Hebrews 6

Press on to maturity

1خۇدا خالىغانىكەن، بىز شۇنداق قىلىمىز. 2چۈنكى كۆپ قېتىملاپ ئۆز ئۈستىگە ياغقان يامغۇر سۈيىنى ئىچكەن، ئۆزىدە تېرىغۇچىلارغا مەنپەئەتلىك زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن يەر بولسا خۇدادىن بەرىكەت ئالماقتا. 3بىراق تىكەن ۋە قامغاق ئۆستۈرگەن بولسا، ئۇ ئەرزىمەس بولۇپ، لەنەتكە يېقىن بولۇپ، ئاقىۋىتى كۆيدۈرۈلۈشتىن ئىبارەت بولىدۇ.

4لېكىن ئەي سۆيۈملۈكلىرىم، گەرچە يۇقىرىقى ئىشلارنى تىلغا ئالغان بولساقمۇ، سىلەردە بۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەل ئىشلار، شۇنداقلا نىجاتلىقنىڭ ئېلىپ بارىدىغان ئىشلىرى بار دەپ قايىل بولدۇق. 5چۈنكى خۇدا قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس بەندىلىرىگە قىلغان ۋە ھازىرمۇ قىلىۋاتقان خىزمىتىڭلار ئارقىلىق ئۇنىڭ نامى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئادالەتسىزلەردىن ئەمەس. 6ئەمما سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنىڭ تولۇق جەزم-خاتىرجەملىك بىلەن بولۇشى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارنىڭ ئاخىرغىچە شۇنداق غەيرەت قىلىشىڭلارغا ئىنتىزارمىز؛ 7شۇنداقلا سۆرەلمىلەردىن بولماي، بەلكى ئېتىقاد ۋە سەۋرچانلىق ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغانلارنى ئۈلگە قىلىدىغانلاردىن بولغايسىلەر.

8چۈنكى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغاندا، ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ھېچكىم بولمىغاچقا، ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: 9«ساڭا چوقۇم بەخت ئاتا قىلىمەن، سېنى چوقۇم كۆپەيتىپ بېرىمەن» ــ دېدى. 10شۇنىڭ بىلەن، [ئىبراھىم] ئۇزۇن ۋاقىت سەۋر-تاقەت بىلەن كۈتۈپ، خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشتى.

11چۈنكى ئىنسانلار ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىرىنى تىلغا ئېلىپ قەسەم قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەسەم ئىسپات-تەستىق ھېسابلىنىپ، ھەر خىل تالاش-تارتىشلارغا خاتىمە بېرىدۇ. 12شۇنىڭدەك خۇدا، ئۆز ۋەدىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلارغا ئۆز نىشان-مەقسىتىنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى تېخىمۇ ئوچۇقراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، قەسەم قىلىپ ۋەدە بەردى.

An anchor for the soul

13شۇنىڭ بىلەن قەتئىي ئۆزگەرمەس ئىككى ئىش ئارقىلىق، كۆز ئالدىمىزدا قويۇلغان ئۈمىدنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن [ھالاكەتتىن] ئۆزىمىزنى قاچۇرۇپ ئۇنى باشپاناھ قىلغان بىزلەر كۈچلۈك رىغبەت-ئىلھامغا ئېرىشەلەيمىز (بۇ ئىككى ئىشتا خۇدانىڭ يالغان ئېيتىشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس، ئەلۋەتتە). 14بۇ ئۈمىد جېنىمىزغا چىڭ باغلانغان كېمە لەڭگىرىدەك شۈبھىسىز ھەم مۇستەھكەم بولۇپ، [ئەرشتىكى] ئىبادەتخانىنىڭ [ئىچكى] پەردىسىدىن ئۆتۈپ بىزنى شۇ يەرگە تۇتاشتۇرىدۇ. 15ئۇ يەرگە بىز ئۈچۈن يول ئېچىپ ماڭغۇچى ئەيسا بىزدىن ئاۋۋال كىرگەن بولۇپ، مەلكىزەدەكنىڭ كاھىنلىق تۈزۈمى تەرتىپىدە مەڭگۈلۈك تەيىنلەنگەن باش كاھىن بولدى.

Copied!
Aa