2 Corinthians 1
Paul greets the Corinthians
1خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بېكىتىلگەن، مەسىھ ئەيسانىڭ روسۇلى مەنكى پاۋلۇس ۋە قېرىنداش بولغان تىموتىيدىن كورىنت شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان، خۇدانىڭ جامائىتىگە ۋە شۇنىڭدەك پۈتكۈل ئاخايا ئۆلكىسىدىكى بارلىق مۇقەددەس بەندىلەرگە سالام! 2ئاتىمىز خۇدا ھەم رەب ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە خاتىرجەملىك بولغاي!
The God of all comfort
3رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسى، رەھىمدىللىقلارنىڭ ئىگىسى ئاتا، بارلىق رىغبەت-تەسەللىنىڭ ئىگىسى بولغان خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇلغاي! 4بىز ئۇچرىغان ھەرقانداق جاپا-مۇشەققەتتە ئۇ بىزگە رىغبەت-تەسەللى بېرىۋاتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز خۇدا تەرىپىدىن رىغبەتلەندۈرۈلگەن بولۇپ ئۇ بىزگە يەتكۈزگەن رىغبەت-تەسەللى بىلەن ھەرقانداق باشقا جاپا-مۇشەققەتكە ئۇچرىغانلارغا رىغبەت-تەسەللى بېرەلەيدىغان بولدۇق. 5چۈنكى، مەسىھنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى بىز تەرەپكە ئېشىپ تاشقاندەك، مەسىھ ئارقىلىق بولغان رىغبەت-تەسەللىمىزمۇ ئېشىپ تاشىدۇ.
6چۈنكى، ئى قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ ئاسىيادا بىز دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتتىن خەۋەرسىز يۈرۈشۈڭلارنى خالىمايمىز؛ ئۇ ۋاقىتلاردا بىز چىدىغۇسىز ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلدۇق، ھەتتا ھاياتنىڭ ئۆزىدىن ئۈمىد ئۈزگۈدەك بولغانىدۇق؛ 7ئەمما ئۆزىمىزگە ئەمەس، بەلكى ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرگۈچى خۇداغا تايىنىشىمىز ئۈچۈن قەلبىمىزدە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغاندەك يۈرەتتۇق. 8ئۇ بىزنى بۇنداق دەھشەتلىك بىر ئۆلۈمدىن قۇتقۇزغان ۋە ھازىر قۇتقۇزماقتا، ۋە بىزنى يەنىلا قۇتقۇزىدۇ، دەپ ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىدۇق؛ 9سىلەرمۇ بۇنىڭدا ھەم بىز ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەتلەر بىلەن مەدەت بېرىۋاتىسىلەر؛ شۇنداق قىلىپ تالاي ئادەملەرنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق بىزگە كۆرسىتىلگەن ئىلتىپات تۈپەيلىدىن تالاي ئادەملەر [خۇداغا] رەھمەتلەر ئېيتىدىغان بولىدۇ.
10چۈنكى پەخرىمىز، يەنى ۋىجدانىمىزنىڭ گۇۋاھلىقى شۇكى، خۇدانىڭ ئالدىدا ساپ نىيەتلەر ۋە سەمىمىيلىك بىلەن (ئىنسانىي پاراسەت بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن) بىز بۇ دۇنياغا نىسبەتەن ۋە بولۇپمۇ سىلەرگە نىسبەتەن ئۆزىمىزنى تۇتۇۋالىدىغان بولدۇق. 11شۇنىڭ بىلەن مۇشۇنداق ئىشەنچتە بولۇپ مەن ئەسلىدە ئىككىنچى قېتىم سىلەرگە مېھىر-شەپقەتنى يەتكۈزۈشكە ئاۋۋال سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا بارماقچىدىم؛
Why Paul changed his plans
12يەنى، قېشىڭلاردىن ماكېدونىيەگە ئۆتۈپ، ئاندىن ماكېدونىيەدىن يەنە قېشىڭلارغا كېلىشنى، شۇنداقلا سىلەر تەرىپىڭلاردىن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە ئۇزىتىلىشىمنى ئۈمىد قىلغانىدىم. 13مەندە شۇنداق نىيەت بولغاندا، مەن ئۇنى يېنىكلىك بىلەن قارار قىلغانمۇ؟ مەن نىيەت قىلغاندا، مەندە «ئەتلىك» كىشىلەردىكىدەك: بىردەم «بەرھەق، بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق، ياق» دېيىش بارمۇ؟ 14ئەمما خۇدا ئۆز سۆزىدە تۇرغىنىدەك، بىزنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىمىز بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» بولمايدۇ؛ 15چۈنكى بىز (مەن ۋە سىلۋانۇس ۋە تىموتىي)نىڭ ئاراڭلاردا جاكارلىغىنىمىز ــ خۇدانىڭ ئوغلى، ئەيسا مەسىھ، بىردەم «بەرھەق» ۋە بىردەم «ياق» ئەمەستۇر؛ بەلكى ئۇنىڭدا «بەرھەق»لا باردۇر.
16چۈنكى خۇدانىڭ قانچىلىك ۋەدىلىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار ئۇنىڭدا «بەرھەق»تۇر، ۋە بىز ئارقىلىق ئۇنىڭدىمۇ خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان «ئامىن» باردۇر. 17ئەمدى بىزلەرنى سىلەر بىلەن بىللە مەسىھدە چىڭ تۇرغۇزغۇچى بولغىنى ھەم بىزنى مەسىھلىگىنى بولسا خۇدادۇر. 18ئۇ يەنە ئۈستىمىزگە مۆھۈر بېسىپ، قەلبىمىزگە ئۆز روھىنى «كاپالەت» بولۇشقا ئاتا قىلدى.
19ئەمما خۇدانى ئۆز جېنىمغا گۇۋاھچى بولۇشقا چاقىرىمەنكى، كورىنتقا تېخى بارمىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى كۆڭلۇڭلارنى ئاياش ئۈچۈن ئىدى. 20بىز ھەرگىز ئىمان-ئېتىقادىڭلار ئۈستىگە ھۆكۈم سۈرگۈچىلەر ئەمەسمىز، بەلكى سىلەرنىڭ شاد-خۇراملىقىڭلارنى ئاشۇرۇشقا سىلەرگە ھەمكارلاشقۇچىلارمىز؛ چۈنكى سىلەر ئېتىقاد ئارقىلىقلا مەزمۇت تۇرىسىلەر.