Hebrews 12
Run with endurance
1كۆڭلۈڭلەرنىڭ ھېرىپ سوۋۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، گۇناھكارلارنىڭ شۇنچە قاتتىق خورلاشلىرىغا بەرداشلىق بەرگۈچىنى كۆڭۈل قويۇپ ئويلاڭلار. 2گۇناھقا قارشى كۈرەشلەردە تېخى قان ئاققۇزۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتمىدىڭلار. 3خۇدانىڭ سىلەرگە ئۆز پەرزەنتلىرىم دەپ جېكىلەيدىغان [مۇقەددەس يازمىلاردىكى] مۇنۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇدۇڭلار: ــ «ئى ئوغلۇم، پەرۋەردىگارنىڭ تەربىيىسىگە سەل قارىما، ئەيىبلەنگىنىڭدە كۆڭلۈڭ سوۋۇپ كەتمىسۇن،
God disciplines those he loves
4چۈنكى پەرۋەردىگار سۆيگىنىگە تەربىيە بېرىدۇ، مېنىڭ ئوغلۇم دەپ قوبۇل قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەررىلەيدۇ». 5ئازاب چەككىنىڭلارنى خۇدانىڭ تەربىيىسى دەپ بىلىپ، ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرىڭلار. چۈنكى سىلەرنىڭ تەربىيە ئېلىشىڭلارنىڭ ئۆزى خۇدانىڭ سىلەرنى ئوغلۇم دەپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. قايسى پەرزەنت ئاتىسى تەرىپىدىن تەربىيىلەنمەيدۇ؟ 6ئەمدى [خۇدانىڭ] تەربىيىلىشىدە ھەربىر پەرزەنتىنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بار؛ لېكىن بۇ ئىش سىلەردە كەم بولسا ھەقىقىي ئوغۇللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ھارامدىن بولغان پەرزەنتى بولۇپ چىقىسىلەر.
7ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىمىزنىڭ ئۆزىمىزگە تەربىيە بەرگەن ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بار، بىز ئۇلارنىمۇ ھۆرمەتلەپ كەلدۇق. شۇنداق ئىكەن، روھلارنىڭ ئاتىسىغا تېخىمۇ ئىتائەت قىلمامدۇق؟ شۇنداقتا ھاياتىمىز ياشنىمامدۇ؟ 8ئەت جەھەتتىكى ئاتىلىرىمىز بەرھەق پەقەت ئۆزى مۇۋاپىق كۆرگەن يول بويىچە ئازغىنە ۋاقىت بىزنى تەربىيىلىگەن. لېكىن ئۇ بولسا بىزگە پايدىلىق بولسۇن دەپ، پاك-مۇقەددەسلىكىدىن مۇيەسسەر بولۇشىمىز ئۈچۈن تەربىيىلەيدۇ. 9ئەمدى قاتتىق تەربىيە بېرىلگەن ۋاقتىدا ئادەمنى خۇش قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئادەمنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ؛ بىراق بۇنىڭ بىلەن تۈزەلگەنلەرگە ئۇ كېيىن ھەققانىيلىقتىن چىققان تىنچ-خاتىرجەملىكنىڭ مېۋىسىنى بېرىدۇ.
10شۇنىڭ ئۈچۈن، «تېلىپ ساڭگىلىغان قولۇڭلارنى، زەئىپلىشىپ كەتكەن تىزىڭلارنى رۇسلاڭلار» 11ۋە «ئاقساق»لارنىڭ پۈكۈلۈپ قالماي، بەلكى شىپا تېپىشى ئۈچۈن پۈتلىرىڭلارنى تۈز يوللاردا ماڭدۇرۇڭلار. 12بارلىق كىشىلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشكە ۋە پاك-مۇقەددەس ياشاشقا ئىنتىلىڭلار؛ مۇقەددەس بولمىغان كىشى ھەرگىز رەبنى كۆرەلمەيدۇ.
13ئويغاق تۇرۇڭلاركى، ھېچكىم خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن مەھرۇم قالمىسۇن؛ ئاراڭلاردا سىلەرگە ئىش تاپقۇزۇپ سىلەرنى كۆيدۈرىدىغان، شۇنداقلا كۆپ ئادەملەرنى بۇلغاپ ناپاك بولۇشقا سەۋەب بولىدىغان بىرەر ئۆچ-ئاداۋەت يىلتىزى ئۈنمىسۇن.
