Genesis 36
The line of Esau
1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر (ئەساۋ يەنە ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ): ــ 2ئەساۋ ئاياللىرىنى قانائانىيلارنىڭ قىزلىرىدىن ئالدى، يەنى ھىتتىيلاردىن بولغان ئېلوننىڭ قىزى ئاداھ بىلەن ھىۋىيلاردىن بولغان زىبېئوننىڭ نەۋرىسى، ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھنى ئالدى؛ 3ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتنىمۇ ئالغانىدى.
4ئاداھ ئەساۋغا ئېلىفازنى تۇغۇپ بەردى؛ باسىمات بولسا رېئۇئەلنى تۇغدى. 5ئوھولىباماھ يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغدى؛ بۇلار قانائان زېمىنىدا ئەساۋغا تۇغۇلغان ئوغۇللار ئىدى. 6ئەساۋ ئاياللىرى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئۆيىدىكى ھەممە كىشىلىرىنى ۋە چارپايلىرىنى، بارلىق ئۇلاغلىرىنى، شۇنداقلا قانائان زېمىنىدا تاپقان بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر يۇرتقا كۆچۈپ كەتتى.
7چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ تەئەللۇقاتلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىر يەردە بىللە تۇرالمايتتى؛ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان زېمىن ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى باقالمايتتى. 8بۇنىڭ بىلەن ئەساۋ (ئەساۋ ئېدوم دەپمۇ ئاتىلىدۇ) سېئىر تېغىغا بېرىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 9تۆۋەندىكىلەر تاغلىق رايون سېئىردىكى ئېدومىيلارنىڭ ئاتا-بوۋىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر: ــ 10ئەساۋنىڭ ئايالى، يەنى زىبېئوننىڭ چوڭ قىزى، ئاناھنىڭ قىزى بولغان ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرى: ئۇ ئەساۋغا يەئۇش، يائالام ۋە كوراھنى تۇغۇپ بەردى.
11ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىن تۆۋەندىكى ئەمىرلەر چىققان: ــ ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئېلىفازنىڭ ئوغۇللىرىدىن: ــ ئەمىر تېمان، ئەمىر ئومار، ئەمىر زەفو، ئەمىر كېناز، 12ئەمىر كوراھ، ئەمىر گاتام ۋە ئەمىر ئامالەك چىققان. بۇلار ئېدوم زېمىنىدا ئېلىفازنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر بولۇپ، ئاداھنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى. 13ئەساۋنىڭ ئوغلى رېئۇئەلنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر ناھات، ئەمىر زەراھ، ئەمىر شامماھ ۋە ئەمىر مىززاھلار چىققان؛ بۇلار ئېدوم زېمىنىدا رېئۇئەلنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەردۇر؛ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتنىڭ ئەۋلادلىرى ئىدى.
14ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئەمىر يەئۇش، ئەمىر يائالام ۋە ئەمىر كوراھلار چىققان. بۇلار ئاناھنىڭ قىزى، ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباماھنىڭ نەسلىدىن چىققان ئەمىرلەر ئىدى. 15بۇلار ئەساۋنىڭ، يەنى ئېدومنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، [ئېدومىيلارنىڭ] ئەمىرلىرى ئىدى. 16لوتاننىڭ ئوغۇللىرى ھورى بىلەن ھېمام ئىدى؛ لوتاننىڭ سىڭلىسى تىمنا ئىدى.
17شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئېبال، شېفو ۋە ئونام ئىدى. 18زىبېئوننىڭ ئوغۇللىرى: ــ ئاياھ ۋە ئاناھ ئىدى. بۇ ئاناھ چۆلدە ئاتىسى زىبېئوننىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى تېپىۋالغان ئاناھنىڭ دەل ئۆزى شۇ ئىدى. 19ئاناھنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغلى دىشون؛ ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباماھ ئىدى.
The sons of Seir
20دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كېران ئىدى. 21ئېزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكان ئىدى. 22دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئاران ئىدى.
23ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىگە ھېچ پادىشاھ تېخى سەلتەنەت قىلماستا ئېدوم زېمىنىدا سەلتەنەت قىلغان پادىشاھلار تۆۋەندىكىدەك: ــ 24بېئورنىڭ ئوغلى بېلا ئېدومدا سەلتەنەت قىلدى؛ ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى دىنھاباھ ئىدى. 25بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، بوزراھلىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
26يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، تېمانىيلارنىڭ زېمىنىدىن كەلگەن ھۇشام ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 27ھۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، بېدادنىڭ ئوغلى ھاداد ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇ موئابنىڭ يايلاقلىرىدا مىدىيانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ يەڭگەنىدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى. 28ھاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ماسرەكاھلىق ساملاھ ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
29ساملاھ ئۆلگەندىن كېيىن، «دەريانىڭ بويىدىكى رەھوبوت»تىن كەلگەن سائۇل ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. 30سائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى.
The kings of Edom
31ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-ھانان ئۆلگەندىن كېيىن، ھادار ئۇنىڭ ئورنىدا سەلتەنەت قىلدى. ئۇنىڭ شەھىرىنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى مەھېتابەل بولۇپ، ئۇ مەي-زاھابنىڭ قىزى بولغان ماترەدنىڭ قىزى ئىدى.