2 Corinthians 12

Caught up to the third heaven

1[ئەپسۇس]، ماختىنىۋېرىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بار. گەرچە ئۇنىڭ پايدىسى بولمىسىمۇ، مەن رەبدىن كەلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشلەر ۋە ۋەھىيلەر ئۈستىدە توختىلاي. 2مەسىھدە بولغان بىر ئادەمنى تونۇيمەن؛ ئۇ ئون تۆت يىل ئىلگىرى (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ئۈچىنچى قات ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 3مەن شۇنداق بىر كىشىنى بىلىمەن (تەندە بولغان ھالدىمۇ، ياكى تەندىن تاشقىرىمۇ بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ) ــ 4ئۇ جەننەتكە كۆتۈرۈلۈپ، شۇ يەردە تىل بىلەن ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان، ئىنسانلارنىڭ دېيىشى مەنئى قىلىنغان ئاجايىپ ئىشلارنى ئاڭلىدى.

My grace is sufficient for you

5شۇنداق بىر ئادەم بىلەن ماختىنىمەن، ئۆزۈم ھەققىدە بولسا ئاجىزلىقمدىن باشقا بىرەر ئىش بىلەن ماختانمايمەن. 6بۇنىڭ توغرىسىدا ئۇ مەندىن كەتسۇن دەپ رەبگە ئۈچ قېتىم يېلىندىم؛ 7لېكىن ئۇ ماڭا: «مېنىڭ مېھىر-شەپقىتىم ساڭا يېتەرلىك؛ چۈنكى مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم ئىنساننىڭ ئاجىزلىقىدا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» ــ دېدى. شۇڭا مەن مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋۇجۇدۇمدا تۇرسۇن دەپ ئاجىزلىقلىرىمدىن ماختىنىشنى تېخىمۇ خۇشلۇق بىلەن تاللىۋالىمەن؛ 8شۇڭا مەن مەسىھ ئۈچۈن ئاجىزلىقلارنى، ھاقارەتلەرنى، قىيىنچىلىقلارنى، زىيانكەشلىكلەرنى ۋە ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى خۇرسەنلىك دەپ بىلىمەن. چۈنكى قاچان ئاجىز بولسام، شۇ چاغدا كۈچلۈك بولىمەن.

9مەن [ماختىنىپ] دەرۋەقە ئەخمەق بولۇپ قالدىم! لېكىن ئۆزۈڭلار مېنى بۇنىڭغا مەجبۇر قىلدىڭلار. ئەمەلىيەتتە ئەسلىدە مەن سىلەر تەرىپىڭلاردىن تەرىپلىنىشىم كېرەك بولاتتى؛ چۈنكى ھېچ ئەرزىمەس بولساممۇ، مەن ھېلىقى «قالتىس ئۇلۇغ روسۇللار»دىن ھېچ تەرەپتە ھېچ ئىشتا كەم ئەمەسمەن. 10دەرۋەقە مەن ئاراڭلاردا بولغان چاغدا روسۇلنىڭ بېشارەتلىك ئالامەتلىرى، ھەرتەرەپلىك چىدام-سەۋرچانلىق ئىچىدە مۆجىزىلىك ئالامەتلەر، كارامەتلەر ھەم قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر بىلەن ئەمەلدە كۆرسىتىلگەن.

Paul's concern for the church

11سىلەرنى باشقا جامائەتلەردىن قايسى تەرەپتە تۆۋەن ئورۇنغا قويدۇم؟ ــ پەقەتلا ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلارغا يۈك قىلىپ ئارتىپ قويمىغىنىم بىلەنمۇ؟! مېنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىمنى ئەپۇ قىلغايسىلەر! 12مانا، ھازىر يېنىڭلارغا ئۈچىنچى قېتىم بېرىشقا تەييارمەن، شۇنىڭ بىلەن سىلەرگە ھېچ يۈك ئېغىرىمنى سالغۇم يوق. چۈنكى ئىزدىگىنىم ئىگىلىكىڭلار ئەمەس، بەلكى ئۆزۈڭلاردۇر؛ پەرزەنتلىرى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مال-مۈلۈك يىغىشى كېرەك. 13ئەمدى جېنىڭلار ئۈچۈن ئىگىلىكىمدىن خۇشلۇق بىلەن سەرپ قىلىمەن ھەمدە ئۆزۈمنى سەرپ قىلىمەن ــ گەرچە مەن سىلەرنى قانچە سۆيگەنسېرى مەن شۇنچە ئاز سۆيۈلسەممۇ.

14ئەمدى شۇنداق بولغىنى بىلەن، مەن سىلەرگە ھېچ يۈك بولغان ئەمەسمەن؛ بىراق ھېلىگەرلىك قىلىپ، مەن سىلەرنى بابلاپ قويدۇم! 15ئەجەبا، مەن سىلەرگە ئەۋەتكەن ئادەملەرنىڭ بىرەرسى ئارقىلىق سىلەردىن نەپ ئالدىممۇ؟! 16مەن تىتۇسنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا ئۈندىدىم ۋە يەنە ھېلىقى قېرىنداشنىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئەۋەتتىم. تىتۇسنىڭ سىلەردىن نەپ ئېلىپ باققان يېرى بارمۇ؟ بىز ئىككىيلەن ئوخشاش بىر روھتا يۈرۈۋاتمامدۇق؟ بىزنىڭ باسقان ئىزىمىز ئوخشاش ئەمەسمىكەن؟ 17ياكى سىلەر ئەزەلدىن بىزنى «ئۇلار ئالدىمىزدا ئۆزلىرىنى ئاقلاپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتامسىلەر؟ [ئىش ئۇنداق ئەمەس]. بىز پەقەت مەسىھدە بولۇپ خۇدا ئالدىدا سۆزلەۋاتىمىز؛ قىلىۋاتقان ھەممە ئىشلار، ئى سۆيۈملۈكلىرىم، سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنى قۇرۇش ئۈچۈندۇر.

18چۈنكى مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىمدىن چىقماي قېلىشىڭلاردىن، ئۆزۈمنىڭمۇ سىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغان يېرىڭلاردىن چىقماي قېلىشىمدىن، يەنى ئاراڭلاردا غوۋغا-جېدەل، ھەسەتخورلۇق، غەزەپ-نەپرەت، مەنمەنچىلىك، تۆھمەتخورلۇق، غەيۋەتخورلۇق، تەكەببۇرلۇق ۋە پاراكەندىچىلىكلەر بولارمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن؛ 19ــ بۇ قېتىم سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاراڭلاردىكى گۇناھ سادىر قىلىپ، تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۆتكۈزگەن ناپاكلىق، بۇزۇقلۇق ۋە شەھۋانىي ئىشلاردىن تېخى توۋا قىلمىغان نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ سەۋەبىدىن خۇدايىم مېنى ئالدىڭلاردا تۆۋەن قىلىپ قويارمىكىن، شۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ماتەم تۇتماي تۇرالمايمەنمىكىن، دەپ ئەنسىرەيمەن.

Copied!
Aa