Genesis 50

Jacob is buried in Canaan

1يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ يۈزىگە ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە يىغلاپ، ئۇنى سۆيدى. 2ئاندىن يۈسۈپ ئۆز خىزمىتىدە بولغان تېۋىپلارغا ئاتىسىنى مۇمىيا قىلىشنى بۇيرۇدى؛ شۇنىڭ بىلەن تېۋىپلار ئىسرائىلنى مۇمىيا قىلدى. 3بۇنى قىلىشقا قىرىق كۈن كەتتى، چۈنكى مۇمىيا قىلىشقا شۇنچىلىك كۈن كېتەتتى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.

4پىرەۋن جاۋابەن: ــ سەن بېرىپ ئۆزۈڭگە ئاتاڭ قەسەم قىلدۇرغاندەك ئۇنى دەپنە قىلغىن، دېدى. 5شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى ماڭدى. پىرەۋننىڭ بارلىق خىزمەتكارلىرى، ئوردىنىڭ ئاقساقاللىرى ھەم مىسىر زېمىنىدىكى ئاقساقاللار ئۇنىڭ بىلەن ھەمراھ بولۇپ ماڭدى. 6يۈسۈپنىڭ ئۆيىدىكى ھەممىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ بىللە باردى؛ ئۇلار پەقەت كىچىك بالىلىرى، قوي-كالا پادىلىرىنى گوشەن يۇرتىدا قويۇپ كەتتى.

7ئۇنىڭ بىلەن يەنە جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارمۇ بىللە باردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ناھايىتى چوڭ بىر قوشۇن بولدى. 8ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى «ئاتادنىڭ خامىنى»غا يېتىپ كەلگەندە، شۇ يەردە قاتتىق ۋە ھەسرەتلىك يىغا-زار قىلىپ ماتەم تۇتۇپ يىغلاشتى. يۈسۈپ ئاتىسى ئۈچۈن يەتتە كۈن ماتەم تۇتتى. 9شۇ يۇرتتا ئولتۇرۇشلۇق قانائانىيلار ئاتادنىڭ خامىنىدا بولغان بۇ ماتەمنى كۆرۈپ: ــ بۇ مىسىرلىقلارنىڭ ئىنتايىن قاتتىق تۇتقان ھازىسى بولدى، دېيىشتى. بۇ سەۋەبتىن ئۇ جاينىڭ نامى «ئابەل-مىزرائىم» دەپ ئاتالدى؛ ئۇ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىدىدۇر.

10ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە تاپىلىغىنىدەك قىلدى؛ 11ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى قانائان زېمىنىغا ئېلىپ بېرىپ، مامرەنىڭ ئۇدۇلىدا، ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقىنىڭ ئىچىدىكى غاردا دەپنە قىلدى. شۇ غارنى ئىبراھىم قەبرىستانلىق قىلاي دەپ ماكپېلاھنىڭ ئېتىزلىقى بىلەن قوشۇپ ھىتتىي ئەفروندىن سېتىۋالغانىدى. 12يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزى، قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا ئاتىسىنى دەپنە قىلىشقا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ چىققان ھەممە خەلقلەر مىسىرغا يېنىپ كەلدى.

13لېكىن يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئاتىسىنىڭ ئۆلۈپ كەتكىنىنى كۆرگەندە: ــ ئەمدى يۈسۈپ بىزگە دۈشمەن بولۇپ بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بارلىق يامانلىقىمىزنى ئۈستىمىزگە ياندۇرارمىكىن، دېيىشتى. 14ئۇلار يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئادەم ئەۋەتىپ: ــ ئاتىلىرى ئۆلۈشتىن ئىلگىرى بىزگە ۋەسىيەت قىلىپ تاپىلاپ: ــ

You meant it for evil

15«سىلەر يۈسۈپكە: ــ ئاكىلىرىڭ ساڭا رەزىللىك قىلغانىدى؛ ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقى ھەم گۇناھىنى كەچۈرگىن! ــ دەڭلار» ــ دېگەنىدى. ھازىر سىلىدىن ئۆتۈنۈمىزكى، ئاتىلىرىنىڭ خۇداسىنىڭ بەندىلىرىنىڭ ئاسىيلىقىنى كەچۈرگەيلا! ــ دېدى. يۈسۈپ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ يىغلىدى. 16ئاندىن ئاكىلىرى كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە ئېتىپ: ــ مانا، بىز سىلىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز! ــ دېدى. 17لېكىن يۈسۈپ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ قورقماڭلار! مەن خۇدانىڭ ئورنىدا تۇرۇۋاتامدىم؟ 18سىلەر دەرۋەقە ماڭا شۇ ئىشنى يامان نىيەت بىلەن قىلدىڭلار؛ لېكىن خۇدا بۈگۈنكى كۈندىكىدەك نۇرغۇنلىغان خەلقنىڭ جېنىنى تىرىك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ ئىشنى ياخشىلىققا بېكىتكەنىدى.

19شۇڭا ئەمدى قورقماڭلار؛ مەن ھەم سىلەرنى ھەم بالا-چاقىلىرىڭلارنى باقىمەن، ــ دېدى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ مېھىرلىك گەپ قىلدى. 20يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەمەتى بىلەن بىللە مىسىردا تۇرۇپ قالدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يىل ئۆمۈر كۆردى. 21بۇ تەرىقىدە يۈسۈپ ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆردى؛ ماناسسەھنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ بالىلىرىمۇ ئۇنىڭ تىزلىرى ئۈستىدە تۇغۇلدى.

The death of Joseph

22يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا: ــ مەن ئۆلۈپ كېتىمەن؛ لېكىن خۇدا چوقۇم سىلەرنى يوقلاپ سىلەرنى بۇ زېمىندىن چىقىرىپ، ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا بېرىشكە قەسەم قىلىپ ۋەدە قىلغان زېمىنغا يەتكۈزىدۇ، ــ دېدى. 23ئاندىن يۈسۈپ يەنە قېرىنداشلىرىغا قەسەم ئىچكۈزۈپ: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم يوقلايدۇ؛ شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ سۆڭەكلىرىمنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشىڭلار كېرەك»، ــ دېدى. 24يۈسۈپ بىر يۈز ئون ياشقا كىرگەندە ۋاپات تاپتى. ئۇلار ئۇنى مۇمىيا قىلىپ، مىسىردا بىر مېيىت ساندۇقىغا سېلىپ قويدى.

Copied!
Aa