىپ: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋال؛ چۈنكى ئۇنى سېتىۋېلىشقا سېنىڭ ھەمجەمەتلىك ھوقۇقۇڭ بار» ــ دەيدىغان بولىدۇ.
5ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەل، قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا يېنىمغا كېلىپ ماڭا: «بىنيامىننىڭ زېمىنىدىكى مېنىڭ ئاناتوتتىكى ئېتىزىمنى سېتىۋالغايسەن؛ چۈنكى ھەمجەمەت ھوقۇقى سېنىڭكىدۇر؛ ئۆزۈڭ ئۈچۈن سېتىۋال» ــ دېدى؛ ئاندىن مەن بۇنىڭ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 6شۇڭا مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلدىن ئاناتوتتىكى بۇ ئېتىزنى سېتىۋالدىم؛ پۇلنى، يەنى ئون يەتتە شەكەل كۈمۈشنى گىرگە سېلىپ ئۆلچىدىم. 7مەن توختام خېتىگە ئىمزا قويۇپ، ئۈستىگە مۆھۈرنى بېسىپ پېچەتلىدىم؛ بۇنىڭغا گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھ بەرگۈزدۇم، كۈمۈشنى تارازىغا سالدىم؛ 8توختام خېتىنى قولۇمغا ئالدىم، ــ بىرسىدە سودا تۈزۈمى ۋە شەرتلىرى خاتىرىلىنىپ پېچەتلەنگەن، يەنە بىرسى پېچەتلەنمىگەنىدى ــ 9ۋە مەن تاغامنىڭ ئوغلى ھانامەئەلنىڭ كۆز ئالدىدا، بۇ سودا خېتىگە ئىمزا قويغان گۇۋاھچىلار ۋە قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا ئولتۇرغان يەھۇدىيلارنىڭ ھەممىسى ئالدىدا خەتلەرنى مائاسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇردۇم.
10ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارۇققا مۇنداق تاپىلاپ دېدىم: ــ 11ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەتلەرنى، يەنى پېچەتلەنگەن ۋە پېچەتلەنمىگەن بۇ توختام خەتلىرىنى ئېلىپ، بۇلار ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ساقلانسۇن دەپ ساپال ئىدىش ئىچىگە سالغىن؛ 12چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ كەلگۈسىدە بۇ زېمىندا ھەم ئۆيلەر، ھەم ئېتىزلار، ھەم ئۈزۈمزارلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ.
13مەن توختام خېتىنى نېرىيانىڭ ئوغلى بولغان بارۇققا تاپشۇرغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدىم: ــ 14«ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، سەن ئاسمان-زېمىننى ئۆزۈڭنىڭ زور قۇدرىتىڭ ۋە سوزۇلغان بىلىكىڭ بىلەن ياسىغانسەن؛ ساڭا ھېچقانداق ئىش تەس ئەمەستۇر؛ 15سەن مىڭلىغان كىشىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىسەن ھەمدە ئاتىلارنىڭ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنىمۇ كېيىن بالىلىرىنىڭ قوينىغا قايتۇرىسەن؛ ئاھ سەن ئۇلۇغ، قۇدرەت ئىگىسى تەڭرىدۇرسەن ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سېنىڭ نامىڭدۇر؛
Nothing is too hard for you
16ئوي-نىشانلىرىڭدا ئۇلۇغ، قىلغان ئىشلىرىڭدا قۇدرەتلىكسەن؛ كۆزلىرىڭ بىلەن ئىنسان بالىلىرىنىڭ ئۆز يوللىرى ۋە قىلغانلىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە ھەربىرىگە [ئىنئام ياكى جازا] قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزلىگۈچىدۇرسەن؛ 17ــ سەن بۈگۈنكى كۈنگىچە مىسىر زېمىنىدا، ئىسرائىل ئىچىدە ھەم بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدا مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ھەم كارامەتلەرنى ئايان قىلىپ كەلگەنسەن؛ شۇڭلاشقا بۈگۈنگىچە سېنىڭ نامىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە. 18سەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر قۇدرەتلىك قولۇڭ، سوزۇلغان بىلىكىڭ ۋە دەھشەتلىك ۋەھشەت ئارقىلىق ئۆز خەلقىڭ ئىسرائىلنى مىسىر زېمىنىدىن چىقارغانسەن؛ 19سەن ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان، سۈت ھەم بال ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ زېمىننى تەقدىم قىلغانسەن.
20ئۇلار دەرۋەقە زېمىنغا كىرىپ ئۇنىڭغا ئىگە بولغان؛ لېكىن ئۇلار سېنىڭ ئاۋازىڭغا قۇلاق سالمىغان، تەۋرات-قانۇنۇڭدا ماڭمىغان؛ ئۇلارغا ئەمر قىلغانلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئەمەل قىلمىغان؛ شۇڭا سەن بۇ كۈلپەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلارنىڭ بېشىغا چۈشۈرگەنسەن. 21مانا، شەھەرنى بېسىپ كىرىش ئۈچۈن سېپىلغا سېلىپ چىقىرىلغان دۆڭلۈك-پوتەيلەرگە قارىغايسەن! قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا تۈپەيلىدىن شەھەر ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلماي قالمايدۇ؛ سەن ئالدىنئالا ئېيتقىنىڭ ھازىر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى؛ مانا، ئۆزۈڭ كۆرىسەن. 22لېكىن سەن، ئى رەب پەرۋەردىگار، گەرچە شەھەر كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدىغان بولسىمۇ، ماڭا: «ئۆزۈڭ ئۈچۈن ئېتىزنى كۈمۈشكە سېتىۋال ۋە بۇنى گۇۋاھچىلارغا كۆرگۈزگىن!؟» ــ دېدىڭ».
23ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ 24مانا، مەن پەرۋەردىگار، بارلىق ئەت ئىگىلىرىنىڭ خۇداسىدۇرمەن؛ ماڭا تەس چۈشىدىغان بىرەر ئىش بارمىدۇ؟ 25شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ شەھەرنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا ۋە بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇنى ئىگىلىۋالىدۇ.
The city will be given to Babylon
26بۇ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان كالدىيلەر ئۇنىڭغا بېسىپ كىرىپ ئوت قويۇپ ئۇنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ؛ ئۇلار شەھەردىكىلەرنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ؛ ئۇلار بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرى ئۈستىدە مېنى غەزەپلەندۈرۈپ بائالغا ئىسرىق ياققان، يات ئىلاھلارغا شاراب ھەدىيەلىرىنى قۇيغان. 27چۈنكى ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ياشلىقىدىن تارتىپ كۆز ئالدىمدا پەقەت رەزىللىكلا قىلىپ كەلمەكتە؛ ئىسرائىللار پەقەتلا ئۆز قوللىرى ياسىغانلار بىلەن غەزىپىمنى قوزغىغاندىن باشقا ئىش قىلمىغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. 28چۈنكى بۇ شەھەر قۇرۇلغان كۈنىدىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىمنى شۇنداق قوزغىغۇچى بولۇپ كەلدىكى، مەن ئۇنى ئۆز يۈزۈم ئالدىدىن يوقاتمىسام بولمايدۇ.
29ئىسرائىللار ۋە يەھۇدالار ــ ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمىرلىرى كاھىنلىرى، پەيغەمبەرلىرى، يەھۇدا ئادەملىرى ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ مېنى غەزەپلەندۈرگەن بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن [شەھەرنى يوقىتىمەن]. 30ئۇلار ماڭا يۈزىنى قاراتقان ئەمەس، بەلكى ماڭا ئارقىسىنى قىلىپ تەتۈر قارىغان؛ گەرچە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارغا ئۆگەتكەن بولساممۇ، ئۇلار ئاڭلىماي تەلىم-تەربىيىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. 31ئۇلار ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە يىرگىنچلىك بۇتلىرىنى سېلىپ ئۇنى بۇلغىغان؛ 32ئۇلار ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتىن ئۆتكۈزۈپ «مولەك»كە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»دىكى، بائالغا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى قۇرۇپ چىققان؛ مەن ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىش قىلىشىنى زادى بۇيرۇپ باقمىغانمەن؛ ئۇلارنىڭ يەھۇدانى گۇناھقا پاتقۇزۇپ، مۇشۇنداق لەنەتلىك ئىش قىلسۇن دېگەن ئوي-نىيەتتە ھېچقاچان بولۇپ باقمىغانمەن.
33سىلەر مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق: «دەرھەقىقەت، ئۇ قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا ئارقىلىق بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ!» ــ دەۋاتىسىلەر؛ لېكىن پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇشۇ شەھەر توغرۇلۇق ھازىر مۇنداق دەيدۇ: ــ 34مانا، مەن ئۇلارنى غەزىپىم، قەھرىم ۋە زور ئاچچىقىم بىلەن ھەيدىۋەتكەن بارلىق پادىشاھلىقلاردىن يىغىمەن؛ مەن ئۇلارنى قايتىدىن مۇشۇ يەرگە ئېپكېلىمەن، ئۇلارنى ئامان-تىنچلىقتا تۇرغۇزىمەن. 35ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن.
Fields will be bought again
36مەن ئۇلار ۋە ئۇلاردىن كېيىن بولغان بالىلىرىنى بارلىق كۈنلىرىدە مەندىن ئەيمىنىپ ياخشىلىق كۆرسۇن دەپ، ئۇلارغا بىر قەلب، بىر يولنى ئاتا قىلىمەن. 37مەن ئۇلارغا ئىلتىپات قىلىشتىن قولۇمنى ئىككىنچى ئۈزمەسلىكىم ئۈچۈن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە تۈزىمەن؛ ئۇلارنىڭ قايتىدىن يېنىمدىن چەتلىمەسلىكى ئۈچۈن مەن قەلبىگە قورقۇنچۇمنى سالىمەن. 38مەن ئۇلارغا ياخشىلىق ئاتا قىلىشتىن ھۇزۇر ئېلىپ شادلىنىمەن ۋە پۈتۈن قەلبىم، پۈتۈن جېنىم بىلەن ئۇلارنى مۇشۇ زېمىنغا تىكىپ تۇرغۇزىمەن!
39چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن خۇددى بۇ خەلقنىڭ بېشىغا بۇ دەھشەتلىك كۈلپەتنىڭ ھەممىسىنى چۈشۈرگىنىمدەك، مەن ئۇلار توغرۇلۇق ۋەدە قىلغان بارلىق بەخت-بەرىكەتلەرنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ 40سىلەر مۇشۇ زېمىن توغرۇلۇق: «ئۇ ۋەيرانە، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىزدۇر؛ كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلغان!» دەيسىلەر. لېكىن كەلگۈسىدە ئۇنىڭدا ئېتىزلار قايتىدىن سېتىۋېلىنىدۇ! 41بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە، [جەنۇبتىكى] تاغلىق شەھەرلىرىدە، غەربتىكى «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، [يەھۇدانىڭ] جەنۇبىي باياۋانلىرىدىكى شەھەرلەردىمۇ كىشىلەر قايتىدىن كۈمۈشكە ئېتىزلارنى سېتىۋالىدۇ، توختام خەتلىرىگە ئىمزا قويىدۇ، مۆھۈرلەپ، گۇۋاھچىلارنى گۇۋاھقا ھازىر قىلىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.