Deuteronomy 16
Passover and unleavened bread
1ئابىب ئېيىنى ئالاھىدە ئېسىڭدە تۇت ۋە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاتاپ تەبرىكلىگىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ سېنى ئابىب ئېيىدا مىسىردىن كېچىدە چىقارغان. 2سەن «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»نىڭ مېلىنى (مەيلى قوي ياكى كالا پادىسىدىن بولسۇن) پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللاپ بېكىتىدىغان جايدا ئۇنىڭغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغىن؛ 3شۇنداقلا سەن ھېچقانداق بولدۇرۇلغان ناننى يېمەسلىكىڭ كېرەك؛ سەن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە كۈن پېتىر نان، يەنى «كۈلپەت نېنى»نى يېيىشىڭ كېرەك؛ چۈنكى سەن مىسىر زېمىنىدىن ئالدىراشلىقتا چىقتىڭ؛ شۇنىڭ بىلەن سەن ئۆمرۈڭنىڭ بارلىق كۈنلىرىدە مىسىر زېمىنىدىن چىققان شۇ كۈننى يادىڭدا تۇتقايسەن.
4يەتتە كۈن چېگرالىرىڭ ئىچىدە، ئۆيۈڭدە ھېچقانداق ئېچىتقۇ تېپىلمىسۇن؛ سەن بىرىنچى كۈنى كەچتە قىلغان قۇربانلىق گۆشلەرنى ئەتىگەنگە قالدۇرماسلىقىڭ كېرەك. 5سەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان شەھەر-يېزىلىرىڭنىڭ ھەرقاندىقىدا قىلساڭ بولمايدۇ؛ 6بەلكى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى قۇربانلىقىنى سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن تاللايدىغان جايدىلا قىل؛ ئۇنى كەچقۇرۇن، كۈن پېتىش ۋاقتىدا، يەنى مىسىردىن چىققاندىكى ۋاقىتقا ئوخشاش ۋاقىتتا قىلىسەن.
7ئۇنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ تاللايدىغان جايدا پىشۇرۇپ يېگىن؛ ئاندىن ئەتىگەندە چېدىرلىرىڭغا قايتساڭ بولىدۇ. 8سەن ئالتە كۈن پېتىر نان يەيسەن؛ يەتتىنچى كۈنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا تەنتەنىلىك سورۇن كۈنى بولىدۇ؛ سەن ھېچقانداق ئىش-ئەمگەك قىلمايسەن.
The feast of weeks
9ئاندىن يەتتە ھەپتىنى سانايسەن؛ ئاشلىققا ئورغاق سالغاندىن باشلاپ يەتتە ھەپتىنى ساناشقا باشلايسەن؛ 10ئاندىن سەن «ھەپتىلەر ھېيتى»نى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا قولۇڭدىكى ئىختىيارىي ھەدىيە بىلەن ئۆتكۈزىسەن؛ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا بەرىكەتلىگىنىگە قاراپ ئۇنى ئىختىيارەن سۇنىسەن. 11شۇنىڭ بىلەن سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ ئۆز نامىنى تۇرغۇزۇشقا تاللايدىغان جايدا شادلىنىسەن؛ سەن ئۆزۈڭ، ئوغلۇڭ، قىزىڭ، قۇلۇڭ، دېدىكىڭ، سەن بىلەن بىر يەردە تۇرۇۋاتقان لاۋىيلار، ئاراڭلاردىكى مۇساپىرلار، يېتىم-يېسىرلەر ۋە تۇل خوتۇنلار شادلىنىسىلەر.
12سەن شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە مىسىردا قۇل بولغانلىقىڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرۈپ، بۇ بارلىق بەلگىلىمىلەرنى تۇتۇپ ئەمەل قىلغىن.
The feast of tabernacles
13پەرۋەردىگار تاللايدىغان جايدا سەن يەتتە كۈن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا ھېيت ئۆتكۈزىسەن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ بارلىق مەھسۇلاتلىرىڭدا، قولۇڭ قىلغان ئىشلاردا سېنى بەرىكەتلەيدۇ ۋە سەن دەرۋەقە پۈتۈنلەي شادلىنىسەن. 14يىلدا ئۈچ قېتىم، پېتىر نان ھېيتى، ھەپتىلەر ھېيتى ۋە كەپىلەر ھېيتىدا سېنىڭ بارلىق ئەركەكلىرىڭ پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ئالدىدا، ئۇ تاللايدىغان جايدا ھازىر بولۇشى كېرەك؛ ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا قۇرۇق قول ھازىر بولسا بولمايدۇ؛ 15بەلكى پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ ساڭا تەقدىم قىلغان بەرىكىتى بويىچە ھەربىرى قولىدىن كېلىشىچە سۇنسۇن.
16خەلقنىڭ ئۈستىدىن ئادالەت يۈرگۈزۈپ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش ئۈچۈن، سەن پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان بارلىق شەھەر-يېزىلىرىڭ ئىچىدە ھەربىر قەبىلىدە سوراقچى ۋە ئەمەلدارلارنى بېكىتىشىڭ كېرەك. 17ئادالەتنى بۇرمىلىساڭ بولمايدۇ؛ ئادەملەرگە يۈز-خاتىرە قىلساڭ بولمايدۇ؛ پارا ئالساڭ بولمايدۇ؛ پارا بولسا ئاقىلانىلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىدۇ ھەم ئادىللارنىڭ سۆزلىرىنى بۇرمىلايدۇ.
Justice, and only justice
18سەن مۇتلەق ئادالەتنى ئىزدىشىڭ كېرەك؛ شۇنداق قىلساڭ ھايات كۆرىسەن ھەمدە پەرۋەردىگار خۇدايىڭ ساڭا تەقدىم قىلىدىغان زېمىننى ئىگىلەيسەن. 19سەن ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياسايدىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئەتراپىغا «ئاشەراھ» بۇتى قىلىنىدىغان ھېچقانداق دەرەخ تىكمەسلىكىڭ كېرەك 20ۋە ئۆزۈڭ ئۈچۈن ھېچقانداق بۇت تۈۋرۈكى تىكلىمەسلىكىڭ كېرەك؛ ئۇنداق نەرسىلەر پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا يىرگىنچلىكتۇر.