Acts 10
Cornelius sends for Peter
1قەيسەرىيە شەھىرىدە كورنىلىي ئىسىملىك بىر ئادەم بولۇپ، ئۇ [رىم] قوشۇنىدىكى «ئىتالىيەلىكلەر» قىسمىنىڭ يۈزبېشى ئىدى. 2ئۇ ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، ئۆزى ۋە پۈتكۈل ئۆيىدىكىلىرى خۇدادىن قورقاتتى. ئۇ مەردلىك بىلەن نامراتلارغا خەير-ساخاۋەت قىلىپ، دائىم خۇداغا دۇئا-تىلاۋەت قىلاتتى. 3بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچلەردە، ئۇ غايىبانە بىر كۆرۈنۈشتە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەنلىكىنى ئوچۇق كۆردى. پەرىشتە ئۇنى: ــ كورنىلىي! ــ دەپ چاقىردى.
4كورنىلىي ئۇنىڭغا كۆزلىرىنى تىكىپ قاتتىق چۆچۈپ: ــ تەقسىر، نېمە ئىش؟ ــ دەپ سورىدى. پەرىشتە ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ دۇئالىرىڭ ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك بېرىپ يەتتى. 5ئەمدى سەن يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. 6ئۇ سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. سىموننىڭ ئۆيى دېڭىز بويىدا، ــ دېدى.
7ئۇنىڭغا سۆزلىگەن پەرىشتە كەتكەندىن كېيىن، كورنىلىي ئۆيدىكى خىزمەتچىلەردىن ئىككىنى ۋە دائىم يېنىدا تۇرۇپ خىزمەت قىلغۇچىلار ئىچىدىكى ئىخلاسمەن بىر لەشكەرنى چاقىردى. 8بارلىق ئىشلارنى چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنى يوپپاغا ئەۋەتتى.
The sheet let down from heaven
9ئەتىسى ئۇلار سەپەر قىلىپ شەھەرگە يېقىنلاشقاندا، چۈش ۋاقتى بولۇپ، پېترۇس دۇئا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقتى. 10ئۇنىڭ قورسىقى ئېچىپ كېتىپ، بىر نەرسە يەي دېدى. بىراق ئۇلار غىزا تەييارلىۋاتقاندا، غايىبانە بىر ئالامەت پېترۇسنى ئورۇۋالدى. 11ئۇ ئاسمان ئېچىلىپ، تۆت بۇرجىكىدىن باغلانغان ھالدا يەر يۈزىگە چۈشۈرۈلۈۋاتقان كەڭ داستىخاندەك بىر نەرسىنى كۆردى.
12داستىخاندا ھەرخىل تۆت پۇتلۇق ھايۋانلار، يەر بېغىرلىغۇچىلار، ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارمۇ بار ئىدى. 13ئۇنىڭغا بىر ئاۋاز ئاڭلاندى: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، پېترۇس، ئۇلاردىن سويۇپ يە!» 14ــ ياق، رەب، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك ياكى ھارام نەرسىنى يېگەن ئەمەسمەن! ــ دېدى پېترۇس.
15ئاۋاز ئىككىنچى قېتىم كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خۇدا ھالال دەپ پاكلىغاننى سەن ھارام دېمە! ــ دېيىلدى. 16بۇ ئىش ئۈچ قېتىم يۈز بېرىپ، ئاندىن داستىخاندەك بولغان شۇ نەرسە دەرھال ئاسمانغا ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.
Peter is called to Caesarea
17پېترۇس كۆرگەن غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى توغرىسىدا قايمۇقۇپ تۇرغاندا، مانا كورنىلىي ئەۋەتكەن كىشىلەر سىموننىڭ ئۆيىنى تېپىپ، دەرۋازا ئالدىدا تۇراتتى. 18ئۇلار بىرسىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون دېگەن بىرسى بۇ يەردە تۇرامدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. 19پېترۇس تېخىچە شۇ غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندا، روھ ئۇنىڭغا: ــ مانا، سېنى ئۈچ ئادەم ئىزدەپ كەلدى.
20ئورنۇڭدىن تۇر، پەسكە چۈش، ھېچ ئىككىلەنمەي ئۇلار بىلەن بىللە بارغىن. چۈنكى ئۇلارنى ئەۋەتكۈچى مەن! ــ دېدى. 21پېترۇس پەسكە چۈشۈپ، ھېلىقى ئادەملەرگە: ــ سىلەر ئىزدىگەن كىشى مانا مەن بولىمەن. بۇ يەرگە كېلىش سەۋەبىڭلار نېمىكىن؟ ــ دېدى. 22ئۇلار جاۋابەن: ــ ھەققانىي بىر ئادەم، خۇدادىن قورقىدىغان، شۇنداقلا پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقى تەرىپلىگەن كورنىلىي ئىسىملىك رىملىق يۈزبېشى مۇقەددەس بىر پەرىشتە تەرىپىدىن سىزنى ئۆيىگە چاقىرتىپ، سىزدىن سۆز-كالام ئاڭلاشقا ئەمر قىلىنغان! ــ دېدى.
23شۇڭا پېترۇس ئۇلارنى ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ، قوندۇرۇپ مېھمان قىلدى. ئەتىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. يوپپادىكى قېرىنداشلاردىن بەزىلىرى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ ماڭدى.
