Deuteronomy 9
Not because of your righteousness
1سەن بۈگۈنكى كۈندە شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ئۆزىدۇر، ئۇ يالماپ يۇتقۇچى ئوتتۇر؛ ئۇ مۇشۇ ئەللەرنى ھالاك قىلىدۇ، ئالدىڭدا ئۇلارنى تېزدىن يىقىتىدۇ؛ سەن ئۇلارنىڭ تەۋەلىكىنى ئىگىلەپ، پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقاندەك ئۇلارنى تېزدىن يوقىتىسەن. 2پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئالدىڭدىن ھەيدىگەندە سەن كۆڭلۈڭدە: «ھەققانىيلىقىم سەۋەبىدىن پەرۋەردىگار مېنى زېمىننى ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يېتەكلەپ كىردى» دېمىگىن؛ بەلكى شۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار سېنىڭ ئالدىڭدا ئۇلارنى تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. 3سەن ئۇلارنىڭ زېمىنىغا كىرىپ ئۇنى ئىگىلىشىڭ سېنىڭ ھەققانىي بولغانلىقىڭدىن ياكى كۆڭلۈڭنىڭ دۇرۇسلۇقىدىن ئەمەس، بەلكى بۇ ئەللەرنىڭ رەزىللىكىدىن ۋە پەرۋەردىگار ئاتا-بوۋىلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپقا قەسەم قىلغان سۆزىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈنمۇ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۇلارنى سېنىڭ ئالدىڭدا تەئەللۇقاتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
4ئەمدى شۇنى بىلىپ قويغىنكى، پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بۇ ياخشى زېمىننى ساڭا مىراس قىلغىنى سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭدىن ئەمەس، چۈنكى سەن ئەسلى بوينى قاتتىق بىر خەلقسەن. 5ئەمدى سېنىڭ چۆل-باياۋاندا پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى قانداق غەزەپلەندۈرگەنلىكىڭنى ئېسىڭدە تۇتقىن ــ ئۇنى ئۇنتۇما. سەن مىسىر زېمىنىدىن چىققان كۈندىن بېرى تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭ. 6سىلەر ھورەب تېغىدا پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرگەن ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاچچىقلىنىپ، سىلەرنى ھالاك قىلماقچى بولدى.
Remember the golden calf
7شۇ چاغدا مەن تاش تاختايلارنى، يەنى پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدە تاختايلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ئۈچۈن تاغقا چىققانىدىم؛ مەن تاغدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردۇم (مەن نە تاماق يېمىدىم، نە سۇ ئىچمىدىم)؛ 8شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز بارمىقى بىلەن پۈتكەن ئىككى تاختاينى تاپشۇردى؛ ئۇلاردا پەرۋەردىگار تاغدا ئوت ئىچىدە سىلەرگە سۆزلىگەن چاغدا، جامائەت يىغىلغان كۈنى ئېيتقان بارلىق سۆزلەر پۈتۈلگەنىدى. 9ۋە شۇنداق بولدىكى، قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى تاش تاختاي، يەنى ئەھدە تاختايلىرىنى بەردى.
10ۋە پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇرغىن، مۇشۇ يەردىن چۈشكىن؛ چۈنكى سەن مىسىردىن چىقارغان خەلقىڭ ئۆزلىرىنى بۇلغىدى؛ ئۇلار تېزلا مەن ئۇلارغا تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ ئۆزلىرىگە قۇيما بىر بۇتنى ياسىدى» دېدى. 11پەرۋەردىگار ماڭا سۆز قىلىپ: «مەن بۇ خەلقنى كۆرۈپ يەتتىم؛ مانا، ئۇ بوينى قاتتىق بىر خەلقتۇر. 12مېنى توسما، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ نامىنى ئاسماننىڭ تېگىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن ۋە شۇنداق قىلىپ، سېنى ئۇلاردىن چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن» ــ دېدى.
