1 Corinthians 11

Order in worship

1ئەمما مەن سىلەرنىڭ ھەر ئەرنىڭ بېشى مەسىھدۇر، ئايالنىڭ بېشى ئەردۇر ۋە مەسىھنىڭ بېشى خۇدادۇر دەپ بىلىشىڭلارنى خالايمەن. 2شۇڭا، [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئەر بېشىغا بىرنەرسە ئارتقان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. 3ئەمما [ئىبادەتكە قاتناشقاندا]، ھەرقانداق ئايال بېشىغا بىرەر نەرسە ئارتمىغان ھالدا دۇئا قىلسا ياكى بېشارەت بەرسە، ئۇ ئۆز بېشىغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ؛ بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن، [رەسۋا قىلىنغان] ئايالدىن پەرقى يوقتۇر.

4ئايال كىشىنىڭ بېشىغا ئارتقىنى يوق بولسا، چاچلىرى چۈشۈرۈۋېتىلسۇن؛ ئايالغا نىسبەتەن چاچلىرىنىڭ كېسىۋېتىلىشى ياكى چۈشۈرۈۋېتىلىشى ئۇياتلىق ئىش بولسا، ئەمدى ئۇنىڭ بېشىغا بىرەر ئارتقىنى بولسۇن. 5چۈنكى ئەر كىشى بولسا بېشىنى ياپماسلىقى كېرەك؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ سۈرەت-ئوبرازى ۋە شان-شەرىپىدۇر؛ ئەمما ئايال كىشى بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىدۇر. 6چۈنكى ئەر بولسا ئايالدىن ئەمەس، بەلكى ئايال ئەردىندۇر.

7شۇنىڭدەك ئەر كىشى ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال كىشى ئەر ئۈچۈن يارىتىلغاندۇر. 8بۇ سەۋەبتىن، ھەم پەرىشتىلەرنىڭ سەۋەبىدىن ئايال كىشى بېشىدا ھوقۇق[نىڭ] [بەلگىسىگە] ئىگە بولۇشى كېرەك. 9ھالبۇكى، رەبدە ئايال ئەرسىز بولماس ۋە ئەر ئايالسىز بولماس؛ 10چۈنكى ئايال ئەردىن چىقىرىلغىنىدەك، ئەر ئايال ئارقىلىق [تۇغۇلىدۇ]؛ لېكىن ھەممە ئىش خۇدادىندۇر.

11ئۆز كۆڭلۈڭلاردا باھا بېرىڭلار؛ ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ خۇداغا دۇئا قىلىشى مۇۋاپىقمۇ؟ 12تەبىئەتنىڭ ئۆزى سىلەرگە ئەر كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا ئۇنىڭغا ئۇيات ئىكەنلىكىنى ئۆگەتمىدىمۇ؟ 13ئەمما ئايال كىشىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى بولسا، بۇ ئۇنىڭغا شان-شەرەپ بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى ئۇنىڭغا بېزەك-يېپىنچا بولسۇن دەپ تەقدىم قىلىنغان.

14[بىرسىنىڭ بۇ ئىشلار توغرۇلۇق] تالاش-تارتىش قىلغۇسى بولسا، [شۇنى بىلسۇنكى]، بىزلەردە ھەم خۇدانىڭ جامائەتلىرىدىمۇ شۇلاردىن باشقا ھېچ قائىدىلەر يوقتۇر. 15ئەمما ھازىر دېمەكچى بولغان ئىش، يەنى سىلەر يىغىلغان سورۇنلارغا كەلسەك، ئۇنىڭدا سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن؛ چۈنكى يىغىلغىنىڭلارنىڭ نەتىجىسى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى زىيانلىق بولۇۋاتىدۇ. 16چۈنكى بىرىنچىدىن، سىلەر جامائەتتە يىغىلغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم؛ بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم.

