Römer 9

Der Schmerz des Paulus um Israel

1مەن مەسىھتە ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان گەپ ئېيتمايمەن، ۋىجدانىم مۇقەددەس روھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ ئۆزەمگە گۇۋاھلىق قىلماقتا ــ 2قەلبىمدە زور دەرد-ئەلەم ۋە تۈگىمەس ئازاب بار. 3ئۇلۇغ [ئىبرانىي] ئاتا-بوۋىلىرى ئۇلارنىڭكىدۇر؛ جىسمانىي جەھەتتە مەسىھ ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرگۈچى، مەڭگۈ مۇبارەك خۇدادۇر. ئامىن!

4ــ بىراق خۇدانىڭ [ئىسرائىلغا بولغان] سۆزى بىكار بولدى، دېمەيمەن؛ چۈنكى ئىسرائىلدىن بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ؛ 5شۇنىڭدەك، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، ھەممىسىلا ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا ئىبراھىمغا]: «ئىسھاقتىن تۆرەلگەنلەرلا سېنىڭ نەسلىڭ ھېسابلىنىدۇ» ــ دېيىلگەن.

Gottes Freiheit zu erwählen

6دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن [ئىبراھىمدىن] تۆرەلگەن پەرزەنتلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ، بەلكى [خۇدانىڭ] ۋەدىسى ئارقىلىق تۆرەلگەنلەر [ئىبراھىمنىڭ] ھەقىقىي نەسلى ھېسابلىنىدۇ. 7چۈنكى خۇدانىڭ بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق ئىدى: «[كېلەر يىلى] مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن، ساراھ بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ». 8ئۇنىڭ ئۈستىگە، رىۋكاھ بىر ئەردىن، يەنى ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن [قوشكېزەككە] ھامىلىدار بولغاندا، 9خۇددى يەنە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك: «ياقۇپنى سۆيدۈم، ئەساۋدىن نەپرەتلەندىم».

10ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيلى؟ خۇدادا ئادالەتسىزلىك بارمۇ؟ ھەرگىز يوق! 11چۈنكى خۇدا مۇساغا مۇنداق دېگەن: ــ «كىمگە رەھىم قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا رەھىم قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن». 12دېمەك، بۇ ئىش ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئەمەس، بەلكى رەھىمدىللىق كۆرسەتكۈچى خۇداغا باغلىقتۇر.

13چۈنكى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا پىرئەۋنگە مۇنداق دېگەن: ــ «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت دەل شۇكى، قۇدرىتىمنى ئۈستۈڭدە كۆرسىتىش ھەمدە نامىمنىڭ پۈتكۈل جاھانغا جاكارلىنىشى». 14دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى تاش يۈرەك قىلىدۇ. 15ئەمدى بەلكىم سەن ماڭا: «خۇدانىڭ ئىرادىسىگە ھېچكىم قارشى چىقالمايدىغان تۇرسا، ئۇنداقتا خۇدا نېمە ئۈچۈن ئىنساننى ئەيىبلەيدۇ؟» ــ دېيىشىڭ مۇمكىن.

16بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللاشقۇدەك كىمسەن؟ قېلىپتا شەكىللەندۈرۈلۈۋاتقان نەرسە ئۆزىنى شەكىللەندۈرگۈچىگە: ــ «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» ــ دېيەلەمدۇ؟ 17خۇمدانچىنىڭ ئوخشاش بىر كاللەك لايدىن ئېسىل ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ، شۇنداقلا ئادەتتىكى ئورۇنغا ئىشلىتىدىغان قاچىمۇ ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ 18خۇدا ئۆز غەزىپىنى كۆرسىتىشنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى تونۇتۇشنى نىيەت قىلغان بولسا، غەزىپىگە لايىق بولغان، ھالاكەتكە تەييارلانغان «قاچىلار»غا ئادەتتىن تاشقىرى سەۋرچانلىق بىلەن كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟ 19بۇ خۇددى خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم، ئەسلى سۆيمىگەنلەرنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن»؛ 20ۋە يەنە: ــ «بۇرۇن ئۇلارغا: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەسسىلەر» دېيىلگەن جايدا، كەلگۈسىدە دەل شۇ جايدا ئۇلارغا «تىرىك خۇدانىڭ ئوغۇللىرى!» دېگەن نام بېرىلىدۇ».

21يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىل توغرۇلۇق مۇنداق جاكارلىغانىدى: ــ «ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىرلا «قالدى» قۇتقۇزۇلىدۇ؛ 22چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۆز ئىشىنى تۈگىتىۋېتىپ، ھەققانىيلىق بىلەن تېزدىن ئۇنى ئىجرا قىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە ھۆكۈمىنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ». 23يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك: ــ «ئەگەر ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار بىزگە بىر نەسىل قالدۇرمىغان بولسا، سودوم شەھىرىدەك، گوموررا شەھىرىدەك [يوقالغان] بولاتتۇق».

24ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دېيىشىمىز كېرەك؟ ھەققانىيلىققا ئىنتىلمىگەن ئەللىكلەر ھەققانىيلىققا، يەنى ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىرخىل ھەققانىيلىققا ئېرىشتى. 25لېكىن ئىسرائىل ھەققانىيلىقنى كۆرسەتكەن تەۋرات قانۇنىغا ئىنتىلگىنى بىلەن قانۇننىڭ تەلىپىگە يېتەلمىدى. 26نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلارنىڭ [ھەققانىيلىققا] ئىنتىلىشى ئېتىقاد بىلەن ئەمەس، بەلكى «ساۋابلىق ئىشلار» بىلەن ئىدى. ئۇلار «پۇتلىكاشاڭ تاش»قا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى؛ 27خۇددى [مۇقەددەس يازمىلاردا] يېزىلغىنىدەك: «خەلقنى پۇتلىشىدىغان پۇتلىكاشاڭ تاشنى، ئادەمنى يىقىتىدىغان قورام تاشنى زىئونغا قويدۇم، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى ھەرگىز يەرگە قارىتىلىپ قالماس».

Kopiert!
Aa