Peter enters the house of Cornelius
24ئىككىنچى كۈنى، ئۇلار قەيسەرىيەگە يېتىپ باردى. ئەمدى كورنىلىي تۇغقانلىرى ۋە يېقىن يار-بۇرادەرلىرىنى ئۆيىگە چاقىرىپ، پېترۇسلارنى تەققەزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇراتتى. 25پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ سەجدە قىلدى. 26لېكىن پېترۇس [دەرھال] ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ: ــ ئورنۇڭدىن تۇرغىن! مەنمۇ بىر ئىنسان، خالاس! ــ دېدى.
27ئۇ كورنىلىيگە گەپ قىلغاچ ئۆيگە كىرىۋىدى، ئۆينىڭ ئىچىگە يىغىلغان توپ-توپ ئادەملەرنى كۆردى. 28ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرگە مەلۇمكى، بىز يەھۇدىيلارنىڭ يات ئەللىكلەردىن بىرسى بىلەن باردى-كەلدى قىلىشى ياكى ئۆيلىرىگە كىرىشى تەۋرات قانۇن-ئەقىدىلىرىمىزگە خىلاپ. لېكىن خۇدا ماڭا ھېچقانداق ئادەمنى ناپاك ياكى ھارام دېمەسلىكىم كېرەكلىكىنى ئايان قىلدى. 29شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئادەم ئەۋەتىپ مېنى چاقىرغاندا، ھېچ رەت قىلماي ئالدىڭلارغا كەلدىم. ئەمدى سوراي، مېنى نېمە دەپ چاقىردىڭلار؟ ــ دېدى.
30كورنىلىي مۇنداق دېدى: ــ تۆت كۈننىڭ ئالدىدا بۈگۈنكى مۇشۇ ۋاقىتقىچە روزا تۇتقانىدىم؛ سائەت ئۈچلەردە مەن ئۆيدە دۇئا قىلىۋاتاتتىم. تۇيۇقسىز كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئادەم ئالدىمدا پەيدا بولۇپ ئۆرە تۇردى: 31«كورنىلىي! دۇئايىڭ ئىجابەت قىلىندى ۋە خەير-ساخاۋەتلىك ئىشلىرىڭ خۇدا ئالدىغا ئەسلەتمە قۇربانلىقتەك يەتتى. 32شۇڭا يوپپاغا ئادەم ئەۋەتىپ، پېترۇس دەپمۇ ئاتىلىدىغان سىمون ئىسىملىك ئادەمنى چاقىرتىپ كەل. ئۇ دېڭىز بويىدا ئولتۇراقلۇق سىمون ئىسىملىك بىر كۆنچىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ» دېدى.
33شۇنىڭ ئۈچۈن، دەرھال ئۆزلىرىنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتكەنىدىم. ئۆزلىرى كۈلبەمگە كېلىپ ياخشى قىلدىلا! ئەمدى بىز ھەممەيلەن خۇدا ئۆزلىرىگە ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن خۇدانىڭ ئالدىدا ھازىر تۇرۇۋاتىمىز.
God shows no favoritism
34خۇدا ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزگەن سۆز-كالام، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق (ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇدالارغا رەبدۇر) ئىناق-خاتىرجەملىك جاكارلانغان خۇش خەۋەر سىلەرگە مەلۇمغۇ؛ 35بىزمۇ ئۇنىڭ ھەم يەھۇدىيلارنىڭ زېمىنىدا ھەم يېرۇسالېمدا قىلغان پۈتۈن ئەمەللىرىنىڭ گۇۋاھچىلىرى. ئۇلار ئۇنى ياغاچقا ئېسىشى بىلەنمۇ ئۆلتۈردى. 36ئۇ بىزگە خەلققە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشنى ۋە ئۆزىنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تىرىكلەر ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ سوراقچىسى قىلىنىپ تەيىنلەنگۈچى ئىكەنلىكىنى جاكارلاشنى ئەمر قىلدى.
37بارلىق پەيغەمبەرلەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇكى، ھەركىم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسا ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 38پېترۇس تېخى بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا، مۇقەددەس روھ سۆز-كالامنى ئاڭلاۋاتقان ھەممە كىشىگە چۈشتى. 39پېترۇس بىلەن بىللە كەلگەن خەتنىلىك بولغان ئىشەنگۈچىلەرنىڭ ھەربىرى مۇقەددەس روھنىڭ يات ئەللەردىكىلەرگىمۇ ئاتا قىلىنىپ تۆكۈلگەنلىكىنى كۆرۈپ بەك ھەيران بولۇشتى.
40چۈنكى ئۇلارنىڭ [كارامەت نامەلۇم] تىللاردا سۆزلىشىپ خۇدانى ئۇلۇغلىغانلىقىنى ئاڭلىدى. شۇڭا پېترۇس: 41ــ مۇشۇ كىشىلەر بىزگە ئوخشاش مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلغۇچى بولغان بولسا، كىم ئۇلارنىڭ سۇغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشىنى توسالىسۇن؟! ــ دېدى. 42شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ رەبنىڭ نامىدا چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى بۇيرۇدى. ئاندىن ئۇلار پېترۇسنىڭ ئۇلار بىلەن بىرنەچچە كۈن تۇرۇشىنى ئۆتۈندى.