Acts 18

Paul in Corinth

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، پاۋلۇس ئافىنا شەھىرىدىن ئايرىلىپ كورىنت شەھىرىگە باردى. 2ئۇ ئۇ يەردە پونتۇس ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان ئاكۋىلا ئىسىملىك بىر يەھۇدىي بىلەن ئۇنىڭ ئايالى پرىسكىللانى ئۇچراتتى. ئۇلار [رىم] [ئىمپېراتورى] كلاۋدىيۇسنىڭ بارلىق يەھۇدىيلار رىم شەھىرىدىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن يارلىقى سەۋەبلىك يېقىندا ئىتالىيەدىن كەلگەنىدى. پاۋلۇس ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ، 3ئۇلار بىلەن كەسىپداش بولغاچقا، بىللە تۇرۇپ ئىشلىدى (چۈنكى ئۇلار چېدىرچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى).

4ھەربىر شابات كۈنىدە ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ سىناگوگىغا كىرىپ، يەھۇدىيلار ۋە گرېكلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ ئۇلارنى [خۇدانىڭ سۆز-كالامىغا] قايىل قىلىشقا تىرىشاتتى. 5بىراق سىلاس بىلەن تىموتىي ماكېدونىيەدىن كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس سۆز-كالامنى يەتكۈزۈشكە ئالدىرىدى، جان كۆيدۈرۈپ يەھۇدىيلارغا: ــ ئەيسا ــ مەسىھنىڭ ئۆزىدۇر، دەپ گۇۋاھلىق بەردى. 6لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: ــ ئۆز قېنىڭلار ئۆز بېشىڭلارغا چۈشسۇن! مەن بۇنىڭغا جاۋابكار ئەمەسمەن! بۈگۈندىن باشلاپ، مەن [سىلەردىن بۇرۇلۇپ] يات ئەللىكلەرگە بارىمەن، ــ دېدى.

7بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇلاردىن ئايرىلىپ، تىتىيۇس يۇستۇس ئىسىملىك، خۇدادىن قورقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تۇردى. ئۇنىڭ ئۆيى سىناگوگنىڭ يېنىدا ئىدى. 8ئەمدى سىناگوگنىڭ چوڭى كرىسپۇس پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن رەبگە ئېتىقاد قىلدى. نۇرغۇن كورىنتلىقلارمۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئېتىقاد قىلىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. 9رەب كېچىدە پاۋلۇسقا بىر غايىبانە كۆرۈنۈش ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزۈپ ئۇنىڭغا: ــ قورقما، سۈكۈت قىلماي سۆزلە، 10چۈنكى مەن سەن بىلەن بىللە. ھېچكىم ساڭا قول سېلىپ زەرەر يەتكۈزمەيدۇ، چۈنكى مېنىڭ بۇ شەھەردە نۇرغۇن كىشىلىرىم بار، ــ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس ئۇ يەردە بىر يىل ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئۆگەتتى.

Gallio dismisses the case

12پاۋلۇس ئاغزىنى ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا، ۋالىي گاللىيو يەھۇدىيلارغا: ــ دەرۋەقە، ئى يەھۇدىيلار، بۇ شىكايىتىڭلار بىرەر ناھەقلىق ياكى ئېغىر جىنايەت توغرىسىدا بولغان بولسا، سەۋرچانلىق بىلەن سىلەرگە قۇلاق سالسام ئورۇنلۇق بولاتتى. 13بىراق بۇ ئىش [پەقەت] بەزى نام-ئىسىملار، سۆزلەر ۋە ئۆزۈڭلارنىڭ [تەۋرات] قانۇنىڭلار ئۈستىدە تالاش-تارتىشلارغا چېتىشلىق ئىكەن، ئۇنى ئۆزۈڭلار بىر تەرەپ قىلىڭلار! مەن بۇنداق ئىشلارغا سوراقچى بولمايمەن! ــ دېدى. 14شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنى سوراق تەختى ئالدىدىن ھەيدەپ چىقاردى.

