Acts 15

The dispute over circumcision

1شۇ چاغلاردا بەزىلەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كېلىپ، [ئانتاكيادىكى] قېرىنداشلارغا: ــ سىلەر مۇسا [پەيغەمبەرگە] تاپشۇرۇلغان يوسۇن بويىچە خەتنە قىلىنىشنى قوبۇل قىلمىساڭلار، قۇتقۇزۇلمايسىلەر! ــ دەپ تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 2بۇ ئىش توغرىسىدا چوڭ ماجىرا چىققان بولۇپ، پاۋلۇس بىلەن بارناباس ئىككىيلەن شۇ كىشىلەر بىلەن كەسكىن مۇنازىرە قىلىشقاندىن كېيىن، [قېرىنداشلار] پاۋلۇسنى، بارناباسنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرنەچچەيلەننى بۇ مەسىلە توغرىسىدا روسۇللار ۋە ئاقساقاللار بىلەن كۆرۈشۈشكە يېرۇسالېمغا بارسۇن دەپ بېكىتكەن. 3شۇنداق قىلىپ ئۇلار جامائەت تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، سەپىرىدە فەنىكىيە رايونى ۋە سامارىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، بارغانلا يېرىدە ئەللەرنىڭمۇ توۋا قىلىپ [ئېتىقاد] يولىغا كىرگەنلىكىنى تەپسىلىي سۆزلىدى. بۇ خەۋەر بارلىق قېرىنداشلارنى زور شادلىققا چۆمگۈزدى.

4پاۋلۇسلار يېرۇسالېمغا كەلگىنىدە، ئۇلار جامائەتتىكىلەر، روسۇللار ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، كۆپچىلىككە خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئارقىلىق بارلىق قىلغان ئەمەللىرىنى بايان قىلىپ بەردى.

The council at Jerusalem

5لېكىن پەرىسىي مەزھىپىدىكىلەردىن ئېتىقاد يولىغا كىرگەن بەزىلەر ئورنىدىن تۇرۇشۇپ: ــ مۇشۇ [يات ئەللىكلەرنى] خەتنە قىلىش كېرەك، شۇنداقلا ئۇلارغا مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى جېكىلەش كېرەك! ــ دېدى. 6شۇڭا روسۇللار بىلەن ئاقساقاللار بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەم بولۇشتى. 7ئۇزۇن سۆھبەتلىشىشتىن كېيىن، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، دەسلەپتىكى كۈنلەردە خۇدانىڭ ئىچىڭلاردىن مېنى تاللاپ مېنىڭ ئاغزىم ئارقىلىق خۇش خەۋەردىكى سۆز-كالامنى يات ئەللىكلەرگە ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قىلىشىدا ۋاسىتە قىلىشقا بېكىتكەنلىكىدىن خەۋىرىڭلار بار.

8ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگۈچى خۇدا مۇقەددەس روھنى بىزگە ئاتا قىلغىنىدەك، ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلدى. 9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئۇلارنى بىز بىلەن ھېچقانداق پەرقلەندۈرمەي، ئۇلارنىڭ قەلبلىرىنى ئېتىقاد ئارقىلىق پاك قىلدى. 10[ئەھۋال مانا شۇنداق ئىكەن]، ئەمدى سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىز ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ كۆتۈرەلمىگەن بىر بويۇنتۇرۇقنى مۇخلىسلارنىڭ بوينىغا ئارتماقچى بولۇپ، خۇدانى سىنىماقچى بولىسىلەر؟!

11ئەمدىلىكتە، بىز بولساق رەب ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ ئۇلارغا ئوخشاش قۇتقۇزۇلىمىز، دەپ ئىشىنىمىز. 12[بۇ سۆزدىن كېيىن]، بارناباس بىلەن پاۋلۇس چىقىپ، خۇدا ئۆزلىرى ئارقىلىق يات ئەللىكلەرنىڭ ئارىسىدا كۆرسەتكەن بارلىق مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى ۋە كارامەتلەرنى بايان قىلىپ بەردى؛ كۆپچىلىك ئۇلارغا قۇلاق سېلىپ سۈكۈتتە تۇردى. 13ئۇلارنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ياقۇپ مۇنداق دېدى: ــ قېرىنداشلار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار!

14باياتىن شىمېئون خۇدانىڭ يات ئەللىكلەرنىمۇ باشتىنلا شاپائەت بىلەن يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆز نامى ئۈچۈن بىر خەلق چىقىرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى. 15پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقانلىرىمۇ بۇنىڭغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] مۇنۇ سۆزلەر پۈتۈلگەندەك: ــ 16ــ ««مۇشۇ ئىشلاردىن كېيىن، مەن قايتىپ كېلىپ، داۋۇتنىڭ يىقىلغان چېدىرىنى يېڭىباشتىن قۇرۇپ تىكلەيمەن، ئۇنىڭ خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىپ، ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

17ــ شۇنىڭ ئۈچۈن خۇلاسەم شۇكى، يات ئەللىكلەر ئارىسىدىن توۋا قىلىپ خۇداغا ئېتىقاد باغلىغانلارغا ئاۋارە-ئېغىرچىلىك سېلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك؛ 18پەقەت ئۇلارغا: «بۇتلارغا ئاتىلىپ بۇلغانغان نەرسىلەرنى يېيىشتىن، جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىنمۇ يېيىشتىن نېرى بولۇڭلار» دەپ تاپىلاپ، بىر پارچە خەت يازايلى. 19چۈنكى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ھەر شەھەردە شابات كۈنىدە سىناگوگلاردا مۇسا [پەيغەمبەر]نىڭ ئېيتقانلىرى ئوقۇلۇپ، ئۇنىڭ كۆرسەتمىلىرى ئۆگىتىلىپ كەلگەن.