The Lord's supper

17ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەر پەيدا بولماي قالمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا ئاراڭلاردا كىمنىڭ لاياقەتلىك بولغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولمايتتى. 18سىلەر بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، سىلەر [ھەقىقەتەن] «رەبنىڭ زىياپىتى»دىن يېمەيسىلەر. 19چۈنكى يېگىنىڭلاردا ھەربىرىڭلار باشقىلارنىڭ يېيىشىنى كۈتمەيلا ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن غىزانى يەۋېرىسىلەر-دە، بىرسى ئاچ قالىدۇ، يەنە بىرسى مەست بولۇپ كېتىدۇ.

20يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار يوقمۇ؟ خۇدانىڭ جامائىتىنى كۆزگە ئىلماي، يوقسۇللارنى خىجالەتكە قويماقچىمۇسىلەر؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى تەرىپلەمدىمەن؟ ياق، سىلەرنى تەرىپلىمەيمەن. 21چۈنكى مەن سىلەرگە [رەبنىڭ زىياپىتى توغرۇلۇق] يەتكۈزگەنلىرىمنى ئۆزۈم رەبدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن؛ دېمەك، رەب ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىنغان كېچىدە ئۇ قولىغا نان ئېلىپ، 22تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن ئۇنى ئوشتۇپ: «مانا، سىلەرگە ئاتالغان مېنىڭ تېنىم؛ بۇنى مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى.

23شۇنىڭدەك، غىزادىن كېيىن ئۇ جامنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، بۇ جامدىكى شاراب قېنىمدا بولغان «يېڭى ئەھدە»دۇر؛ ھەر قېتىم بۇنىڭدىن ئىچكىنىڭلاردا، مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىڭلار» ــ دېدى. 24چۈنكى سىلەر ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگەن، بۇ جامدىن ئىچكەن بولساڭلار، تاكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىگىچە سىلەر رەبنىڭ ئۆلۈمىنى جاكارلىغان بولىسىلەر. 25شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى لاياقەتسىز ھالدا بۇ ناننى يېسە ياكى رەبنىڭ جامىدىن ئىچسە، رەبنىڭ تېنى ھەم قېنىغا نىسبەتەن گۇناھكار بولىدۇ.

26شۇنىڭ ئۈچۈن ھەربىرسى بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، ئاندىن ناندىن يېسۇن، جامدىن ئىچسۇن. 27چۈنكى [رەبنىڭ] تېنىنى پەرق ئەتمەي تۇرۇپ يېگۈچى ۋە ئىچكۈچى ھەركىم ئۆزىگە ھۆكۈم-جازانى يەتكۈزۈپ يەپ-ئىچىدۇ. 28بۇ سەۋەبتىن ئاراڭلاردىكى نۇرغۇن ئادەملەر زەئىپلىشىپ كېسەل بولدى، ھەتتا خېلى بىر قىسمى [ئۆلۈمدە] ئۇخلاپ قالدى.

29لېكىن ئەگەر ئۆز ئۈستىمىزنى تەكشۈرۈپ ھۆكۈم چىقارغان بولساق، بېشىمىزغا [رەبنىڭ] ھۆكۈم-جازاسى چۈشۈرۈلمەيدىغان بولىدۇ. 30ئەمما گەرچە ئۈستىمىزگە رەب تەرىپىدىن ھۆكۈم-جازالار چۈشۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇنىڭ بىزگە چۈشۈرگەن «تەربىيە جازاسى»دۇر؛ بۇنىڭدىن مەقسەت، بىزنىڭ بۇ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە ھالاكەتكە ھۆكۈم قىلىنماسلىقىمىز ئۈچۈندۇر. 31شۇڭا، ئى قېرىنداشلار، [رەبنىڭ زىياپىتىدە] يېيىشكە جەم بولغىنىڭلاردا، [ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە] بىر-بىرىڭلارنى كۈتۈڭلار.

32بىرسى ئاچ قورساق بولسا ئاۋۋال ئۆيىدە يەپ كەلسۇن؛ شۇنداق قىلىپ سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلار ئۆزۈڭلارغا ھۆكۈم-جازا يەتكۈزمەيدىغان بولىدۇ. قالغان باشقا مەسىلىلەرنى بولسا، مەن بارغىنىمدا تەرتىپكە سالىمەن.

Copied!
Aa