Pursue peace and holiness
14ئاراڭلاردا ھېچبىر بۇزۇقلۇق قىلغۇچى ياكى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق ھوقۇقىنى بىر ۋاخ تاماققا سېتىۋەتكەن ئەساۋدەك ئىخلاسسىز كىشى بولمىسۇن. 15چۈنكى سىلەرگە مەلۇمكى، ئەساۋ كېيىن [ئاتىسىنىڭ] خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئىنتىلىپ كۆز ياشلىرىنى ئېقىتىپ يالۋۇرغان بولسىمۇ، ئۇ [بۇ ئىشلارنى ئورنىغا] [كەلتۈرىدىغان] توۋا قىلىش يولىنى تاپالماي، رەت قىلىندى. 16چۈنكى سىلەر قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان، يالقۇنلاپ ئوت يېنىپ تۇرۇۋاتقان ھەمدە سۈرلۈك بۇلۇت، قاراڭغۇلۇق ۋە قارا قۇيۇن قاپلىغان ئاشۇ تاغقا كەلمىدىڭلار ــ 17(ئۇ جايدا كاناي ساداسى بىلەن سۆزلىگەن ئاۋاز يەتكۈزۈلگەندە، بۇلارنى ئاڭلىغانلار: «بىزگە يەنە سۆز قىلىنمىسۇن!» دەپ [خۇداغا] يالۋۇرۇشتى؛
A kingdom that cannot be shaken
18چۈنكى ئۇلار قىلىنغان ئەمرنى كۆتۈرەلمىدى. «ئەگەر بۇ تاغقا ھەتتا بىرەر ھايۋاننىڭ ئايىغى تەگسىمۇ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن» [دەپ تاپىلانغانىدى]؛ 19ئۇ كۆرۈنۈش شۇنداق قورقۇنچلۇق ئىدىكى، مۇسامۇ: «بەك قاتتىق قورقۇپ غال-غال تىترەپ كەتتىم» دېگەنىدى). 20ــ سىلەر بەلكى زىئون تېغىغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ شەھىرى ــ ئەرشتىكى يېرۇسالېمغا، تۈمەنلىگەن پەرىشتىلەرگە، 21ئىسىملىرى ئەرشتە پۈتۈلگەن تۇنجى تۇغۇلغانلارنىڭ ھېيت-مەرىكە خۇشاللىقىدا جەم قىلىنغان جامائىتىگە، ھەممەيلەننىڭ سوراقچىسى خۇداغا، تاكامۇللاشتۇرۇلغان ھەققانىي كىشىلەرنىڭ روھلىرىغا 22ۋە يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى ئەيساغا، شۇنداقلا ھەم ئۇنىڭ سېپىلگەن قېنىغا كەلدىڭلار. بۇ قان ھابىلنىڭكىدىن ئەۋزەل سۆز قىلىدۇ.
23بۇ سۆزنى قىلغۇچىنى رەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دىققەت قىلىڭلار. چۈنكى يەر يۈزىدە ئۆزلىرىگە ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئاگاھلاندۇرغۇچىنى رەت قىلغانلار جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان يەردە، ئەرشتە بىزنى ئاگاھلاندۇرغۇچىدىن يۈز ئۆرۈسەك، ھالىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولمامدۇ؟ 24ئەمدى شۇ چاغدا خۇدانىڭ ئاۋازى زېمىننى تەۋرىتىۋەتكەنىدى؛ لېكىن ئەمدى ئۇ: «ئۆزۈم يەنە بىر قېتىم زېمىننىلا ئەمەس، ئاسماننىمۇ تەۋرىتىمەن» دەپ ۋەدە قىلدى. 25«يەنە بىر قېتىم» دېگەن بۇ سۆز تەۋرىتىلىدىغانلارنىڭ، يەنى يارىتىلغان نەرسىلەرنىڭ تەۋرىتىلىشى بىلەن يوقىتىلىدىغانلىقىنى، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ مەڭگۈ مۇقىم بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
26شۇنىڭ ئۈچۈن، تەۋرەتكىلى بولمايدىغان بىر پادىشاھلىققا مۇيەسسەر بولۇپ، مېھىر-شەپقەتنى چىڭ تۇتۇپ بۇ ئارقىلىق ئىخلاسمەنلىك ۋە ئەيمىنىش-قورقۇنچ بىلەن خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئىبادەتلەرنى قىلايلى. 27چۈنكى خۇدايىمىز ھەممىنى يەۋەتكۈچى بىر ئوتتۇر.