Isaiah 64
Oh, that you would rend the heavens
1سەن بىز كۈتمىگەن دەھشەتلىك ئىشلارنى قىلغان ۋاقتىڭدا، سەن چۈشكەنىدىڭ؛ يۈزۈڭدىن تاغلار راستلا ئېرىپ كەتتى! 2سەندىن باشقا ئۆزىگە تەلمۈرۈپ كۈتكەنلەر ئۈچۈن ئىشلىگۈچى بىر خۇدانى، ئادەملەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، قۇلاققا يېتىپ باقمىغان، كۆز كۆرۈپ باقمىغاندۇر! 3سەن ھەققانىيلىقنى يۈرگۈزۈشنى خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئادەمنىڭ، يەنى يوللىرىڭدا مېڭىپ، سېنى سېغىنغانلارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇچى ھەمراھدۇرسەن؛ بىراق مانا، سەن غەزەپتە بولدۇڭ، بىز بولساق گۇناھتا بولدۇق؛ ئۇنداق ئىشلار ئۇزۇن بولۇۋەردى؛ ئەمدى بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ 4ئەمدى بىز ناپاك بىر نەرسىگە ئوخشاش بولدۇق، قىلىۋاتقان بارلىق «ھەققانىيەتلىرىمىز» بولسا بىر ئەۋرەت لاتىسىغىلا ئوخشايدۇ، خالاس؛ ھەممىمىز يوپۇرماقتەك خازان بولۇپ كەتتۇق، قەبىھلىكلىرىمىز شامالدەك بىزنى ئۇچۇرۇپ تاشلىۋەتتى.
5سېنىڭ نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلغۇچى، ئىلتىپاتىڭنى تۇتۇشقا قوزغالغۇچى ھېچ يوقتۇر؛ چۈنكى سەن يۈزۈڭنى بىزدىن قاچۇرۇپ يوشۇردۇڭ، قەبىھلىكلىرىمىزدىن بىزنى سولاشتۇرغۇزدۇڭ. 6بىراق ھازىر، ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزنىڭ ئاتىمىزدۇرسەن؛ بىز سېغىز لاي، سەن بىزنىڭ ساپالچىمىزدۇرسەن؛ ھەممىمىز بولساق قولۇڭدا ياسالغاندۇرمىز؛ 7ئى پەرۋەردىگار، بىزگە قاراتقان غەزىپىڭنى زور قىلمىغايسەن، قەبىھلىكنى مەڭگۈگىچە ئەسلەپ يۈرمىگىن؛ مانا، قارىغىن، ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز!
8مۇقەددەس شەھەرلىرىڭ جاڭگال، زىئونمۇ جاڭگال بولۇپ قالدى؛ يېرۇسالېم ۋەيران بولدى؛ 9ئاتا-بوۋىمىز سېنى مەدھىيىلىگەن جاي، پاك-مۇقەددەسلىك، گۈزەل-پارلاقلىق تۇرالغۇسى بولغان ئۆيىمىز بولسا ئوت بىلەن كۆيۈپ كۈل بولدى؛ قەدىر-قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ۋەيران قىلىۋېتىلدى. 10مۇشۇ ئىشلار ئالدىدا ئۆزۈڭنى چەتكە ئالامسەن، ئى پەرۋەردىگار؟ سۈكۈت قىلىپ تۇرامسەن؟ بىزنى بولۇشىچە خار قىلىپ ئۇرۇۋېرەمسەن؟»