Acts 24

Tertullus accuses Paul

1بەش كۈندىن كېيىن، باش كاھىن ئانانىياس ئاقساقاللاردىن بىرنەچچەيلەن ۋە تەرتۇللۇس ئىسىملىك بىر ئادۋوكات بىلەن قەيسەرىيەگە چۈشۈپ، پاۋلۇس توغرىسىدىكى رەسمىي شىكايەتلىرىنى ۋالىيغا سۇندى. 2بىراق ئۆز ۋاقىتلىرىنى كۆپ ئېلىپ قويماسلىقىم ئۈچۈن، شەپقەتلىرى بىلەن سۆزىمىزنى قىسقىلا ئاڭلاشلىرىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. 3چۈنكى بىز شۇنى تونۇپ يەتتۇقكى، بۇ ئادەم بالاخور بولۇپ، پۈتكۈل جاھاندىكى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ماجىرا-توپىلاڭ پەيدا قىلىشنى كۈشكۈرتكۈچى، شۇنداقلا «ناسارەتلىكلەر» دەپ ئاتالغان مەزھەپنىڭ كاتتىۋاشلىرىدىن بىرىدۇر.

4ئۇنى سوراق قىلىپ كۆرسىلە، بىزنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ئەرزلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى بىلىپ يېتىدىلا! 5سورۇندا بولغان يەھۇدىيلارمۇ ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىغا قوشۇلۇپ: راست، راست، دەپ شىكايەتنى كۈچەيتتى. 6ۋالىي پاۋلۇسقا سۆز قىلغىن دەپ قول ئىشارىتىنى قىلغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن سىلىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى بۇ خەلقنى سوراپ كەلگەنلىكلىرىنى بىلگەچكە، خاتىرجەملىك بىلەن ئالدىلىرىدا ئۆزۈم توغرامدا جاۋاب بېرىمەن.

7ئاسانلا بىلەلەيدىلىكى، مەن يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارغىنىمدىن ھازىرغىچە پەقەت ئون ئىككى كۈنلا ئۆتتى. 8ئۇلار مېنىڭ ئىبادەتخانىدا بىرەر ئادەم بىلەن مۇنازىرىلەشكىنىمنى كۆرمىگەن، ياكى سىناگوگلاردا ياكى شەھەردە ئاممىنى توپىلاڭغا قۇتراتقانلىقىمنىمۇ ھېچ كۆرمىدى. 9ئۇلار يەنە ھازىر جانابلىرىغا مېنىڭ ئۈستۈمدىن قىلغان شىكايەتلىرىگە ھېچ ئىسپاتمۇ كەلتۈرەلمەيدۇ.

Paul answers Felix

10بىراق سىلىگە شۇنى ئېتىراپ قىلىمەنكى، مەن ئۇلار «مەزھەپ» دەپ ئاتىغان يول بىلەن مېڭىپ، تەۋراتتا ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا پۈتۈلگەنلەرنىڭمۇ ھەممىسىگە ئىشىنىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ خۇداسىغا ئىبادەت قىلىمەن. 11مېنىڭ خۇداغا باغلىغان ئۈمىدىم باركى (بۇ كىشىلەرمۇ بۇ ئۈمىدنى تۇتىدۇ)، كەلگۈسىدە ھەم ھەققانىيلارنىڭ ھەم ھەققانىيسىزلارنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشى بولىدۇ. 12شۇ سەۋەبتىن، ئۆزۈم ھەمىشە خۇدا ئالدىدىمۇ، ئىنسانلار ئالدىدىمۇ پاك ۋىجدانلىق بولۇشقا ئىنتىلىمەن.

13مەن [يېرۇسالېمدىن] ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولغان بولۇپ، بۇ قېتىم ئۇ يەرگە ئۆز خەلقىمگە خەير-سەدىقە يەتكۈزۈپ بەرگىلى ۋە خۇدا ئالدىغا ھەدىيە سۇنغىلى بارغانىدىم. 14مەن بۇ ئىشلاردا بولۇۋاتاتتىم، بۇلار مېنى تازىلىنىش قائىدىسىنى ئادا قىلىپ بولغان چاغدا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا ئۇچراتتى؛ لېكىن مەن ئەتراپىمغا ئادەم توپلىغىنىممۇ يوق، مالىمانچىلىق چىقارغىنىممۇ يوق. 15ئەمەلىيەتتە مېنى ئۇچراتقانلار بولسا ئاسىيا ئۆلكىسىدىن كەلگەن بەزى يەھۇدىيلار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئۈستۈمدىن شىكايەتلىرى بار بولسا، ئەسلى ئۇلار ئۆزلىرى كېلىپ، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا ئەرز قىلىشقا توغرا كېلەتتى.

16بولمىسا، مۇشۇ سورۇندىكىلەر ئالىي كېڭەشمە ئالدىدا تۇرغىنىمدا، مېنىڭدىن قانداق جىنايەت تاپقانلىقىنى ئېيتىپ باقسۇن! 17پەقەت مۇنداق بىر ئىش بولغانىدى: ــ مەن ئۇلارنىڭ ئالدىدا، «بۈگۈنكى كۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى توغرۇلۇق سىلەرنىڭ سورىقىڭلارغا تارتىلغانمەن!» دەپ ۋارقىرىغانىدىم. 18[رەبنىڭ] يولى توغرۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرى بار بولغان فېلىكس سوراقنى توختىتىپ، ئۇلارغا: ــ مىڭبېشى لىسىياس كەلگەندە دەۋايىڭلار توغرىسىدىكى ھۆكۈمنى چىقىرىمەن، ــ دېدى.

19ئۇ يۈزبېشىغا پاۋلۇسنى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىپ، ئەمما ئۇنىڭغا بىرئاز كەڭچىلىك قىلىپ، دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ ئۇنىڭ ھاجەتلىرىدىن چىقىشىنى توسمىغىن، دەپ بۇيرۇدى. 20بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، ۋالىي فېلىكس ئايالى درۇسىلا بىلەن بىللە كەلدى (درۇسىلا يەھۇدىي ئىدى). ئۇ پاۋلۇسنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن مەسىھ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىش يولى توغرۇلۇق ئاڭلىدى. 21پاۋلۇس ھەققانىي ياشاش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، قىيامەت كۈنىدىكى سوئال-سوراق قىلىنىشلار توغرىسىدا سۆزلەۋاتقاندا، فېلىكس ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇنىڭغا: ــ ھازىرچە قايتىپ تۇرساڭ بولىدۇ. كېيىن ماڭا پەيت كەلگەندە، يەنە چاقىرتىمەن، ــ دېدى.

Two years in custody

22ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پاۋلۇسنىڭ پارا بېرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئىمكانقەدەر پات-پات چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەتتى. 23لېكىن ئىككى يىل توشقاندا، فېلىكسنىڭ ئورنىغا پوركىيۇس فېستۇس ۋالىي بولدى. فېلىكس يەھۇدىيلارغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ئۈچۈن پاۋلۇسنى سولاقتا قالدۇردى.

Copied!
Aa