13مەن بۇرۇلۇپ، تاغدىن چۈشتۈم؛ تاغ بولسا ئوت بىلەن يالقۇنلاۋاتاتتى؛ ئىككى ئەھدە تاختىيى ئىككى قولۇمدا ئىدى. 14مەن كۆردۈم، مانا سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلار ئالدىدا گۇناھ قىلىپسىلەر؛ سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن قۇيما بىر موزاينى ياساپسىلەر؛ سىلەر تېزلا پەرۋەردىگار سىلەرگە تاپىلىغان يولدىن چەتنەپ كېتىپسىلەر. 15مەن ئىككى تاختاينى ئىككى قولۇمغا ئېلىپ، چۆرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى كۆز ئالدىڭلاردا چېقىۋەتتىم.
16سىلەر پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈرۈپ بارلىق ئۆتكۈزگەن گۇناھىڭلار، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاننى قىلغىنىڭلار ئۈچۈن، يەنە ئاۋۋالقىدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا يىقىلىپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم (مەن ھېچ نەرسە يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم) 17چۈنكى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى يوقىتىدىغان قاتتىق غەزىپى ھەم قەھرىدىن قورقتۇم. پەرۋەردىگار شۇ چاغدىمۇ مېنىڭ تىلىكىمنى ئاڭلىدى. 18پەرۋەردىگار ھارۇندىن غەزەپلىنىپ، ئۇنىمۇ يوقاتماقچى بولدى؛ مەن ھارۇن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلدىم.
19مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى، يەنى ياسىغان موزاينى ئېلىپ ئۇنى ئوتتا كۆيدۈردۈم ۋە ئۇنى يانجىپ كۇكۇم-تالقان قىلىپ ئېزىۋەتتىم؛ ئۇنىڭ توپىسىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشىدىغان ئېرىق سۈيىگە چېچىۋەتتىم 20(سىلەر يەنە تابەراھ، ماسساھ، كىبروت-ھاتتاۋاھدىمۇ پەرۋەردىگارنى غەزەپلەندۈردۈڭلار. 21پەرۋەردىگار سىلەرنى قادەش-بارنېئادىن [قانائانغا] ماڭدۇرماقچى بولۇپ سىلەرگە: «چىقىپ، مەن سىلەرگە تەقدىم قىلغان زېمىننى ئىگىلەڭلار» ــ دېگەندىمۇ، سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارنىڭ سۆزىگە قارشى چىقىپ ئاسىيلىق قىلدىڭلار، نە ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىڭلار، نە ئاۋازىغا ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار.
22مەن سىلەرنى تونۇغان كۈندىن تارتىپ سىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا ئاسىيلىق قىلىپ كەلدىڭلار). 23شۇنىڭ بىلەن مەن ئاشۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە ئېتىپ يەنە قىرىق كېچە-كۈندۈز دۈم ياتتىم؛ دەرۋەقە دۈم ياتتىم؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە قاراپ «ئۇلارنى يوقىتىمەن» دېگەنىدى. 24شۇڭا مەن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ: «ئى رەب پەرۋەردىگار، سەن ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھۆرلۈك بەدىلى تۆلەپ سېتىۋالغان، مىسىردىن كۈچلۈك قولۇڭ بىلەن چىقارغان ئۆز خەلقىڭ بولغان مىراسىڭنى يوقاتمىغايسەن؛ 25ئۆز قۇللىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن؛ بۇ خەلقنىڭ باشباشتاقلىقىغا، ئۇلارنىڭ رەزىللىكى ياكى گۇناھىغا قارىمىغايسەن؛ 26بولمىسا، سەن بىزنى ئېلىپ چىققان شۇ زېمىندىكىلەر: «پەرۋەردىگار بۇ خەلقنى ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئېلىپ كىرەلمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ۋە ئۇلارغا نەپرەتلەنگىنى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى چۆل-باياۋاندا يوقىتىشقا [مىسىردىن] چىقاردى» ــ دەيدۇ.
27قانداقلا بولمىسۇن، ئۇلار زور كۈچۈڭ ۋە ئۇزارتىلغان بىلىكىڭ بىلەن [مىسىردىن] چىقارغان خەلقىڭ ۋە سېنىڭ مىراسىڭدۇر» ــ دېدىم.