Ezra 9
The people have intermarried
1بۇ ئىشلار پۈتكەندىن كېيىن ئەمىرلەر مېنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى يېنىمغا كېلىپ: ــ ئىسرائىللار، كاھىنلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەردىن، يەنى ئۇلارنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرىدىن ئايرىپ تۇرمىدى، ــ دېمەك، ئۇلار قانائانىيلار، ھىتتىيلار، پەرىززىيلەر، يەبۇسىيلار، ئاممونىيلار، موئابىيلار، مىسىرلىقلار ۋە ئامورىيلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. 2چۈنكى ئۇلار بۇ يات تائىپىلەردىن ئۆزلىرىگە ۋە ئوغۇللىرىغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، [خۇداغا] خاس مۇقەددەس نەسىلنى مۇشۇ زېمىنلاردىكى تائىپىلەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋەتتى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەمىرلەر بىلەن ئەمەلدارلار بۇ ساداقەتسىزلىكنىڭ باشلامچىلىرىدۇر، ــ دېيىشتى. 3مەن بۇ ئىشنى ئاڭلاپلا كۆڭلەك بىلەن تونۇمنى يىرتىپ، چاچ-ساقاللىرىمنى يۇلۇپ غەم-قايغۇغا چۈشۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
4ۋە ئىسرائىلنىڭ خۇداسىنىڭ سۆزلىرىدىن قورقۇپ تىترىگەنلەرنىڭ ھەربىرى سۈرگۈنلۈكتىن قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن يېنىمغا كەلدى. مەن تاكى كەچلىك قۇربانلىق سۇنۇلغۇچە غەم-قايغۇغا چۆمۈپ ئولتۇردۇم.
The prayer of Ezra
5كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى تۆۋەن قىلغان ھالەتتىن تۇرۇپ، كۆڭلەك ۋە تونۇم يىرتىق ھالدا خۇدايىم پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ، قوللىرىمنى يېيىپ، 6دۇئا قىلىپ: ــ «ئاھ خۇدايىم، شەرمەندىلىكتە يۈزۈمنى ساڭا قارىتىشتىن ئىزا تارتماقتىمەن، ئى خۇدايىم؛ چۈنكى قەبىھلىكلىرىمىز تولىلىقىدىن باشلىرىمىزدىن ئاشتى، ئاسىيلىق-ئىتائەتسىزلىكىمىز ئاسمانلارغا تاقاشتى. 7ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر زور ئىتائەتسىزلىكتە يۈرۈپ كەلدۇق، شۇڭا قەبىھلىكلىرىمىز تۈپەيلىدىن بىز، بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز ۋە كاھىنلىرىمىز خۇددى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ھەرقايسى يۇرتلاردىكى پادىشاھلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، قىلىچقا، سۈرگۈنلۈككە، بۇلاڭ-تالاڭغا، نومۇسقا تاپشۇرۇلدۇق.
8ئەمدى ھازىر ئازغىنە ۋاقىت خۇدايىمىز كۆزلىرىمىزنى نۇرلاندۇرۇپ، قۇللۇقىمىزدا بىزگە ئازغىنا ئارام بېرىلسۇن دەپ، قېچىپ قۇتۇلغان بىر قالدىنى ساقلاپ قېلىپ، بىزگە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس جايىدىن خۇددى قاققان قوزۇقتەك مۇقىم ئورۇن بېرىپ، بىزگە خۇدايىمىز پەرۋەردىگاردىن ئىلتىپات كۆرسىتىلدى. 9چۈنكى بىز ھازىر قۇللارمىز؛ ھالبۇكى، خۇدايىمىز مۇشۇ قۇللۇقىمىزدا يەنىلا بىزنى تاشلىۋەتمەي، بەلكى پارس پادىشاھلىرىنىڭ ئالدىدا رەھىمگە ئېرىشتۈرۈپ، خۇدايىمىزنىڭ ئۆيىنى سېلىپ، خارابىلەشكەن جايلىرىنى يېڭىۋاشتىن ئوڭلاشقا بىزنى روھلاندۇردى، شۇنداقلا بىزنى يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا سېپىللىق قىلدى. 10شۇڭا سىلەر قىزلىرىڭلارنى ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرمەڭلار، ئوغۇللىرىڭلارغا ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئېلىپ بەرمەڭلار؛ سىلەر كۈچىيىپ، زېمىننىڭ نازۇ-نېمەتلىرىدىن يېيىشكە، زېمىننى ئەبەدىلئەبەد ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ ئۇلارنىڭ ئامان-تىنچلىقى ياكى مەنپەئىتىنى ھەرگىز ئىزدىمەڭلار» ــ دېگەنىدىڭ.
11بىزنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىمىز ۋە ناھايىتى ئېغىر ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن بۇ ھەممە بالا-قازا بېشىمىزغا كەلگەنىدى ۋە سەن، ئى خۇدايىمىز، قەبىھلىكلىرىمىزگە تېگىشلىك بولغان جازايىمىزنى يېنىكلىتىپ، بىزگە بۈگۈنكىدەك نىجاتلىق ئىلتىپاتنى كۆرسەتكەن تۇرۇقلۇق، 12بىز قانداقمۇ يەنە ئەمرلىرىڭگە خىلاپلىق قىلىپ، بۇنداق يىرگىنچلىك قائىدىلەرنى تۇتقان بۇ تائىپىلەر بىلەن نىكاھلىنىۋېرىمىز؟ مۇبادا شۇنداق قىلىدىغان بولساق، سەن بىزگە غەزەپلىنىپ، بىزگە بىر قالدى ياكى قۇتۇلغۇدەك بىرسىنىمۇ قالدۇرماي يوقاتماي قالامسەن؟ 13ئى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار، سەن ھەققانىيدۇرسەن! شۇ سەۋەبتىن بىز بۈگۈنكىدەك قۇتۇلۇپ قالغان بىر قالدىمىز. قارا، بىز سېنىڭ ئالدىڭدا ئىتائەتسىزلىكلىرىمىزدە تۇرۇۋاتىمىز، شۇڭا سېنىڭ ئالدىڭدا ھېچقايسىمىز تىك تۇرالماي قالدۇق» ــ دېدىم.