15خالايىق سىناگوگنىڭ چوڭى سوستېنىسنى تۇتۇۋېلىپ، سوراق تەختىنىڭ ئالدىدا قاتتىق ئۇرغىلى تۇردى. بىراق [ۋالىي] گاللىيو بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىغا قىلچە پىسەنت قىلمىدى. 16پاۋلۇس كورىنت شەھىرىدە يەنە كۆپ كۈنلەرنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، قېرىنداشلار بىلەن خوشلىشىپ، پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلالارنىڭ ھەمراھلىقىدا كېمىگە ئولتۇرۇپ، سۇرىيەگە قاراپ كەتتى. [يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى] ئۇ كەنقرىيا شەھىرىدە خۇداغا ئىچكەن بىر قەسىمىدىن چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەنىدى. 17ئۇلار ئەفەسۇس شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ پرىسكىللا ۋە ئاكۋىلانى قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆزى [شۇ يەردىكى] سىناگوگقا كىرىپ، يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلەشتى.

Paul returns to Antioch

18ئۇلار ئۇنى ئۇزۇنراق تۇرۇشقا تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ قوشۇلماي، 19«مەن قانداقلا بولمىسۇن كېلەر ھېيتنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزىمەن؛ ئاندىن خۇدا بۇيرۇسا، سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە كېلىمەن»، ــ دەپ ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ئەفەسۇستىن كېمە بىلەن يولغا چىقتى. 20ئۇ قەيسەرىيە شەھىرىدە كېمىدىن چۈشۈپ، [يېرۇسالېمغا] چىقىپ جامائەت بىلەن ھال سوراشقاندىن كېيىن، ئانتاكيا شەھىرىگە چۈشۈپ كەتتى.

21ئانتاكيادا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ يەنە يولغا چىقىپ گالاتىيا ۋە فرىگىيە يۇرتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئارىلاپ، بارغانلا يېرىدە بارلىق مۇخلىسلارنىڭ ئېتىقادىنى قۇۋۋەتلىدى. 22بۇ ئارىدا، ئىسكەندەرىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان ئاپوللوس ئىسىملىك بىر يەھۇدىي ئەفەسۇس شەھىرىگە كەلدى. ئۇ ناتىق ئادەم بولۇپ، مۇقەددەس يازمىلاردىن خېلىلا چوڭقۇر ساۋاتى بار ئادەم ئىدى.

Apollos is taught the way

23ئۇ رەبنىڭ يولى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان بولۇپ، ئوتلۇق روھ بىلەن ئەيسا ھەققىدە ئەينەن سۆزلەپ تەلىم بېرەتتى. بىراق ئۇنىڭ خەۋىرى پەقەت يەھيا [پەيغەمبەر]نىڭ يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چەكلىنەتتى. 24ئۇ سىناگوگتا يۈرەكلىك سۆزلەشكە باشلىدى. ئۇنى ئاڭلىغان پرىسكىللا بىلەن ئاكۋىلا ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا خۇدانىڭ يولىنى تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈردى. 25كېيىن، ئاپوللوس ئاخايا ئۆلكىسىگە بارماقچى بولغاندا، [ئەفەسۇسلۇق] قېرىنداشلار [ئاخايادىكى] مۇخلىسلارغا خەت يېزىپ، ئۇلاردىن ئاپوللوسنى قارشى ئېلىشنى بەكمۇ تەلەپ قىلدى. ئۇ شۇ يەرگە بېرىپ، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق ئېتىقاد قىلغانلارغا قوشۇلۇپ، ئۇلارغا زور ياردەمدە بولدى.

26چۈنكى ئۇ خەلق-ئالەم ئالدىدا يەھۇدىيلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارغا كۈچلۈك رەددىيە بېرىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى شەرھلىشى بىلەن مەسىھنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

Copied!
Aa