20شۇنىڭ بىلەن روسۇللار، ئاقساقاللار، شۇنداقلا يېرۇسالېمدىكى پۈتكۈل جامائەتتىكىلەر ئۆز ئارىسىدىن بىرنەچچە ئادەمنى تاللاپ، ئۇلارنى پاۋلۇس ۋە بارناباس بىلەن بىللە ئانتاكياغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى. ئەسلىدە قېرىنداشلار ئىچىدە باشلامچى بولغان يەھۇدا (بارساباس دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بىلەن سىلاسلار بۇنىڭغا تاللاندى. 21خەت بولسا ئۇلارغا تاپشۇرۇلدى، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغانىدى: ــ «ئى ئانتاكيا، سۇرىيە ۋە كىلىكىيەدە تۇرۇۋاتقان يات ئەللىك قېرىنداشلار، ــ [يېرۇسالېمدىكى] قېرىنداشلىرىڭلاردىن، روسۇللار بىلەن ئاقساقاللاردىن سىلەرگە سالام!

The letter to the Gentile believers

22ئارىمىزدىن بەزى كىشىلەر چىقىپ يېنىڭلارغا بېرىپ، سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى بىئاراملىققا سېلىپ كۆڭلۈڭلارنى پاراكەندە قىلىپ قويغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. لېكىن بىز ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز-ئەمر قىلمىدۇق. 23شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ ئىشتا ئويلىرىمىز بىر يەردىن چىققاندىن كېيىن، ئارىمىزدىن تاللانغان بىرنەچچەيلەننى سۆيۈملۈك بارناباس ۋە پاۋلۇسىمىز بىلەن بىللە يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدۇق. 24بۇ ئىككىيلەن رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان كىشىلەردۇر.

25شۇڭا بىز يەھۇدا بىلەن سىلاسنى يازغانلىرىمىزنى سىلەرگە ئۆز ئاغزى بىلەنمۇ سۆزلەپ بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتتۇق. 26گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەك، مۇقەددەس روھقا، شۇنداقلا بىزلەرگىمۇ شۇ لايىق كۆرۈنگەنكى، تۆۋەندىكى زۆرۈر بولغان ئىشلاردىن سىرت، سىلەرگە ھېچقانداق باشقا ئىشنى يۈكلىمەسلىكىمىز كېرەك: 27ــ بۇتلارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن، قاننى ۋە بوغۇپ سويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېيىشتىن ۋە جىنسىي بۇزۇقلۇقتىن نېرى بولۇش ــ سىلەر مۇشۇ بىرنەچچە ئىشتىن ساقلانساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. ئامان-خاتىرجەم بولۇڭلار!»

28شۇنداق قىلىپ، ئۇلار [قېرىنداشلار] تەرىپىدىن يولغا سېلىنىپ، ئانتاكياغا باردى. ئۇ يەردە پۈتۈن جامائەتتىكىلەرنى يىغىپ، خەتنى ئۇلارغا تاپشۇردى. 29ئۇلار خەتنى ئوقۇپ، ئۇنىڭدىن بولغان رىغبەت-تەسەللىدىن زور شادلاندى.

Antioch rejoices over the letter

30يەھۇدا ۋە سىلاسلار ئۆزلىرىمۇ پەيغەمبەرلەردىن بولۇپ، ئۇلار قېرىنداشلارنى نۇرغۇن سۆز-نەسىھەتلەر بىلەن رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنى قۇۋۋەتلەندۈردى. 31[يەھۇدا ۋە سىلاسلار] ئۇ يەردە بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئانتاكيادىكى قېرىنداشلارنىڭ سەپىرىگە ئامانلىق تىلىگەن ھالدا ئۇزىتىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەۋەتكەن [يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ] قېشىغا قايتتى. 32لېكىن يەنە بىرنەچچە كۈنلەردىن كېيىن پاۋلۇس بارناباسقا: بىز بۇرۇن رەبنىڭ سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەن ھەممە شەھەر-يېزىلارغا بېرىپ، قېرىنداشلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھالىنى سوراپ كېلەيلى، ــ دېدى.

33بارناباس بولسا يۇھاننا (ماركۇسمۇ دېيىلىدۇ)نى بىللە ئېلىپ بارماقچى بولغانىدى. 34بىراق پاۋلۇس ئالدىنقى قېتىم پامفىلىيە ئۆلكىسىدە ئۇلاردىن ئايرىلىپ كەتكەن، رەبنىڭ خىزمىتىدە ئۇلار بىلەن بىللە [داۋاملىق] سەپەر قىلمىغان ماركۇسنى يەنە ئېلىپ بېرىشنى ئاقىلانىلىك ئەمەس دەپ قارىدى. 35شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئوتتۇرىسىدا بەك كەسكىن ئىختىلاپ بولۇپ، ئاخىر بېرىپ ئۇلار بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ كېتىشتى. بارناباس ماركۇسنى ئېلىپ، كېمىگە ئولتۇرۇپ سىپرۇس ئارىلىغا كەتتى.

Paul and Barnabas part ways

36پاۋلۇس بولسا سىلاسنى تاللىدى؛ قېرىنداشلارنىڭ ئىككىيلەننى خۇدانىڭ شاپائىتىگە ئامانەت قىلىشى بىلەن ئۇ ئىككىسى يولغا چىقتى. 37ئۇ ئەمدى سۇرىيە ۋە كىلىكىيە ئۆلكىلىرىنى ئارىلاپ ئۆتۈپ، [ھەرقايسى جايلاردا] جامائەتلەرنى قۇۋۋەتلەندۈردى.

Copied!
Aa