Genesis 46

God speaks at Beersheba

1شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىل بارلىق تەئەللۇقاتىنى ئېلىپ يولغا چىقىپ، بەئەر-شېباغا كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاقنىڭ خۇداسىغا قۇربانلىقلارنى سۇندى. 2كېچىسى خۇدا ئالامەت كۆرۈنۈشلەردە ئىسرائىلغا: ــ ياقۇپ، ياقۇپ! دېۋىدى، ئۇ جاۋاب بېرىپ: ــ مانا مەن! ــ دېدى. 3ئۇ: ــ ئاتاڭنىڭ تەڭرىسى بولغان خۇدا مەندۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن سېنى شۇ يەردە ئۇلۇغ بىر قوۋم قىلىمەن.

4مەن سېنىڭ بىلەن مىسىرغا بىللە بارىمەن ۋە مەن ئۆزۈم جەزمەن يەنە سېنى شۇ يەردىن ياندۇرۇپ كېلىمەن. يۈسۈپ ئۆز قولى بىلەن سېنىڭ كۆزۈڭنى يۇمدۇرىدۇ، ــ دېدى. 5ئاندىن ياقۇپ بەئەر-شېبادىن يولغا چىقتى؛ ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسى ياقۇپ ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىنى پىرەۋن ئۇنى ئېپكېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى، يەنى ياقۇپنىڭ مىسىرغا كەلگەن ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: ــ ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبەن؛

Those who went to Egypt

7رۇبەننىڭ ئوغۇللىرى ھانوخ، پاللۇ، ھەزرون بىلەن كارمى. 8شىمېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ يەمۇئەل، يامىن، ئوھاد، ياقىن، زوھار ۋە قانائانىي ئايالدىن بولغان سائۇل. 9لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: ــ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى.

10يەھۇدانىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئەر، ئونان، شەلاھ، پەرەز ۋە زەراھ. ئەمما ئەر ۋە ئونان قانائاننىڭ زېمىنىدا ئۆلۈپ كەتكەنىدى. پەرەزنىڭ ئوغۇللىرى ھەزرون بىلەن ھامۇللار ئىدى. 11ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرى: ــ تولا، پۇئاھ، يوب ۋە شىمرون. 12زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرى: ــ سەرەد، ئېلون ۋە جاھلىيەل.

13بۇلار لېياھنىڭ ياقۇپقا پادان-ئارامدا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى ئىدى؛ ئۇ يەنە قىزى دىناھنى تۇغۇپ بەردى. بۇنىڭ بۇ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلىرى جەمئىي بولۇپ ئوتتۇز ئۈچ جان ئىدى. 14گادنىڭ ئوغۇللىرى: ــ زىفىئون، ھاگگى، شۇنى، ئەزبون، ئېرى، ئارودى ۋە ئارئەلى. 15ئاشىرنىڭ ئوغۇللىرى: ــ يىمناھ، يىشۋاھ، يىشۋى ۋە بېرىياھ. ئۇلارنىڭ سىڭلىسى سېراھ ئىدى؛ بېرىياھنىڭ ئوغۇللىرى ھەبەر ۋە مالكىئەل ئىدى.

16بۇلار بولسا لابان قىزى لېياھقا دېدەك بولۇشقا بەرگەن زىلپاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، جەمئىي ئون ئالتە جان ئىدى. 17ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلەنىڭ ئوغۇللىرى يۈسۈپ ۋە بىنيامىن. 18يۈسۈپكە مىسىر زېمىنىدا تۆرەلگەن ئوغۇللىرى ماناسسەھ ۋە ئەفرائىم؛ بۇلارنى ئوندىكى كاھىن پوتىفىراھنىڭ قىزى ئاسىنات ئۇنىڭغا تۇغۇپ بەردى.

19بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: ــ بېلاھ، بەكەر، ئاشبەل، گېرا، نائامان، ئېھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارد. 20بۇلار راھىلەنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت جان ئىدى. 21داننىڭ ئوغلى: ــ ھۇشىم.

22نافتالىنىڭ ئوغۇللىرى: ــ ياھزىئەل، گۇنى، يەزەر ۋە شىللەم. 23بۇلار لابان قىزى راھىلەگە دېدەك بولۇشقا بەرگەن بىلھاھنىڭ ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئوغۇل-ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتتە جان ئىدى. 24ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىدىن باشقا، ياقۇپنىڭ پۇشتىدىن بولغان، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي ئاتمىش ئالتە جان ئىدى.

25يۈسۈپنىڭ مىسىردا تۇغۇلغان ئوغۇللىرى ئىككى ئىدى. ياقۇپنىڭ جەمەتىدىن بولۇپ، مىسىرغا كەلگەنلەر جەمئىي يەتمىش جان ئىدى. 26ياقۇپ يۈسۈپتىن كۆرسەتمە ئېلىپ، ئۆزلىرىنى گوشەنگە باشلاپ بېرىشقا يەھۇدانى يۈسۈپنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار گوشەن يۇرتىغا كېلىپ چۈشتى. 27يۈسۈپ ئۆزىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىنى قاتقۇزۇپ، ئاتىسى ئىسرائىلنىڭ ئالدىغا گوشەنگە چىقتى. ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ھازىر قىلىپ ئاتىسىغا ئۆزىنى ئېتىپ بوينىغا گىرە سېلىپ قۇچاقلاپ، ئۇزۇندىن ئۇزۇن يىغلىدى.

Father and son meet again

28ئىسرائىل يۈسۈپكە: مەن سېنىڭ يۈزۈڭنى كۆرۈپ، تىرىك ئىكەنلىكىڭنى بىلدىم؛ ئەمدى ئۆلسەممۇ ئارمىنىم يوق، ــ دېدى. 29ئاندىن يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى: ــ مەن ھازىر چىقىپ پىرەۋنگە خەۋەر بېرىپ: «قانائان زېمىنىدا ئولتۇرغان قېرىنداشلىرىم، شۇنداقلا ئاتامنىڭ ئۆيىدىكىلەر قېشىمغا كەلدى؛ 30بۇ ئادەملەر پادىچىلار بولۇپ، مال بېقىش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن، قوي-كالىلىرى، شۇنداقلا بارلىق مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ كەلدى» دەپ ئېيتاي.

31شۇنداق بولىدۇكى، پىرەۋن سىلەرنى چاقىرىدۇ؛ شۇ چاغدا ئۇ سىلەردىن: «نېمە ئوقىتىڭلار بار؟» دەپ سورىسا، 32سىلەر جاۋاب بېرىپ: ــ كەمىنىلىرى كىچىكىمىزدىن تارتىپ ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش پادا بېقىپ كەلگەنمىز، ــ دەڭلار. شۇنداق دېسەڭلار گوشەن يۇرتىدا ئولتۇرۇپ قالىسىلەر؛ چۈنكى پادىچىلارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىقلار ئارىسىدا كۆزگە ئىلىنمايدۇ.

Copied!
Aa